يالىڭاچ دەرەخ

مەملىكىتىمىزنىڭ جەنۇبىي تەرەپلىرىدە يوپۇرماقسىز بىر خىل دەرەخنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ، ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنىدە سىپسىلىق تاياقلارغا ئوخشاش قىپيالىڭاچ شاخلىرىلا بولىدۇ، شۇڭا «يالىڭاچ دەرەخ» دەپ ئاتالغان.

ئەمەلىيەتتە يالىڭاچ دەرەختىمۇ يوپۇرماق بولىدۇ، بىراق ئۇ ئىنتايىن كىچىك ھەم ناھايىتى تېزلا تۆكۈلۈپ كېتىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى يالىڭاچ دەرەخ
باشقا نامى 光棍树、绿珊瑚、铁罗、神仙棒
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى
تۈركىمى سۈتلۈك ئوت تۈركىمى
ئائىلىسى سۈتلۈك ئوت ئائىلىسى
خەنزۇچە ئىسمى 绿玉树
تەۋەلىكى ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەر سىنىپى
ئۇرۇقدېشى سۈتلۈك ئوت ئۇرۇقدېشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مەملىكىتىمىزنىڭ جەنۇبىي تەرەپلىرىدە يوپۇرماقسىز بىر خىل دەرەخنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ، ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنىدە سىپسىلىق تاياقلارغا ئوخشاش قىپيالىڭاچ شاخلىرىلا بولىدۇ، شۇڭا «يالىڭاچ دەرەخ» دەپ ئاتالغان. 

ئەمەلىيەتتە يالىڭاچ دەرەختىمۇ يوپۇرماق بولىدۇ، بىراق ئۇ ئىنتايىن كىچىك ھەم ناھايىتى تېزلا تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. كىشىلەر ئاسانلىقچە كۆرەلمەيدۇ. يالىڭاچ دەرەخ ئاساسلىقى يېشىل رەڭلىك شاخ-نوتىلىرىغا تايىنىپ ئوزۇقلۇق ياسايدۇ، ئۇنىڭ شاخ-نوتىلىرى ھەمىشە غولدا ئۇدۇل ئۆسىدۇ ياكى ئايلانما بولۇپ ئۆسىدۇ، شاخ-نوتىلىرىدا خىلوروپلاست بار بولۇپ، فوتوسىنتېز ئېلىپ بېرىپ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ياسىيالايدۇ. 

يالىڭاچ دەرەخ سۈتلۈكئوت ئائىلىسىگە كىرىدۇ، ئەسلىي ماكانى ئافرىقىنىڭ جەنۇبىي قىسمى بولۇپ، ئۇ يەرنىڭ كىلىماتى قۇرغاق، ھۆل-يېغىنى ئىنتايىن ئاز. بۇنداق ناچار، مۇدھىش تەبىئىي شارائىتتا، سۇنىڭ پارلىنىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يوپۇرماقلىرى كىچىكلەپ، ناھايىتى ئاسانلا چۈشۈپ كېتىدىغان بولۇپ ئۆزگەرگەن. يالىڭاچ دەرەخنىڭ باشقا جايلارغا كەلتۈرۈپ ئۆستۈرۈلۈشى ئاساسلىقى مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىش ئۈچۈندۇر. ئۇنىڭ ئەسلىدە ئۆز ماكانىدىكى ئېگىزلىكى 7 −8 مېتىر بولۇپ، باشقا كەلتۈرۈپ ئۆستۈرۈلگەن جايلاردا تولىمۇ پاكار ئۆسىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ خەينەن ئارىلىدا كۆپ مىقداردىكى يالىڭاچ دەرەخ ئۆستۈرۈلمەكتە.

يالىڭاچ دەرەخنىڭ شاخ-نوتىلىرىدا خېلى كۆپ سۇ زاپاس ساقلىنىدۇ، تەركىبىدە يەنە ئاق رەڭلىك زەھەرلىك شىرنە سۇيۇقلۇقى بولۇپ، تېرىگە تەگسە تېرىنىڭ سەزگۈرۈلۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، تېرىنى قىزارتىپ ئىششتىۋېتىدۇ. لېكىن، بۇ سۇيۇقلۇق كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيانداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. ئانالىزلارغا ئاساسلانغاندا، سۈتسىمان شىرنە تەركىبىدە ئىنتايىن كۆپ كاربون ھىدرىتلار بولۇپ، يېقىلغۇ چەككىلەپ ئېلىشقا بولىدىكەن. شۇڭا، يالىڭاچ دەرەخ ئۈمىد ئەڭ زور بولغان نېفىت ئۆسۈملۈكى دەپ قارالماقتا. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#