ئالىكساندىر ئىمپېرىيەسى

ئالىكساندىر ئىمپېرىيەسى

ئالىكساندىر ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاساسى ماكېدونىيە پادىشاھلىقى ئىدى. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 4-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، فىلىپ \u2161 ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋر (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 359-336-يىللار) دە بىرلىككە كەلگەن ماكېدونىيە پادىشاھلىقى شەكىللەنگەن ھەمدە تېزلىكتە قۇدرەت تېپىپ يۇنان شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ زومىگىرىگە ئايلانغان. ماكېدونىيىنىڭ باش كۆتۈرۈشى يۇنان شەھەر دۆلەتلىرى دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.

ئۇيغۇرچە نامى ئالىكساندىر ئىمپېرىيەسى
خەنزۇچە نامى 亚历山大帝国
ئاساسلىق مىللىتى ماكېرونلار،گرېكلەر،پارىسلار
پايتەختى بابىلون
باشقا نامى Alexander empire
ئەلباشى ئالىكساندىر
نوپۇسى 20 مىليون
قىتئە تەۋەلىكى ياۋروپا
سىياسىي تۈزۈلمىسى پادىشاھىلىق مۇستەبىتلىك ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئالىكساندىر ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاساسى ماكېدونىيە پادىشاھلىقى ئىدى. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 4-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، فىلىپ \u2161 ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋر (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 359-336-يىللار) دە بىرلىككە كەلگەن ماكېدونىيە پادىشاھلىقى شەكىللەنگەن ھەمدە تېزلىكتە قۇدرەت تېپىپ يۇنان شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ زومىگىرىگە ئايلانغان. ماكېدونىيىنىڭ باش كۆتۈرۈشى يۇنان شەھەر دۆلەتلىرى دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.

ئالىكساندىر (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 356 −323-يىللار) فىلىپ \u2161 نىڭ ئوغلى. ماكىدونىيە پادىشاھلىقى ئالىكساندىر ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە ئەڭ گۈللەنگەن بولغاچقا، كىشىلەر بۇ غايەت زور ھەم ئۆمرى قىسقا ئىمپېرىيىنى ئالىكساندىرنىڭ نامى بىلەن ئاتاشقا ئادەتلەنگەن.

مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 336-يىلى فىلىپ \u2161 قەستكە ئۇچراپ ئۆلگەن، بۇ چاغدا ماكېدونىيە پۈتكۈل يۇناننى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دۇنياغا زومىگەرلىك قىلىشقا ئاساس سالغانىدى. ئەڭ مۇھىمى شۇكى، ئۇ بىر قابىل ئىزباسار − ئوغلى ئالىكساندىرنى تەربىيىلەپ چىققان.

دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەندە، ئالىكساندىر ئاران 20 ياشتا بولسىمۇ، بىراق ئىستېداتتا قەدىمدىن ھازىرغىچە ئۆتكەن ھەرقانداق بىر پادىشاھتىن قېلىشمايتتى. ئالىكساندىر تەختكە چىققاندىن كېيىن يۇناندىكى توپىلاڭ كۆتۈرگەن شەھەر دۆلەتلىرىنى تېزلىكتە تىنچىتقان، ئاندىن ئارقىغا يېنىپ شەرققە يۈرۈش قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقتىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت − پېرسىيىنى بويسۇندۇرۇشقا ئاتلانغان.

مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 333-يىلى ئالىكساندىر قوشۇن باشلاپ سۈرىيە چېگرىسى ئىچىدىكى ئىسسىي دېگەن جايدا پېرسىيە پادىشاھى دارىئۇس \u2162 قوماندانلىقىدىكى پېرسىيە قوشۇنى بىلەن زور كۆلەملىك جەڭ قىلغان. بۇ قېتىمقى جەڭدە دارىئۇس \u2162 سەپنى تاشلاپ قاچقان، ئۇنىڭ ئايالى، قىزى ۋە ئانىسى ئالىكساندىرغا ئەسىرگە چۈشكەن. ئىككى يىلدىن كېيىن (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى331-يىلى) ئالىكساندىر ئىككى دەريا ۋادىسىدىكى گاۋگامېلدا دارىئۇس \u2162 بىلەن يەنە بىر قېتىم ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان. پېرسىيە قوشۇنلىرى يەنە بىر قېتىم ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولغان، دارىئۇس \u2162 ئۆزى يالغۇز قېچىپ چىقىپ، يولدا قول ئاستىدىكىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

مۇشۇ مەزگىلدە (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 332-يىلى) ئالىكساندىر يەنە قوشۇن باشلاپ ئافرىقىغا بېسىپ كىرىپ، مىسىرنى ئىشغال قىلغان ھەمدە نىل دەرياسى ئېغىزىغا ئۆزىنىڭ نامىدا شەھەر بىنا قىلغان. مانا بۇ مەشھۇر ئالىكساندىرىيە شەھىرىدۇر. بۇ شەھەر ھازىرمۇ مىسىردىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز پورتى ھېسابلىنىدۇ. 

ئالىكساندىر پېرسىيىنى ئىستېلا قىلغاندىن كېيىن، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 327-يىلى ئىران ئېگىزلىكىدىن قوشۇن باشلاپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلغان. ھىندىستاندىكى پەنجاپتا(بەش دەريادا) زور تالاپەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىنلا ئاندىن ھىندى دەريا ۋادىسىنى ئىستېلا قىلالىغان. گەرچە ئالىكساندىر داۋاملىق يۈرۈش قىلىپ گانگ دەريا ۋادىسىنى ئىشغال قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەسكەرلەر داۋاملىق جاپالىق يۈرۈش قىلىپ جەڭ قىلىشقا ۋە ھىندىستاننىڭ ئىسسىق ھاۋا كىلىماتىغا چىدىيالماي قالغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 326-يىلى ئالىكساندىر قايتىشقا مەجبۇر بولۇپ، دېڭىز، قۇرۇقلۇق ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ بابىلونىيىگە قايتقان. 

ئالىكساندىر بابىلنى بۇ غايەت زور ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى قىلىشنى قارار قىلغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 323-يىلى ئالىكساندىر يەنە قوشۇن باشلاپ ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ياۋروپا زېمىنىنى بويسۇندۇرۇشقا تەييارلانغان. بىراق ئۇ يۈرۈشكە ئاتلىنىش ھارپىسىدا كېسەل بولۇپ قېلىپ 33 يېشىدا قازا قىلغان. ئەينى چاغدا ماكىدونىيە ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقا ئۈچ قىتئەنى ھالقىغان مىسلىسىز چوڭ ئىمپېرىيىگە ئايلانغان. ئالىكساندىر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئىمپېرىيىمۇ چاك-چېكىدىن پارچىلىنىپ كەتكەن. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 146-يىلىغا كەلگەندە، ماكېدونىيە رىم تېررىتورىيىسىگە قوشۇۋېتىلگەن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#