- لەڭگەر يېزىسى (كېرىيە ناھىيەسى)
- لەڭگەر يېزىسى (قورغاس ناھىيەسى)
لەڭگەر يېزىسى
لەڭگەر يېزىسى كېرىيە ناھىيەسى نىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، كېرىيە ناھىيەسى بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 38 كىلومېتىر كېلىدۇ، شىمالىي تەرىپى شەنبەبازار بازىرى بىلەن قوشنا، جەنۇبتا كوئېنلۇن تاغ تىزمىسى بىلەن چېگرالىنىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
لەڭگەر يېزىسى كېرىيە ناھىيەسى نىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، كېرىيە ناھىيەسى بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 38 كىلومېتىر كېلىدۇ، شىمالىي تەرىپى شەنبەبازار بازىرى بىلەن قوشنا، جەنۇبتا كوئېنلۇن تاغ تىزمىسى بىلەن چېگرالىنىدۇ، شەرق تەرىپى چۆللۈك. بۇ يېزىدا 48 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى،جەمئىي 4055 دېھقانلار ئائىلسى بار بۇلۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر بىر يېرىم مو كېلىدۇ. بىر يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بىر يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ بار. 2000-يىلىغا كەلگەنگە قەدەر ئۈزۈمچىلىك كۆلىمى 14 مىڭ مو بولۇپ، ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمىدىن %8.06 ئاشقان، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئۈزۈم كۆلىمىنىڭ ئۇزۇنلۇق 0.87 مو بولۇپ، بۇ يېزىدىكى بىر تەبىئىي ئۈزۈم ماكانىغا ئايلىنىپ قالغان.
15-نۆۋەتلىك 5-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى قاتارلىق ئورۇنلار مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، 5 يىلغىچە 6500 مو قىزىل ئۈزۈم، سايۋا ئۈزۈم، مۇناقى ئۈزۈم قاتارلىقلارنى تېرىشنى پىلانلىغان. مەھسۇلات مىقدارىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، «10-بەش يىللىق» پىلان مەزگىلىدە، ئۈزۈم كۆلىمىنى 16500 مودىن ئاشۇرۇغان، كىشى بېشىغا بىر مودىن توغرا كەلگەن. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.