ئۇيغۇرچە نامى ياندۇما يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
تېلېفون رايون نومۇرى 0998
خەنزۇچە ئاتىلىشى 洋大曼乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسى
ماشىنا كودى يېڭى Q

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ياندۇما يېزىسىياندۇما يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە جايلاشقان. ياندۇما يېزىسى ۋاكالەت نومۇرى: 653122201. ياندۇما يېزىسى قىزىلسۇ دەرياسى ئېقىننىڭ سۇ بايلىقى مول، ئەسلىھەلىرى تولۇق، تۇپراق شارائىتى ياخشى بولغان يېڭىشەھەر ناھىيەلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايون. كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق بازارنى يېتەكچى قىلىپ، ئەلا سورتلارنى پائال ئومۇملاشتۇرۇش، «كۆپ پىشۇرۇش تۈزۈمى نى ئۆستۈرۈش ئەندىزىسى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، باغۋەنچىلىك ۋە چارۋىچىلىق زور دەرىجىدە راۋاجلانغان ۋە بىر قەدەر ياخشى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن. 2003-يىلى يېزا بويىچە يېزا ئىگىلىك، سانائەت ئومۇمىي كىرىمى 55 مىليون 997 مىڭ 600 يۈەن، يىل ئاخىرىدا قولدا قالغان چارۋا 58705 تۇياق، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 1937.59 يۈەن، 2002- يىلدىكىدىن 213.44 يۈەن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. مەدەنىيەت، تەربىيەلەش-تەربىيەلىنىش، تەنتەربىيە، تازىلىق، پىلانلىق تۇغۇت قاتارلىق تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلار راۋاجلانغان.

ياندۇما يېزىسىياندۇما يىزىسى تەۋەسىدە 16 كەنت كومىتېتى بار بۇلۇپ، ئۇلار: سەيشەنبە بازاركەنتى، ئاقيار كەنتى، يۇقىرىقى سېغىزلىق كەنتى، بېدىخانا كەنتى، قاتاڭلىق كەنتى، ۋەخپەلەڭگەر كەنتى، تۆۋەن يايلاق كەنتى، دۆڭ كەنتى، يۇقارقى چىگە تۇغ كەنتى، يۇقىرىقى يايلاق كەنتى، بوۋاخۇن لەڭگەر كەنتى، چوكىلىق كەنتى، ساڭ كەنتى، چېقىل كەنتى، ئاياغ چىگەتۇغ كەنتى، تۆگمەنبېشى كەنتى قاتارلىقلار.

يېڭى تارىخىي تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېزىنىڭ  ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، سۈپەتلىك پاختا، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، كېڭەيتىش باغچىسى» تىن ئىبارەت تەرەققىيات پىكىر يولىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، «داڭلىق، يېتەرلىك، ئالاھىدە، نادىر» ۋە «يۇقىرى مەھسۇلاتلىق، ئەلا سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك، تۆۋەن سەرپىياتلىق» كەسىپلەرنى كۆلەملەشكەن، كەسىپلەشكەن بازارلاشتۇرۇش تەرەققىيات يولى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش ۋە ئۆستۈرۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىساد ۋە تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ سىجىل، تېز سۈرئەت بىلەن ساغلام تەرەققىي قىلىپ، 2004 - يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 2100 يۈەن بۇلۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#