شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چارۋا-قۇش سويۇشنى باشقۇرۇش نىزامى

چارۋا-قۇش سويۇشنى باشقۇرۇش نىزامى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چارۋا-قۇش سويۇشنى باشقۇرۇش نىزامى 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2009-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چارۋا-قۇش سويۇشنى باشقۇرۇش نىزامى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2009-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区畜禽屠宰管理条例
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12-نومۇرلۇق ئېلانى

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چارۋا-قۇش سويۇشنى باشقۇرۇش نىزامى» 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ھازىر ئېلان قىلىندى.

2009-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام چارۋا-قۇش سويۇشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، چارۋا-قۇش مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، جامائەتنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە چارۋا-قۇش سويۇش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا بۇ نىزامغا رىئايە قىلىش كېرەك.

3-ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان چارۋا-قۇش كالا، قوي، ئات، توخۇ، ئۆردەك، غاز قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرى ۋە ئۆي قۇشلىرىنى كۆرسىتىدۇ؛ بۇ نىزامدا ئېيتىلغان چارۋا-قۇش مەھسۇلاتلىرى چارۋا-قۇشنىڭ سويۇلغاندىن كېيىن، پىششىقلانمىغان ئۇچار گۆشى، گۆشى، يېغى، ئىچكى ئەزالىرى، قېنى، سۆڭىكى، بېشى ۋە پاچىقىنى كۆرسىتىدۇ.

4-ماددا ئاپتونوم رايونىمىزدا چارۋا-قۇشنى بېكىتىلگەن جايدا سويۇش، يىغىپ كارانتىن قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

شەخسلەر ئۆزى سويۇپ ئۆزى يەيدىغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ بېكىتىلمىگەن قۇشخانىلاردا چارۋا-قۇش سويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

شەخسلەرنىڭ ئۆزى سويۇپ ئۆزى يەيدىغان چارۋا-قۇشنى بېكىتىلگەن قۇشخانىدا سويۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

سويۇلغان چارۋا-قۇشنى پرىيوم-كارانتىن قىلىش ۋە نازارەت قىلىش «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى» بويىچە بولىدۇ.

5-ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ سودا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئاپتونوم رايوننىڭ چارۋا-قۇش سويۇشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سودامەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ چارۋا-قۇش سويۇشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

يېزا-بازاردىن تۆۋەن ئورۇنلاردىكى كىچىك قۇشخانىلارنى قۇرۇشتا، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سودا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى چارۋىچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈش پىكرى قويۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېكىتىشى بىلەن، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىگە تەستىقلىتىدۇ.

يېزا-بازاردىن تۆۋەن ئورۇنلاردا قۇرۇلغان كىچىك قۇشخانىلارنى چارۋىچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ چارۋىچىلىق، سەھىيە، مۇھىت، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرى چارۋا-قۇش سويۇشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ئادا قىلىدۇ.

6-ماددا ئاپتونوم رايون دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، بېكىتىلگەن قۇشخانىلارنىڭ كۆلىمى، ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا شارائىتى ۋە سۈپەت بىخەتەرلىك ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ دەرىجە بويىچە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ؛ بېكىتىلگەن قۇشخانىلارنى تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، يېڭىلىق يارىتىپ،ئىلمىي بولغان سۈپەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، قۇشخانىنى كۆلەملەشتۈرۈپ، ماشىنىلاشتۇرۇپ، پاكىز باشقۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

7-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى چارۋا-قۇش سويۇشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چارۋا-قۇش سويۇشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا كېرەكلىك خىراجەتنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىدىكى چوڭ–چوڭ ئىشلارنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇشى ۋە ھەل قىلىشى كېرەك.

2-باب بېكىتىلگەن قۇشخانىلارنى قۇرۇش

8-ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ سودا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى چارۋىچىلىق، سەھىيە، مۇھىت تارمىقى شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە مۇۋاپىق جايلاشتۇرۇش، لايىقىدا مەركەزلەشتۈرۈش، ئوبوروتقا پايدىلىق بولۇش، ئاھالىگە قۇلايلىق بولۇش، مۇھىت ئاسراش پرىنسىپى بويىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ بېكىتىلگەن قۇشخانىلارنى قۇرۇش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.

9-ماددا بېكىتىلگەن قۇشخانا قۇرىدىغانلار بېكىتىلگەن قۇشخانا قۇرۇش پىلانلانغان جايدىكى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) سودا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا يازما ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) سودا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ، 20 كۈن ئىچىدە چارۋىچىلىق، سەھىيە، مۇھىت تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، مۇشۇ نىزامنىڭ 10-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرىدۇ ھەمدە پىكرىنى ئاپتونوم رايوننىڭ سودا مەمۇرىي مەسئۇلتارمىقىغا يوللايدۇ.

ئاپتونوم رايوننىڭ سودا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرۈش پىكرىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، 20 كۈن ئىچىدە شەرتكە توشىدىغانلارغا تەستىقلاش قارارى چىقىرىدۇ ھەمدە ئۇلارغا بېكىتىلگەن قۇشخانا گۇۋاھنامىسى، بېكىتىلگەن قۇشخانا بەلگە تاختىسى بېرىدۇ؛ شەرتكە توشمىغانلارغا تەستىقلىماسلىق قارارى چىقىرىدۇ ھەمدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي ئىجازەت قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا تەستىقلىماسلىق ئاساسى ۋە سەۋەبى قاتارلىقلارنى ئۇقتۇرىدۇ.

10-ماددا بېكىتىلگەن قۇشخانىلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:

(1) سويۇش كۆلىمىگە لايىق سۈيى بولۇش،سۈيىنىڭ سۈپىتى دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇش؛

(2) قوتان، سويۇش ئۆيى، جىددىي سويۇش ئۆيى ۋە سويۇش، توڭلىتىپ ساقلاش ئەسلىھەسى، ئۈسكۈنىسى، توشۇش قورالى، پرىيوم ئۈسكۈنىسى، دېزىنفېكسىيىلەش ئەسلىھەسى، دېزىنفېكسىيە دورىسى ۋە بۇلغىما بىرتەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇش؛

(3) كېسەل تەگكەن، زەخىملەنگەن چارۋا-قۇش شۇنىڭدەك چارۋا-قۇش مەھسۇلاتلىرىنى زىيانسىزلاندۇرۇش ئەسلىھەسى دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇش؛

(4) ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە لاياقەتنامىسىنى قانۇن بويىچە ئالغان بولۇش؛

(5) گۆش سۈپىتىنى پرىيوم قىلغۇچىلار دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تەلىپىگە يەتكەن بولۇش، قۇشخانا تېخنىك خادىملىرى قانۇن بويىچە ساغلاملىق ئىسپاتى ئالغان بولۇش؛

(6) مۇسۇلمانچە يېمەكلىك قىلىنىدىغان چارۋا-قۇشنى سويۇشتا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇسۇلمانچە يېمەكلىكنى باشقۇرۇش نىزامى»دىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىش كېرەك؛

(7) قانۇن–نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.

11-ماددا بېكىتىلگەن قۇشخانىلاردىن تەستىق بىلەن قۇرۇلغانلىرىنى ئاپتونوم رايوننىڭ سودا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ.

12-ماددا بېكىتىلگەن قۇشخانىلار بېكىتىلگەن قۇشخانا گۇۋاھنامىسى، ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە لاياقەتنامىسىنى كۆرسىتىپ، سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىدا قانۇن بويىچە رويخەتكە ئالدۇرۇپ، تىجارەت كىنىشكىسى ئالغاندىن كېيىن تىجارەت قىلسابولىدۇ.

13-ماددا بېكىتىلگەن قۇشخانا گۇۋاھنامىسى،بېكىتىلگەن قۇشخانا بەلگە تاختىسى، گۆش سۈپىتى پرىيوم تامغىسى ۋە لاياقەت بەلگىسىنىڭ نۇسخىسىنى ئاپتونوم رايوننىڭ سودا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىر تۇتاش تەييارلايدۇ.

بېكىتىلگەن قۇشخانىلار قانۇن بويىچە ئالغان بېكىتىلگەن قۇشخانا بەلگە تاختىسىنى قۇشخانىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە ئېسىپ قويۇشى كېرەك.

چارۋا–قۇش كارانتىن ئىسپاتى، كارانتىن بەلگىسىنىڭ نۇسخىسىنى ئاپتونوم رايوننىڭ ھايۋانات ساغلاملىقى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تۇتاش تەييارلايدۇ.

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ بېكىتىلگەن قۇشخانا گۇۋاھنامىسى، بېكىتىلگەن قۇشخانا بەلگە تاختىسىنى ئۆزگەرتىشىگە، ھايىنىغا سېتىشىغا، ئارىيەت بېرىشىگە، ئىجارە بېرىشىگە، ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ؛ باشقىلارنىڭ بېكىتىلگەن قۇشخانا گۇۋاھنامىسى، بېكىتىلگەن قۇشخانا بەلگە تاختىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ ئىشلىتىۋېلىشىغا ياكى ياسىۋېلىنغىنىنى ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

14-ماددا يېزا–بازاردىن تۆۋەن جايلاردىكى كىچىك قۇشخانىلار تۆۋەندىكى شەرتكە توشۇشى كېرەك:

(1) چەت، ئاھالىسى تارقاق، قاتناش قۇلايسىز، سويۇش مىقدارى ئاز بولۇش؛

(2) چارۋا–قۇش مەھسۇلاتى شۇ جايدىكى بازارنى تەمىنلەش بىلەنلا چەكلىنىدىغان بولۇش؛

(3) مۇقىم قۇشخانىسى بولۇش؛

(4) قانۇن بويىچە ساغلاملىق ئىسپاتى ئالغان قاسساپلىرى بولۇش؛

(5) ئەقەللىي تازىلىق شارائىتىنى ھازىرلىغان بولۇش؛

(6) ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە لاياقەتنامىسىنى قانۇن بويىچە ئالغان بولۇش؛

(7) دۆلەتنىڭ قانۇن–نىزاملىرى شۇنىڭدەك مەجبۇرىي ئۆلچەملىرىدە بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە تەستىق بىلەن قۇرۇلغان كىچىك قۇشخانىلارنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.

3-باب چارۋا قۇش سويۇش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

15-ماددا بېكىتىلگەن قۇشخانىلار چارۋا–قۇش سويۇشتا دۆلەت بەلگىلىگەن مەشغۇلات قائىدىسى ۋە تېخنىكا تەلىپىگە ئەمەل قىلىشى ھەمدە سويۇلغان چارۋا – قۇشنىڭ كېلىش مەنبەسى، چارۋا–قۇش مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوبوروت يۆنىلىشى ۋە سانىنى ئەينەن خاتىرىلىشى كېرەك، خاتىرىنى ساقلاش مۇددىتى ئىككى يىلدىن كەم بولمايدۇ.

16-ماددا بېكىتىلگەن قۇشخانىلار سويغان چارۋا قۇش ھايۋانات ساغلاملىقى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ قانۇن بويىچە كارانتىن قىلىشىدىن ئۆتكەن بولۇشى ھەمدە ئۇنىڭدا كارانتىن ئىسپاتى ۋە كارانتىن بەلگىسى بولۇشى كېرەك.

17-ماددا ھايۋانات ساغلاملىقى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، چارۋا–قۇش ۋە چارۋا–قۇش مەھسۇلاتلىرىنى كارانتىن قىلىدۇ.

18-ماددا بېكىتىلگەن قۇشخانىلار گۆشنى دۆلەت بەلگىلىگەن گۆش سۈپىتى پرىيوم قائىدىسى بويىچە پرىيوم قىلىشى كېرەك. گۆش سۈپىتى پرىيومى سويۇشنىڭ ئالدى–كەينىدىكى پرىيومنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پرىيوم مەزمۇنى ساغلاملىق ئەھۋالى، يۇقۇملۇق كېسەل ۋە پارازىت قۇرت كېسىلىدىن باشقا كېسەل، سۇ ياكى باشقا ماددا، زىيانلىق ماددا، زىيانلىق بەز كىرگۈزۈلگەن شۇنىڭدەك پرىيوم قىلىنىدىغانلىقىنى دۆلەت بەلگىلىگەن باشقا تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

گۆش سۈپىتىنى پرىيوم قىلغۇچىلار ئارىسىدا كىنىشكابىلەن ئىش ئورنىغا چىقىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. پرىيوم قىلغۇچىلار گۆشنى ئالاقىدار قانۇن–نىزاملاردىكى بەلگىلىمە، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى ۋە پرىيوم قائىدىسى بويىچە پرىيوم قىلىپ، پرىيوم دوكلاتى تەييارلىشى ھەمدە پرىيوم دوكلاتىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.

19-ماددا بېكىتىلگەن قۇشخانىلار گۆش سۈپىتى پرىيومىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك. گۆش سۈپىتىنى چارۋا–قۇش سويغان چاغدىلا پرىيوم قىلىپ، سويۇلغان ۋاقتى، پرىيوم ۋاقتى، پرىيوم ئۆلچىمى، پرىيوم نەتىجىسى شۇنىڭدەك پرىيوم قىلغۇچىلارنى ئەينەن خاتىرىلىشى كېرەك. خاتىرىنى ساقلاش مۇددىتى ئىككى يىلدىن كەم بولسا بولمايدۇ.

بېكىتىلگەن قۇشخانىلار گۆش سۈپىتى پرىيومىدىن ئۆتكەن چارۋا – قۇش مەھسۇلاتىغا گۆش سۈپىتى پرىيومىدىن ئۆتكەنلىك تامغىسىنى باستۇرۇشى ياكى گۆش سۈپىتى پرىيومىدىن ئۆتكەنلىك بەلگىسىنى قويدۇرۇشى؛ پرىيومدىن ئۆتەلمىگەنلىرىنى گۆش سۈپىتى پرىيوم قىلغۇچىلارنىڭ نازارىتىدە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە بىر تەرەپ قىلىشئەھۋالىنى ئەينەن خاتىرىلىشى كېرەك. خاتىرىنى ساقلاش مۇددىتى ئىككى يىلدىن كەم بولسا بولمايدۇ.

20-ماددا بېكىتىلگەن قۇشخانىلار كېسەل تەگكەن، زەخىملەنگەن چارۋا–قۇش ۋە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ھايۋانات ساغلاملىقى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ياكى سودا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ نازارەتچىلىكىدە، دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە زىيانسىزلاندۇرۇشى كېرەك.

زىيانسىزلاندۇرۇش خىراجىتى ۋە زىيىنى ئۈچۈن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ياردەم پۇل بېرىدۇ.

21-ماددا بېكىتىلگەن قۇشخانىلار سېتىپ بولالمىغان چارۋا–قۇش مەھسۇلاتلىرىنى ۋاقتىدا توڭلىتىش ياكى توڭلىتىپ ساقلاشقا ئوخشاش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ساقلىشى كېرەك.

22-ماددا چارۋا–قۇش ۋە چارۋا–قۇش مەھسۇلاتلىرىغا سۇ ياكى باشقا ماددا كىرگۈزۈۋېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

سۇ ياكى باشقا ماددا كىرگۈزۈۋېتىلگەن چارۋا–قۇشنى سويۇش مەنئى قىلىنىدۇ.

سۇ ياكى باشقا ماددا كىرگۈزۈۋېتىلگەن چارۋا-قۇش، چارۋا-قۇش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

سۇ ياكى باشقا ماددا كىرگۈزۈۋېتىلگەن چارۋا-قۇش، چارۋا-قۇش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىپ، يېمەكلىك پىششىقلاش مەنئى قىلىنىدۇ.

چارۋا دورىسى قالدۇقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن ۋە تېنىدە ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان دورا بولغان چارۋا-قۇشنى سويۇش مەنئى قىلىنىدۇ.

23-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ بېكىتىلمەي تۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا چارۋا-قۇش سويىدىغان ئورۇن ياكى شەخسلەرگە قۇشخانا، چارۋا-قۇش مەھسۇلاتلىرىنى ساقلاش ئەسلىھەسى قاتارلىق شارائىت ھازىرلاپ بېرىشىگە، چارۋا-قۇش ۋە چارۋا-قۇش مەھسۇلاتلىرىغا سۇ ياكى باشقا ماددا كىرگۈزۈۋەتكەن ئورۇن ۋە شەخسلەرگە سورۇن قاتارلىق جەھەتلەردە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

24-ماددا چارۋا-قۇش مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان، گۆش يېمەكلىكلىرىنى ئىشلەيدىغان ۋە پىششىقلايدىغان ئورۇن ياكى شەخسلەر شۇنىڭدەك يېمەك-ئىچمەك تىجارەتچىلىرى، كوللېكتىپ ئاشخانىلار ساتىدىغان ۋە ئىشلىتىدىغان چارۋا-قۇش مەھسۇلاتلىرى بېكىتىلگەن قۇشخانىلاردا كارانتىندىن، سۈپەت پرىيومىدىن ئۆتكەن چارۋا-قۇش مەھسۇلاتى بولۇشى شەرت.

كارانتىن، پرىيوم قىلىنمىغان ياكى كارانتىن، پرىيومدىن ئۆتەلمىگەن چارۋا-قۇش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

25-ماددا بېكىتىلگەن قۇشخانىلار مەھسۇلاتىنى قايتۇرۇپ كېلىش تۈزۈمى ئورنىتىشى كېرەك. ئىشلىگەن مەھسۇلاتىنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە توشمايدىغانلىقىنى بايقىغاندا، دەرھال ئىشلەشنى توختىتىپ، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى، ساتقۇچىغا سېتىشنى توختىتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىشى، ئىستېمالچىلارغا ئىشلىتىشنى توختىتىشنى ئۇقتۇرۇشى، بازاردا سېتىلغان مەھسۇلاتلارنى قايتۇرۇپ كېلىشى ھەمدە شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سودا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

بېكىتىلگەن قۇشخانا قايتۇرۇپ كەلگەن مەھسۇلاتقا زىيانسىزلاندۇرۇش، كۆيدۈرۈۋېتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك.

26-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سودا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار مەمۇرىي ئورگانلار مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، چارۋا-قۇش سويۇشنى كۈندىلىك نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار ئىككىدىن كەم بولماسلىقى ھەمدە قانۇن ئىجرا قىلىش كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك.

تەكشۈرۈلىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر تەكشۈرۈشنى قوللىشى ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىشى، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇش، رەت قىلىش ياكى تەھدىت سېلىش، زورلۇق ئىشلىتىشكە ئوخشاش ئۇسۇللار بىلەن توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەك.

27-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سودا مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى پاش قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، پاش قىلىش تېلېفونى، ساندۇقى ياكى ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقىنى ئېلان قىلىشى، مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرگە دائىر پاش قىلىش ماتېرىياللىرىنى قوبۇل قىلىشى ھەمدە قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

4-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

28-ماددا بېكىتىلمىگەن قۇشخانىلاردىن چارۋا-قۇش سويغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سودا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىكار قىلىدۇ، چارۋا-قۇشى، چارۋا-قۇش مەھسۇلاتى، سويۇش قورالى، ئۈسكۈنىسى شۇنىڭدەك قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە مال قىممىتىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ مال قىممىتىنى بېكىتكىلى بولمىسا، ئورۇنغا قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، شەخسكە قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ سۇ ياكى باشقا ماددا كىرگۈزۈۋەتكەن چارۋا-قۇشنى سويغانلار شۇنىڭدەك چارۋا-قۇش ۋە چارۋا-قۇش مەھسۇلاتىغا سۇ ياكى باشقا ماددا كىرگۈزۈۋەتكەنلەرگە ئېغىر جازا بېرىدۇ.

بېكىتىلگەن قۇشخانا گۇۋاھنامىسى، بېكىتىلگەن قۇشخانا بەلگە تاختىسىنى ئىشلىتىۋالغان ياكى ياسىۋېلىنغىنىنى ئىشلەتكەنلەرگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

29-ماددا بېكىتىلگەن قۇشخانىلاردىن بېكىتىلگەن قۇشخانا گۇۋاھنامىسىنى، بەلگە تاختىسىنى ئۆزگەرتكەن، ھايىنىغا ساتقان، ئارىيەت بەرگەن، ئىجارە بەرگەن، ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىرىنىڭ بېكىتىلگەن قۇشخانىلىق سالاھىيىتىنى ئاپتونوم رايوننىڭ سودا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىكار قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ.

30-ماددا بېكىتىلگەن قۇشخانىلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سودا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۆھلەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىنى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئاساسلىق مەسئۇلىغا 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 10مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:

(1) چارۋا-قۇش سويۇشتا دۆلەت بەلگىلىگەن مەشغۇلات قائىدىسى ۋە تېخنىكا تەلىپىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(2) سويغان چارۋا-قۇشنىڭ مەنبەسى، چارۋا–قۇش مەھسۇلاتىنىڭ ئوبوروت يۆنىلىشى ۋە سانىنى ئەينەن خاتىرىلىمىگەنلەر؛

(3) گۆش سۈپىتى پرىيومىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورناتمىغان ياكى يولغا قويمىغانلار؛

(4) گۆش سۈپىتى پرىيومىدىن ئۆتەلمىگەن چارۋا-قۇش مەھسۇلاتلىرىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلمىغان ھەمدە بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئەينەن خاتىرىلىمىگەنلەر؛

(5) بېكىتىلمەي تۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا چارۋا-قۇش سويىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەرگە قۇشخانا، چارۋا– قۇش مەھسۇلاتلىرىنى ساقلاش ئەسلىھەسى قاتارلىق شارائىتلارنى ھازىرلاپ بەرگەنلەر؛

(6) باشقىلارنىڭ چارۋا-قۇش ۋە چارۋا-قۇش مەھسۇلاتلىرىغا سۇ ياكى باشقا ماددا كىرگۈزۈۋەتكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، سورۇن قاتارلىق جەھەتلەردە قۇلايلىق شارائىت يارىتىپ بەرگەنلەر.

باشقا ئورۇنلار ۋە شەخسلەردىن ئالدىنقى تارماقنىڭ (5)، (6) تارماقچىلىرىدا كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرىبولغانلىرى مۆھلەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئورۇنغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ شەخسكە 5000 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

31-ماددا بېكىتىلگەن قۇشخانىلاردىن پرىيومقىلىنمىغان ياكى پرىيومدىن ئۆتەلمىگەن چارۋا-قۇش مەھسۇلاتىنى ساتقانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سودا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ، چارۋا-قۇش مەھسۇلاتىنى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، مال قىممىتىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 3 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئاساسلىق مەسئۇلىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ مال قىممىتىنى بېكىتكىلى بولمىغانلىرىغا 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بېكىتىلگەن قۇشخانىلىق سالاھىيىتىنى ئاپتونوم رايوننىڭ سودا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىكار قىلىدۇ.

32-ماددا بېكىتىلگەن قۇشخانىلاردىن چارۋا-قۇش ۋە چارۋا-قۇش مەھسۇلاتلىرىغا سۇ ياكى باشقا ماددا كىرگۈزۈۋەتكەنلىرىنىڭ سۇ ياكى باشقا ماددا كىرگۈزۈۋەتكەن چارۋا-قۇشى، چارۋا-قۇشمەھسۇلاتى، سويۇش قورالى، ئۈسكۈنىسى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سودا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ، مالقىممىتىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئاساسلىق مەسئۇلىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ مال قىممىتىنى بېكىتكىلى بولمىغانلىرىغا 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بېكىتىلگەن قۇشخانىلىق سالاھىيىتىنى ئاپتونوم رايوننىڭ سودا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىكار قىلىدۇ.

33-ماددا بېكىتىلگەن قۇشخانىلاردىن سۇ ياكى باشقا ماددا كىرگۈزۈۋېتىلگەن چارۋا-قۇشنى سويغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سودا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، سۇ ياكى باشقا ماددا كىرگۈزۈۋېتىلگەن چارۋا-قۇش ۋە چارۋا-قۇش مەھسۇلاتى شۇنىڭدەك قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە مال قىممىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. ئاساسلىق مەسئۇلىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ مال قىممىتىنى بېكىتكىلى بولمىغانلىرىغا قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ تۈزەتمىگەنلىرىنى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بېكىتىلگەن قۇشخانىلىق سالاھىيىتىنى ئاپتونوم رايوننىڭ سودا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىكار قىلىدۇ.

34-ماددا چارۋا-قۇش مەھسۇلاتى ساتىدىغان، گۆش يېمەكلىكى ئىشلەيدىغان، پىششىقلايدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر، يېمەك-ئىچمەك تىجارەتچىلىرى، كوللېكتىپ ئاشخانىلار چارۋا-قۇش مەھسۇلاتىنى ساتقاندا، ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، سەھىيە، سۈپەت پرىيوم تارماقلىرى سېتىلمىغان ۋە ئىشلىتىلمىگەن چارۋا-قۇش مەھسۇلاتى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە مال قىممىتىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەشھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ مال قىممىتىنى بېكىتكىلى بولمىسا، ئورۇنغا 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن، شەخسكە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارنىڭ ئالاقىدار كىنىشكا، گۇۋاھنامىسىنى بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ:

(1) بېكىتىلمىگەن قۇشخانىدا سويسا؛

(2) گۆش سۈپىتى پرىيوم قىلىنمىسا ياكى پرىيومدىن ئۆتەلمىسە؛

(3) سۇ ياكى باشقا ماددىلارنى كىرگۈزۈۋەتسە.

35-ماددا كىچىك قۇشخانىلاردىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كارانتىن ئىسپاتى ئېلىنمىغان، كېسەل تېگىپ ئۆلگەن، زەخىملەنگەن چارۋا-قۇش، سۇ ياكى باشقا ماددا كىرگۈزۈۋېتىلگەن چارۋا-قۇشنى سويغان ياكى سويغاندىن كېيىن، سۇياكى باشقا ماددا كىرگۈزۈۋەتكەن شۇنىڭدەك بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماي، بېكىتىلگەن جايدىن باشقا جايدا ساتقانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، چارۋا-قۇشى، چارۋا-قۇش مەھسۇلاتلىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قىلمىشىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ، قوشۇمچە مال قىممىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

36-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سودامەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى نازارەت قىلىش تەكشۈرۈشتە قۇشخانىلاردىن مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشمايدىغان بولۇپ قالغانلىرىنى بايقىسا، مۆھلەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇشى كېرەك؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ يەنىلا بۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن شەرتنى ھازىرلىيالمىغانلىرىنىڭ بېكىتىلگەن قۇشخانىلىق سالاھىيىتىنى ئاپتونوم رايوننىڭ سودا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىكار قىلىدۇ.

37-ماددا سودا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل رەھبىرى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا شۇ ئورۇن، يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگان ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ:

(1) بېكىتىلگەن قۇشخانىلارنى تەكشۈرۈش، تەستىقلاشتا بەلگىلەنگەن تەرتىپ ۋە شەرتنى قايرىپ قويغانلار؛

(2) مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا قانۇنغا ئەمەل قىلماي، چارۋا-قۇش مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكى ھادىسىسى پەيدا قىلغانلار؛

(3) پاش قىلىش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغان ياكى قانۇنغا خىلاپ ھالدا سويغان، تىجارەت قىلغانلىقىنى بايقىغان تۇرۇقلۇق بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛

(4) كارانتىن قىلىش مەسئۇلىيىتى، پرىيوم قىلىش-نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا قانۇنغا ئەمەل قىلماي، قانۇنغا خىلاپ ھالدا سويۇشقا ياكى پرىيوم، كارانتىندىن ئۆتەلمىگەن چارۋا-قۇش مەھسۇلاتىنىڭ ئوبوروت قىلىنىشىغا سەۋەبچى بولغانلار؛

(5) چارۋا-قۇش مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكى ھادىسىسىنى يوشۇرۇپ مەلۇم قىلمىغانلار؛

(6) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىقتەك باشقا قىلمىشلار.

38-ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش-جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جازا بېرىلىدىغان ياكى چارە كۆرۈلىدىغان باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلار ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

5-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

39-ماددا چوشقا سويۇش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش «گوۋۇيۈەننىڭ چوشقا سويۇشنى باشقۇرۇش نىزامى» بويىچە بولىدۇ. چوشقا سويۇلىدىغان كىچىك قۇشخانىلارنى قۇرۇش، تەستىقلاش ۋە باشقۇرۇشتا مۇشۇ نىزامدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىلىدۇ.

40-ماددا بۇ نىزام 2009-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uyghur.news.cn/2012-04/26/c_131553723.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#