شادىنەج
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ماش ياكى نوقۇت چوڭلۇقىدىكى يۇمىلاق ياكى ياپىلاق، رەڭگى قىزىل، سېرىق كۈل رەڭ، قارىغا مايىل، كۆكنارنىڭ رەڭگىدە ياكى ئالىيېشىل ھەر خىل رەڭدە بولىدىغان. ئاسان ئېزىلىدىغان بىر خىل تاش ئۇنىڭدىن باشقا شادىنەجنىڭ قان توختىتىش خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك بولغاچقا «قان توختىتىش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ يەنە كۆپىنچە تۇر تېغىدىن چىقىدىغان بولغاچقا «تۇر تېشى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
قابىز، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، ئىششىق ياندۇرۇش قان توختىتىش جاراھەت ۋە يارىنى پۈتتۈرۈش، پەي ۋە مۇسكۈللارنى قۇۋۋەتلەش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش ، سۈيدۈك ھەيدەش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش خۇسۇسىيىتى بار.
1. يۇيۇلغان شادىنەجنـى ئانارنىڭ سۈيى بىلەن ياكـى باشقا مېۋىلەرنىڭ سۈيى بىلەن ئىچسە قان تۈكۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. يۇيۇلغان سادىنەجنى شاراب بىلەن ئىچسە، سۈيدۈك ھەيدەيدۇ.
3. مۇۋاپىق مىقداردىكى شادىنەجكە قىز تۇغقان ئايالنىڭ سۈتى بىلەن تۇخۇمنىڭ ئېقىنى ئارىلاشتۇرۇپ كۆزىگە تارتسا، كۆزنىڭ ھەممە كېسەللىرىگە پايدا قىلىدۇ. ساپ سۇ بىلەن تارتسا، كىرپىكنى يۇمىشىتىدۇ. ئاقاقىيا بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كۆزگە تارتسا، كۆز كېسەللىكىگە پايدا قىلىدۇ.
4. يۇيۇلغان شادىنەجنى سېپىپ بەرسە ياكى مۇناسىۋەتلىك دورىلار بىلەن قوشۇپ چاپسا، ھەر خىل قاناشنى توختىتىدۇ، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتىدۇ، بۇۋاسىرغا سېپىپ بەرسە، بوۋاسىر قېنىنى توختىتىدۇ، جاراھەت ۋە يارىلارنىڭ چىرىگەن گۆشلىرىنى تۈگىتىپ، يېڭى گۆش ئۈندۈرىدۇ.
5. شادىنەجنى يۇمغاقسۈتنىڭ سۈيى بىلەن مەلھەم قىلپ چاپسا، مۇدۇر - چوقۇر ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك جاراھەتكە پايدا قىلىدۇ، كۆيۈپ قىزىرىپ قالغان ئورۇنغا سۈرسە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھەر ۋاقىت يىغىۋېلىشقا بۇلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.