رېماتىزم خاراكتېرلىك يۈرەك كلاپان كېسەللىكى

رېماتىزم خاراكتېرلىك يۈرەك كلاپان كېسەللىكى

ئۆتكۈر رېماتىزم كېسىلى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۈرەك كلاپان پەردىلىرى تالالىشىپ، چاپلىشىپ، كلاپان تارىيىش ياكى تولۇق يېپىلماسلىق قاتارلىق كىلاپان كېسەللىك ئۆزگىرىشنى ئاساس قىلغان يۈرەك كېسەللىك.

غەرب تېبابىتى نامى رېماتىزم خاراكتېرلىك يۈرەك كلاپان كېسەللىكى
كېسەللىك سەۋەبى قان تومۇر ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار 40− 20ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلاردا، ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەردە بىرقەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ.
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
ئاساسلىق ئالامىتى نەپەس قىيىنلىشىدۇ
خەنزۇچە نامى 风 湿 性 心 瓣 膜 病
تەۋە بۆلۈم يۈرەك كېسەللكى بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى يۈرەك

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۆتكۈر رېماتىزم كېسىلى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۈرەك كلاپان پەردىلىرى تالالىشىپ، چاپلىشىپ، كلاپان تارىيىش ياكى تولۇق يېپىلماسلىق قاتارلىق كىلاپان كېسەللىك ئۆزگىرىشنى ئاساس قىلغان يۈرەك كېسەللىكى بولۇپ، كلىنىكىدا نەپەس قىيىنلىشىش، كۆكرەك ئاغرىش، يۆتىلىش، قان تۈكۈرۈش، سول يۈرەك چوڭىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ھەمدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولغان كىلاپان رايونىدا مۇناسىپ ھالدىكى شاۋقۇن تاۋلىنىش كۆرۈلىدۇ ھەم يۈرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىق ئالامەتلەر شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ئىچىدە %40نى ئىگىللەيدۇ. كۆپىنچىسى 40− 20ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلاردا، ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەردە بىرقەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ.

ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرى

سىكارلاتىنا، بادام بەز ياللۇغى، يوتقۇنچاق ياللۇغى، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى، لىمفا تۈگۈنچە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەردە كېسەللىك ئوچىقىدىن ئاجرىلىپ چىققان ئۇفۇنەتلىك ماددىلارنىڭ قوشۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتى بوغۇملارغا بارغاندا بوغۇملارنى ياللۇغلاندۇرۇپ، بوغۇملاردا ھاسىل بولغان ياللۇغلۇق سىرغىتما ماددىلار ۋە ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتى قان ئايلىنىش ئارقىلىق يۈرەك كلاپان پەردىلىرىگە بارغاندا كلاپان پەردىلىرىنى غىدىقلاپ ياللۇغلاندۇرۇشتىن كلاپان پەردىلىرى چاپلىشىپ تالالىشىپ كلاپانلارنىڭ تولۇق يېپىلماسلىقىنى ياكى تارىيىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

شورلۇق بەلغەم خىلىتى

شورلۇق بەلغەم خىلىتى يۈرەك كلاپان پەردىلىرىگە بارغاندا توقۇلما ئارىلىقلىرىدا چۆكمىگە چۈشۈپ، ماددا ئالماشتۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كلاپان پەردىلىرىگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەي ۋە كلاپان پەردە توقۇلما ئارىلىقلىرىدا چىقىپ كېتىشكە تېگىشلىك ماددىلار تۇرۇپ قېلىپ، نەتىجىدە يەرلىك ئورۇننى غىدىقلاپ ياللۇغلاندۇرۇپ، كىلاپانلارنىڭ تولۇق يېپىلماسلىقىنى ۋە تارىيىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرى

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى يۈرەك كلاپان پەردىلىرىگە بارغاندا چۆكمىگە چۈشۈپ، ماددا ئالمىشىشقا توسقۇنلۇق قىلىش سەۋەبىدىن، كلاپان پەردىلىرىگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەي نېكروزلىنىپ ياكى يەرلىك ئورۇندىكى چىقىپ كېتىشكە تېگىشلىك ماددىلار چىقىپ كېتەلمەي، يەرلىك ئورۇننى غىدىقلاپ ياللۇغلاندۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كلاپانلارنىڭ تولۇق يېپىلماسلىقى ۋە تارىيىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

كۈدە سۈيى رەڭلىك سەپرا خىلىتى

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى يۈرەك كلاپان پەردىلىرىنى غىدىقلاپ، يەرلىك ئورۇنغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى ۋە چىقىپ كېتىشكە تېگىشلىك ماددىلارنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تۇرۇپ قالغان چىرىندى ماددىلار يەرلىك ئورۇننى غىدىقلاپ، كلاپان پەردىلىرىنى ياللۇغلاندۇرۇپ، كلاپانلارنىڭ تولۇق يېپىلماسلىقى ۋە تارىيىپ قېلىشىنى ئولتۇرۇپ چىقىرىدۇ. 

يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى سەۋەبى

يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغىنىڭ كلاپان پەردىسىگە تەسىر قىلىشىدىن كلاپان پەردىلىرى ياللۇغلىنىپ، كلاپانلارنىڭ تولۇق يېپىلماسلىقى ۋە تارىيىپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

قان تومۇر ياللۇغى سەۋەبى

قان تومۇر ياللۇغلانغاندا بولۇپمۇ ئائورتا ياللۇغلانغاندا، قان تومۇر ئىچىدە قان تولۇپ، سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولغاچقا، قان تومۇر بوشلۇقى تارىيىپ قان ئېقىمى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، يۈرەك قېرىنچىسى كېڭىيىپ، كلاپان تۈۋى قېلىنلاپ ۋە كېڭىيىپ ھەر خىل كلاپان كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

يۈرەك قېپى ئىچكى پەردە ياللۇغى سەۋەبى

يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغىنىڭ كلاپان پەردىسىگە تەرەققىي قىلىشىدىن كلاپان پەردىلىرى ياللۇغلىنىپ، ھەرخىل كلاپان كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى سەۋەبى

يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى سەۋەبىدىن يۈرەك سول قېرىنچىسىنىڭ يۈكى ئېشىپ تەكرار بېسىمغا ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ بىلەن سول قېرىنچا قېلىنلاش بىلەن بىرگە كلاپان تۈۋى قېلىنلاپ ھەرخىل كلاپان كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

بوغۇم ياللۇغى سەۋەبى

بوغۇم ياللۇغىدىن ياللۇغلۇق سىرغىتما ماددىلار قان ئېقىمى ئارقىلىق يۈرەك كلاپان پەردىلىرىگە بارغاندا كلاپان پەردىلىرىنى ياللۇغلاندۇرۇپ، ھەر خىل كلاپان كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

ئادەتتە كلاپان كېسەللىكلىرى ئىچىدە ئائورتا كلاپانى تولۇق يېپىلماسلىق، ئائورتا كلاپانى تارىيىش، ئىككى قاپقاقلىق كلاپان تولۇق يېپىلماسلىق ۋە ئىككى قاپقاقلىق كلاپان تارىيىش كۆپ ئۇچرايدۇ. 

ئىككى قاپقاقلىق كلاپان تارىيىشنىڭ شەكىل ئۆزگىرىشى 

كلاپان ياپراقچىلىرىنىڭ تۇتاشقان ئورنىدا ياللۇغلىنىش، سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولغاچقا، كلاپان ياپراقچىلىرى چاپلىشىپ ۋە تالالىشىپ، كلاپانلارنىڭ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نورمال بولغاندا كلاپاننىڭ ئېغىزى ~3. 5 3 سانتىمېتىر بولىدۇ. 3 دانە قول بارمىقى سىغىدۇ. ئىككى قاپقاقلىق كلاپان تارايغاندا كلاپانلارنىڭ ئېغىزى بىر سانتىمېتىردىن كىچىك بولىدۇ. ئىككى قاپقاقلىق كلاپان تارىيىش كېسەللىك ئۆزگىرىشى، تارىيىش دەرىجىسى ۋە خاراكتېرىگە ئاساسەن ئىككى تىپقا بۆلىنىدۇ. 

 (1 پاسىل پەردە تىپى: ئاساسىي كلاپان )ئالدىنقى ياپراق( تېنىدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولمايدۇ ياكى يەڭگىل دەرىجىدە بولۇپ، ئۆزلۈكىدىن ھەرىكەتلىنەلەيدۇ. بۇ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ. ① ئەتراپ قىرى چاپلاشقان بولۇپ، ئادەتتە تولۇق يېپىلمالسىق بولمايدۇ. ② كلاپان پەردىسى قېلىنلاپ، ئۇنىڭ ھەرىكىتى پەقەت قىسمەن چەكلىمىگە ئۇچراش بىلەن بىرگە يەڭگىل دەرىجىدە تولۇق يېپىلماسلىق بولىدۇ. ③ پاسىل پەردە ۋارونكىسىمان بولۇپ قالىدۇ. پەي تاناپچىسى ۋە ئەمچەكسىمان مۇسكۇل چاپلىشىپ قىسقارغانلىقتىن كلاپان ياپراقچىسى تۆۋەنگە تارتىشىپ ۋارونكا شەكلىگە كىرىدۇ. ئاساسىي لىلاپان تېنىنىڭ يەنە خېلىلا دەرىجىدە ھەرىكەتچانلىقى بولىدۇ. بەزىدە روشەن ھالدا تولۇق يېپىلماسلىق بولىدۇ. 

 (2 ۋارونكا تىپى: ئاساسىي كلاپان )ئالدىنقى ياپراق( ۋە كىچىك كلاپان ئىنتايىن قېلىنلاشقان ۋە تالالاشقان بولۇپ، كلاپان پەردە ھەرىكىتى يوقىلىدۇ. پەي كانايچىسى ۋە ئەكچەكسىمان مۇسكۇل كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە قىسقىراپ ۋە چاپلىشىپ ۋارونكا شەكلىگە كىرىدۇ. قوشۇمچە ئېنىق تولۇق يېپىلماسلىق بولىدۇ. 

ئىككى قاپقاقلىق كلاپان تولۇق يېپىلماسلىقنىڭ شەكىل ئۆزگىرىشى 

كلاپان پەردىلىرى ياللۇغلىنىش سەۋەبىدىن تالالىشىپ قىسقىرىپ كىچىكلەپ قېتىۋالىدۇ. ئەمچەكسىمان مۇسكۇل ۋە پەي تاناپچىسى قېلىنلاپ چاپلىشىش بىلەن بىرگە كالتسىيلىشىپ قىسقارغانلىقتىن كلاپان پەردىسى نورمال يېپىلمايدۇ. 

ئائورتا كلاپانى تولۇق يېپىلماسلىقنىڭ شەكىل ئۆزگىرىشى 

ئائورتا كلاپانى ياللۇغلىنىش سەۋەبىدىن قېلىنلاپ، قىسقىرىپ ۋە قېتىۋېلىپ، غەيرىي شەكىلگە كىرىپ قالىدۇ. ئائورتا كلاپانى ياپرىقىنىڭ يېپىلىش سىزىقى ئۈستىدە قېلىنلىغان، ئۆسكەن توقۇلما پەيدا بولغاچقا، ئائورتا كلاپان تولۇق يېپىلماسلىق پەيدا بولۇش بىلەن بىرگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئائورتا كلاپان تارىيىدۇ. 

ئائورتا كلاپان تارىيىشىنىڭ شەكىل ئۆزگىرىشى 

كلاپان پەردىلىرى ياللۇغلىنىش سەۋەبىدىن ئائورتا كلاپان تولۇق يېپىلماي تەدرىجىي تارتۇقلاشقان توقۇلمىلار قىسقىرىپ، كلاپان ياپراقچىلىرى ئۆزئارا چاپلىشىپ ئائورتا كىلاپىنى تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

يۇقىرىقىدەك كلاپانلاردا شەكىل ئۆزگىرىش بولۇش بىلەن بىرگە يۈرەكتە خىزمەت ئۆزگىرىشىمۇ بولىدۇ. ئادەتتە ئىككى قاپقاقلىق كلاپان، ئۈچ قاپقاقلىق كلاپان، ئۆپكە ئارتېرىيە كلاپانى ۋە ئائورتا كلاپانلىرىنىڭ ھەممىسىدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بېرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئائورتا ۋە ئىككى قاپقاقلىق كلاپاندىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ. 

ئىككى قاپقاقلىق كلاپان تارىيىشتىن كېلىپ چىققان خىزمەت جەھەتتىكى ئۆزگىرىشى:

ئىككى قاپقاقلىق كلاپان تارىيىشىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى ئىككى دەۋرگە بۆلىنىدۇ. 

سوزۇلما ئۆپكىگە قان قېيىش دەۋرى: ئىككى قاپقاقلىق كلاپان ئېغىزى تارايغانلىقتىن ئېچىلىش دەۋرىدە قاننىڭ يۈرەك سول دالانچىسىدىن يۈرەك سول قېرىنچىسىغا كىرىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغاچقا، يۈرەك سول دالانچىسىغا قان قىيىپ سول دالانچىنىڭ بېسىمى يۇقىرىلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆپكە ۋېناسى بىلەن ئۆپكە قىل قان تومۇرلىرىنىڭ بېسىمى بىرلا ۋاقىتتا يۇقىرىلاپ، سوزۇلما توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكىگە قان قېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

ئۆپكە ئارتېرىيە بېسىمى يۇقىرىلاش ۋە ئوڭ يۈرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىق دەۋرى

ئۇزۇن مۇددەت ئۆپكىگە قان قېيىش تۈپەيلىدىن ئۆپكە ئارتېرىيىسىنىڭ بېسىمى يۇقىرىلايدۇ، نەتىجىدە يۈرەك ئوڭ قېرىنچىسىنىڭ بېسىمى ئېشىپ، تەدرىجىي قېلىنلاپ ۋە كېڭىيىپ، ئوڭ يۈرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

ئىككى قاپقاقلىق كلاپان تولۇق بولماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يۈرەك خىزمىتىدىكى ئۆزگىرىشى

ئىككى قاپقاقلىق كلاپان تولۇق يېپىلماسلىقتىن قىسقىرىش دەۋرىدە بىر قىسىم قان ئارقىغا يېنىپ سول يۈرەك دالانچىسىغا ئېقىپ كىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن سول دالانچىدىكى قان مىقدارى كۆپىيىپ بېسىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن سول يۈرەك دالانچىسىنى كېڭەيتىپ قېلىنلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىچىلىش دەۋرىدە يۈرەك سول قېرىنچىسىغا كىرىدىغان قان مىقدارى نورمال ھالەتتىن كۆپىيىپ كەتكەچكە يۈرەك سول قېرىنچىسى كېڭىيىدۇ ۋە قېلىنلايدۇ، ئاخىرىدا سول يۈرەك قېرىنچىسى ۋە دالانچىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، سول دالانچە بىلەن سول قېرىنچا ئوتتۇرىسىدىكى قاننىڭ تەتۈر ئېقىشىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ ئۆپكىگە قان قېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەتىجىدە ئۆپكە ئارتېرىيە بېسىمى يۇقىرىلاپ، يۈرەك ئوڭ قېرىنچىسىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، يۈرەك ئوڭ قېرىنچىسى قېلىنلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاخىرىدا ئوڭ يۈرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىق كېلىپ چىقىدۇ. 

ئائورتا كلاپان تولۇق يېپىلمىغانلىقتىن سەۋەبىدىن چىققان يۈرەك خىزمىتى جەھەتتىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى

ئائورتا كلاپان تولۇق يېپىلماسلىقتا يۈرەك ئېچىلىش دەۋرىدە سول قېرىنچە يۈرەك سول دالانچىسىدىن كەلگەن قاننى قوبۇل قىلىپلا قالماستىن، ئائورتىدىن كەينىگە يانغان قاننىمۇ قوبۇل قىلىپ، يۈرەك سول قېرىنچىسىنىڭ يۈكىنى زىيادە ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يۈرەك سول قېرىنچىسى قېلىنلاپ كېڭىيىدۇ، سول قېرىنچىنىڭ تولۇش دەرىجىسى يۇقىرى بولغاچقا قىسقىرىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە ئائورتا بېسىمى جىددىي يۇقىرىلاپ، قىسقىرىشنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگە كەلگەندە، ئائورتىنىڭ بېسىمى جىددىي تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ. ئېچىلىشنىڭ دەسلەپكى دەۋرىگە كەلگەندە كۆپ مىقدادىكى قان كەينىگە يېنىپ سول يۈرەك قېرىنچىسىگە كىرگەنلىكتىن تۆۋەنلەش تېخىمۇ روشەن بولۇپ، ئارتېرىيە ئىچىدىكى قان تولۇش مىقدارى ئازلاپ، ئېچىلىش دەۋرىدە ئارتېرىيە بېسىمى تۆۋەنلەپ، تومۇر بېسىمى چوڭىيىش بىلەن بىرگە دولقۇنسىمان تومۇر قاتارلىق بەدەن بەلگىسى پەيدا بولىدۇ. 

يۈرەك سول قېرىنچىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ئىككى قاپقاقلىق كلاپان ھالقىسىمۇ چوڭىيىپ، نىسپىي خاراكتېرلىك ئىككى قاپقاقلىق كلاپان تولۇق يېپىلماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سول يۈرەك قېرىنچە مۇسكۇلى قېلىنلىغانلىقتىن قانغا بولغان ئېھتىياجى ئاشىدۇ. ئەمما ئائورتىنىڭ ئېچىلىش دەۋرىدىكى قان بېسىمى تۆۋەن بولغانلىقتىن تاجسىمان ئارتېرىيىنىڭ قان بىلەن تەمنلىشى يېتەرلىك بولماي، يۈرەك سانجىقى ۋە يۈرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

ئائورتا كلاپانى تارىيىشتىن كېلىپ چىققان خىزمەت جەھەتتىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى

ئائورتا كلاپانى تارىيىش سەۋەبىدىن قىسقىرىش دەۋرىدە، سول يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ ئائورتىغا قان سىقىپ چىقىرىشى ئازىيىپ، قاننى تولۇق چىقىرالماي سول قېرىنچىدىكى قالدۇق قان مىقدارى كۆپىيىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سول يۈرەك دالانچىسىدىن ئېقىپ كىرگەن نورمال قان مىقدارى قوشۇلۇپ، كۆپىيىپ سول قېرىنچىنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يۈرەك سول قېرىنچىسى قېلىنلايدۇ ۋە يەڭگىل دەرىجىدە كېڭىيىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قان ۋە ئوكسىگېن سەرپىياتى ئېشىپ، يۈرەك مۇسكۇلىغا ئوزۇقلۇق ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەي، يۈرەك سانجىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا چوڭ مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمنلىشى يېتەرسىز بولغانلىقتىن باش قېيىش ياكى ھوشىدىن كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئىككى قاپقاقلىق كلاپان تارىيىشنىڭ ئالامىتى

نەپەس قىيىنلىشىش

 دەسلەپتە ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلغاندا كۆرۈلىدۇ. ئېغىر بولغاندا ئولتۇرۇپ نەپەس ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. يۈرەك ھەرىكىتى تېزلەشكەندە سول يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ ئېچىلىش دەۋرىدە قانغا تولۇش ۋاقتى قىسقىرىپ، يۈرەك سول دالانچىسىنىڭ بېسىمى يۇقىرىلاپ ئۆپكە قىل قان تومۇردىكى قان پلازمىسى توقۇلما ئارىلىق بوشلۇقىغا سىزىپ كىرىپ ئۆتكۈر ئۆپكە سۇلۇق ئىششىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن تۇتقاقلىق نەپەس قىيىنلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

يۈرەك رىتىمسىزلىقى

سول يۈرەك دالانچە بېسىمى يۇقىرىلاپ دالانچە يۈكى زىيادە ئېشىپ، دالانچە خاراكتېرلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقىنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن: زىيادە بالدۇر سوقۇش، يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىش ياكى يۈرەك دالانچىسى تىترەش قاتارلىقلار كېلىپ چىقىدۇ. 

يۆتىلىش

بۇ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ، يۆتىلىش كېچىسى تۈز ياتقاندا ياكى ئەمگەكتىن كېيىن پەيدا بولىدۇ.  يۆتەل ئۆپكىگە قان قايغانلىقتىن ياكى چوڭايغان سول يۈرەك سول كانايچىنى باسقانلىقتىن ياكى قوشۇمچە ئۆپكە ۋە كانايدا يۇقۇملىنىش بولغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. 

قان تۆكۈرۈش 

ئىككى قاپقاقلىق كلاپان تارىيىش كېسىلىدە كانايچىلاردىكى ئەگرى-بۈگرى كۆپكەن ۋېنالار يېرىلغانلىقتىن كۆپ مىقداردا قان تۈكۈرىدۇ. ئۆپكە سۇلۇق ئىششىقىدىكى قان تۈكۈرۈشتە كۆپىنچە قىزغۇچ كۆپۈكسىمان بەلغەم تۈكۈرىدۇ. ئۆپكە تىقىلمىسىدا كۆپ مىقداردا قارامتۇل قىزىل رەڭلىك قان تۈكۈرىدۇ. 

كۆكرەك ئاغرىش

ئوڭ يۈرەك قېرىنچىسى قېلىنلاپ، يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمىگەندە كۆكرەك ئاغرىش كېلىپ چىقىدۇ. 

ئۇندىن باشقا، سول يۈرەك دالانچىسى كېڭىيىپ قىزىلئۆڭگەچنى باسقاندا يۇتۇش قىيىنلىشىدۇ. سول ئۆپكە ئارتېرىيىسى كۆرۈنەرلىك كېڭىيىپ سول تەرەپ كېكىردەك قايتقۇچى نېرۋىنى باسقاندا ئاۋاز پۈتۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

يۇقىرىقى ئالامەتلەر كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە بەدەن تەكشۈرگەندە تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ. 

① يۈرەك ئۇچى رايونىدىن ئېچىلىش دەۋرلىك شاۋقۇن ئاڭلىنىدۇ. )بۇ تۆۋەن ئاۋازلىق گۈلدۈرماما شاۋقۇنىدىن ئىبارەت(. بەدەن ۋەزىيىتى ئۆزگەرگەندە، ھەرىكەتتىن كېيىن ۋە روھىي جەھەتتىن خاتىرجەمسىزلىك كۆرۈلگەندە ئاسان ئاڭلىنىدۇ. بۇ قاپقاقلىق كىلاپان تارىيىشىنى ئاڭلاپ تەكشۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئالاھىدە خاراكتېرلىك بەدەن بەلگىسىدىن ئىبارەت. 

② ئىككى مەڭزى بېغىررەڭ بولۇپ، كالپۇكلىرى يېنىك دەرىجىدە كۆكىرىپ، »ئىككى قاپقاقلىق كلاپان چىراي»« نى شەكىللەندۈرىدۇ. 

③ چىكىپ تەكشۈرگەندە يۈرەكنىڭ بوغۇق تاۋۇش چېگرىسى تۆش سۆڭەك سول قىرى ئۈچىنچى قوۋۇرغا ئارىلىقىدىن سولغا كېڭىيىدۇ. 

④ يۈرەك ئۇچى رايونىدا بىرىنچى يۈرەك تاۋۇشى كۈچىيىدۇ. بۇ ئۈرۈلۈش خاراكتېرلىك بىرىنچى يۈرەك تاۋۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 

بۇنىڭ مىخانىزمى: ئېچىلىشنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە سول يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ تولۇشى تولۇق بولمىغانلىقتىن سول دالانچە ئارىلىقىدا بېسىم پەرقى مەۋجۇت بولۇپ، ئىككى قاپقاقلىق كلاپاننىڭ ئالدىنقى ياپرىقى يەنىلا تۆۋەنگە قاراپ ئەڭ تۆۋەن ئورنىدا تۇرىدۇ. يۈرەك سول قېرىنچىسى چىقارغان ۋاقتىدا ئىككى قاپقاقلىق كلاپان ياپرىقى تۇيۇقسىز جىددىيلىشىش بىلەن دەرھال يۆتكىلىپ ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ پاسىل پەردە تىپلىق ئىككى قاپقاقلىق كلاپان تارىيىشىدا كۆرۈلىدۇ. بۇ كلاپان پەردىسىنىڭ ئىلاستىكىلىقى ۋە ھەرىكىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. 

⑤ يۈرەك ئۇچى رايونىنىڭ تۆش سۆڭەك_3 4-قوۋۇرغا ئارىلىقىدا ئىككىنچى يۈرەك تاۋۇشىدىن كېيىنلا يۇقىرى سادالىق قىسقا ۋە جاراڭلىق ئىككى قاپقاقلىق كلاپان ئېچىلغاندىكى ئۈرۈلۈش تاۋۇشىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. 

⑥ ئۆپكە ئارتېرىيە كلاپان رايونىدا ئىككىنچى يۈرەك تاۋۇشى كۈچىيىدۇ. بۇ ئۆپكە ئارتېرىيە بېسىمىنىڭ يۇقىرىلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 

⑦ ئۆپكە ئارتېرىيە بېسىمى يۇقىرىلاش كۆرۈنەرلىك بولغان ۋە ئوڭ يۈرەك قېرىنچىسى چوڭايغان كېسەللىكلەرنىڭ ئۆپكە ئارتېرىيە كلاپان رايونىدا كېڭىيىش مەزگىلىدىكى ئىسقىرتقاندەك شاۋقۇننى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. نەپەس ئالغاندا كۈچىيىپ نەپەس چىقارغاندا ئاجىزلايدۇ. 

⑧ ئۆپكە ئارتېرىيە كلاپان رايونىدىن ئېچىلىش دەۋرلىك شامال سۇققاندەك تاۋۇش ئاڭلىنىدۇ. 

⑨ ئۈچ قاپقاقلىق كلاپان رايونىدىن قىسقىرىش دەۋرلىك شامال سوققاندەك تاۋۇش ئاڭلىنىدۇ. 

10. ئوڭ يۈرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىقنىڭ ئىپادىلىرى: بويۇن ۋېناسى كۆپۈش، جىگەر چوڭىيىش، پۇت ۋە پۈتۈن بەدەن ئىششىش، قورساققا سۇ چۈشۈش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. 

11.  ۆسۈپ تەرەققىي قىلىشى ياخشى بولماسلىق ئىپادىلىرى كۆرۈلىدۇ. مۇشۇ كېسەل بىلەن ئاغرىغان بالىلارنىڭ بەدىنى ئورۇق، ئاجىز، بويى پاكار بولۇپ، كۈچسىز بەدەن تىپىدا بولىدۇ. يۈرەك ئالدى رايونى كۆرۈنەرلىك كۆتۈرۈلۈپ چىققان بولىدۇ. يەنى ئوڭ يۈرەك قېرىنچىسى قېلىنلاشقانلىقتىن تېخى سۆڭەكلەشمىگەن كۆكرەك قەپىزىنى سىرتقا پولتايتىپ »يۈرەك مەنبەلىك دوكلۇق« نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

ئىككى قاپقاقلىق كلاپان تولۇق يېپىلماسلىقنىڭ ئالامىتى

يەڭگىل دەرىجىدىكى ئىككى قاپقاقلىق كلاپان تولۇق يېپىلماسلىقتا ئۆزى ھېس قىلىدىغان ئالامەتلەر بولمايدۇ. نىسبەتەن ئېغىر بولغۇچىلاردا سول يۈرەك دالانچە بېسىمى يۇقىرىلاپ، ئۆپكىدە قان قېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن يۈرەك سېلىش، يۆتىلىش، نەپەس قىيىنلىشىش، چارچاش، ھالسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. كۆپ ساندىكى بىمارلاردا يۈرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىق كۆرۈلگەندىن كېيىن ئاندىن ئەھۋالى ئېغىر بولىدۇ. 

بەدەن بەلگىسى:

يۈرەك ئۇچى رايونىدا قىسقىرىش دەۋرلىك شاۋقۇن ئاڭلىنىدۇ. ئادەتتە شاۋقۇننىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى ئۈچىنچى دەرىجىدە بولىدۇ. ئاۋازى يۇقىرى ھەم جاراڭلىق بولىدۇ. 

يۈرەك ئۇچى رايونىدا بىرىنچى يۈرەك تاۋۇشى ئاجىزلايدۇ. بۇ ئىككى قاپقاقلىق كلاپان ئالدى-ئارقا ياپراقلىرى زەخىملىنىشىتن بولىدۇ. ئەگەر يالغۇز ئارقا ياپراق زەخىملەنگەن بولسا بىرىنچى يۈرەك تاۋۇشى نورمال بولىدۇ. 

يۈرەك ئۇچى رايونىدا دائىم ئۈچىنچى يۈرەك تاۋۇشى پەيدا بولىدۇ. ئېچىلىش دەۋرىدە سول يۈرەك قېرىنچىسى تېز سۈرئەتتە تولغاندا كېڭەيگەن سول يۈرەك قېرىنچە دىۋارى تىترىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

ئۆپكە ئارتېرىيە كلاپان رايونىدىكى ئىككىنچى يۈرەك تاۋۇشى كۈچىيىدۇ ياكى ئاجىزلايدۇ. يۈرەك تاۋۇشىنىڭ كۈچىيىشىنى ئۆپكە ئارتېرىيە بېسىمىنىڭ ئېشىپ كېتىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاجىزلىشىنى سول يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ بالدۇر بوشىنىشىدىن ئائورتا كلاپانى ئۆپكە ئارتېرىيە كلاپانىدىن بۇرۇن يېپىلىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

يۈرەك ئۇچىنىڭ سوقۇشى سول تەرەپ تۆۋەنگە سىلجىيدۇ. دائىم ئالتىنچى قوۋۇرغا ئارىلىقى بىلەن ئوقۇرەك سۆڭەك ئوتتۇرا سىزىقى كېسىشكەن ئورۇننىڭ سىرتىدا بولىدۇ. بۇنى سول يۈرەك قېرىنچىسى چوڭىيىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

تومۇر سوقۇشى ئىنچىكە، كىچىك بولىدۇ، بۇنى سول يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ قان چىقىرىش مىقدارىنىڭ ئازىيىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

ئائورتا كلاپانى تولۇق يېپىلمالسىقنىڭ ئالامىتى

دەسلەپكى دەۋرىدە ھېچقانداق ئالامەت بولمايدۇ ياكى يۈرەك سېلىپ، بويۇن قىسمىدا ياكى باش قىسمىدا لوقۇلداش سېزىمى بولىدۇ، ھەرىكەتتىن كېيىن باش قېيىپ، قۇلاق غۇڭۇلدايدۇ، سول تەرەپنى بېسىپ ياتالمايدۇ، يۈرەك ئالدى رايونى تېلىپ ئاغرىيدۇ، يەنى يۈرەك سانجىقى قوزغىلىدۇ، چارچىغاندىن كېيىن نەپەس قىيىنلىشىدۇ، ئاز ساندىكىلىرى ئەس-ھوشىنى يوقىتىدۇ. 

يۈرەكتىكى بەدەن بەلگىسى:

① ئائورتا كلاپان رايونى ياكى ئائورتا كلاپان ئىككىنچى ئاڭلاش رايونى )تۆش سۆڭەك سول قىرى 3-، 4-قوۋۇرغا ئارىلىقى(دا ئېچىلىش دەۋرلىك شاۋقۇن پەيدا بولىدۇ. 

② ئائورتا كلاپان رايونىدا ئىككىنچى يۈرەك تاۋۇشى ئاجىزلايدۇ ياكى يوقىلىدۇ. 

③ يۈرەك ئۇچى رايونىدا ئېچىلىش دەۋرلىك شاۋقۇن پەيدا بولىدۇ. 

④ يۈرەك بوغۇق تاۋۇش چېگرىسى ۋە يۈرەك ئۇچى سول تۆۋەنگە قاراپ كېڭىيىپ سول تۆۋەن تەرەپكە سىلجىيدۇ. يۈرەك ئۇچى سوقۇشى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، يۈرەك بوغۇق تاۋۇش چېگرىسى ئۆتۈك شەكلىدە بولىدۇ. 

قان تومۇر بەدەن بەلگىسى:

① بىمارنىڭ چىرايى ۋە تېرىلىرى تاتىراڭغۇ بولىدۇ. 

② باشتا سوقۇش خاراكتېرلىك تەۋرەش پەيدا بولۇپ، باشنى لىڭشىتىش بەلگىسى دېيىلىدۇ. 

③ بويۇن ۋە يۇقىرى بىلەك ئارتېرىيىسىدە سەكرەش تىپلىق كۈچلۈك سوقۇش بولىدۇ. 

④ قىسقىراش بېسىمىنىڭ يۇقىرىلىشى، ئېچىلىش بېسىمىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن تومۇر بېسىمى چوڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

ئائورتا كلاپان تارىيىشىنىڭ ئالامىتى

يېنىك دەرىجىدىكى تارىيىشتا كېسەللىك ئالامىتى بولمايدۇ. ئاخىرقى دەۋردە ياكى ئېغىر دەرىجىدىكى تارايغان كېسەللىكلەردە چارچاش، ھالسىزلىنىش، ئەمگەك خاراكتېرلىك ياكى تۇتقاقلىق نەپەس قىيىنلىشىش، يۈرەك سانجىقى قوزغىلىش، باش قېيىش، ئەس-ھوشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. ھەتتا تۇيۇقسىز ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

بەدەن بەلگىسى:

① ئائورتا كلاپان رايونىدىكى قىسقىرىش دەۋرلىك شاۋقۇن ھەرە تارتقاندەك يىرىك ھەم جاراڭلىق بولۇپ، بويۇن ئارتېرىيە رايونى، ئوقۇرەك ئاستى ئارتېرىيىسى، تۆش سۆڭەك سول قىرى، ھەتتا يۈرەك ئۇچىغا قەدەر تارقايدۇ. دائىم قىسقىرىش دەۋرلىك تىترەش بولىدۇ. 

② ئائورتا كلاپان رايونىدا ئىككىنچى يۈرەك تاۋۇشى ئاجىزلايدۇ ياكى يوقىلىدۇ. 

③ يۈرەك ئۇچى سوقۇش ئورنى سول تەرەپ تۆۋەنگە سىلجىيدۇ، ئاستا ھەم كۈچلۈك بولغان كۆتۈرۈلۈش خاراكتېرلىك سوقۇش بولىدۇ. 

④ تومۇر سوقۇلۇشى ئاستا، ئىنچىكە، ئاجىز بولىدۇ، قىسقىرىش بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ.

ئىككى قاپقاقلىق كلاپان تارىيىشنىڭ دىئاگنوز ئاساسى

تىپىك كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. 

ئېچىلىش دەۋرلىك گۈلدۈرمامسىمان شاۋقۇن ئاڭلىنىش بىلەن بىللە تىترەش بولۇش، يۈرەك ئۇچىدا بىرىنچى يۈرەك تاۋۇشى كۈچىيىش، ئۆپكە ئارتېرىيە كلاپان رايونىدا ئىككىنچى يۈرەك تاۋۇشى كۈچىيىش، ئىككى قاپقاقلىق كلاپان تىپلىق چىراي ئىپادىسى كۆرۈلۈش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ. 

قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. 

1) رېنتگېندە تەكشۈرۈش: يەڭگىل بولغاندا يۈرەك سايىسى نورمال بولىدۇ ياكى بارىي بوتقىسى ئىچكۈزۈپ تەكشۈرگەندە، يۈرەك سول دالانچىسىنىڭ قىزىلئۆڭگەچنى يەڭگىل دەرىجىدە باسقانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئوتتۇرا دەرىجىدىن يۇقىرى بولغانلاردا يۈرەك ئامۇت شەكلىگە كىرىدۇ. سول يۈرەك دالانچىسى كۆرۈنەرلىك چوڭىيىپ، ئۆپكە ئارتېرىيە بۆلىكى پۇلتىيىپ چىقىپ، يۈرەك بەل قىسمى يوقىلىپ تۈزلىشىدۇ. 

2) يۈرەك ئېلېكتر كاردىئوگراممىدا تەكشۈرۈش، يەڭگىل بولغاندا پۈتۈنلەي نورمال بولىدۇ. بۇنىڭدا ئىككى قاپقاق كلاپان تىپىدىكى P دولقۇن بولىدۇ. يەنى P دولقۇن كېڭەيگەن بولۇپ، كەسمە ئىز بولىدۇ ياكى ئوڭ كۆكرەك ئۇلانمىلىرىدا چوڭايغان قوش يۆنىلىشلىك P دولقۇن پەيدا بولۇپ، سول يۈرەك دالانچىسى قېلىنلىغانلىقنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ. ئېلېكتر ئوقى ئوڭغا مايىل بولۇش بىلەن بىللە ئوڭ يۈرەك قېرىنچىسى قېلىنلايدۇ ياكى ئوڭ تۇتام شاخچىنىڭ ئۆتكۈزۈشى توسۇلىدۇ. ئاخىرقى دەۋرىدە يۈرەك دالانچىسى تىترەشنىڭ ئالامەتلىرى بولىدۇ. 

3) ئۇلترا ئاۋازلىق يۈرەك ھەرىكەت رەسىمىدە تەكشۈرۈش:

① ئىككى قاپقاقلىق كلاپان ئالدى قانىتىنىڭ ھەرىكەت ئەگرى سىزىقى قوش چوققىلىق ھالەتنى يوقىتىپ، تۈز يانتۇ شەكىلگە ئۆزگىرىدۇ. 

② ئىككى قاپقاقلىق كلاپان ئالدى ئارقا قانىتى كېڭىيىش مەزگىلىدىكى نورمال قارىمۇ قارشى يۆنىلىشلىك ھەرىكەتنى ئۆزگەرتىپ ئوخشاش يۆنىلىشلىك ھەرىكەتلىنىدۇ. 

③ يۈرەك سول دالانچىسى ۋە يۈرەك ئوڭ قېرىنچىسى چوڭىيىدۇ. 

ئىككى قاپقاقلىق كلاپان تولۇق يېپىلماسلىقنىڭ دىئاگنوز ئاساسى

تىپىك كېسەللىك ئالامىتى كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. 

يۈرەك ئۇچى رايونىدىن جاراڭلىق، يۇقىرى ئاۋازلىق، ۋاقتى ئۇزۇن، كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى ئۈچىنچى دەرىجىدىن يۇقىرى بولغان قىسقىرىش دەۋرلىك شاۋقۇن ئاڭلىنىش ھەمدە سول قولتۇق ئاستىغا قاراپ تارقىلىش، يۆتىلىش، نەپەس قىيىنلىشىش، يۈرەك ئۇچى رايونىدا بىرىنچى يۈرەك تاۋۇشى ئاجىزلاش، يۈرەك ئۇچى رايونىدىن دائىم ئۈچىنچى يۈرەك تاۋۇشى پەيدا بولۇش، ئۆپكە ئارتېرىيە كلاپان رايونىدا ئىككىنچى يۈرەك تاۋۇشى كۈچىيىش ياكى ئاجىزلاش، يۈرەك ئۇچىنىڭ سوقۇشى سول تەرەپ تۆۋەنگە قاراپ سىلجىش، تومۇرى ئىنچىكە، كىچىك بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە ئىلگىرى رېماتىزم بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولىدۇ. 

 قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. 

1. رېنتگېندە تەكشۈرۈش: يۈرەك سول قېرىنچىسى سول تۆۋەنگە قاراپ كېڭەيگەن، يۈرەك سول دالانچىسى كېڭىيىش بىلەن يۈرەك بەل قىسمى يوقالغان ياكى ئازراق ئۆرلىگەن بولىدۇ. سول يۈرەك دالانچىسىنىڭ قىسقىرىش دەۋرىدە ئېسىلىش خاراكتېرلىك سوقۇۋاتقانلىقى كۆرگىلى بولىدۇ. بارىي بوتقىسى ئىچكۈزۈپ تەكشۈرگەندە يۈرەك سول دالانچىسى كېڭىيىپ قىزىلئۆڭگەچنى سول تەرەپ ئارقىغا سىلجىتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. 

2. يۈرەك ئېلېكتروكاردىئوگراممىدا تەكشۈرۈش: يەڭگىل بولغاندا يۈرەك ئېلېكتر رەسىمى نورمال بولىدۇ. ئېغىرلىرىدا دائىم سول يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ قېلىنلاش ۋە زەخىملىنىش ئىپادىلىرى كۆرۈلىدۇ. 

3. ئۇلترا ئاۋازلىق يۈرەك ئېلېكتر رەسىمىدە تەكشۈرۈش: سول يۈرەك دالانچە ئارقا دىۋارىدا يۈرەك قېرىنچە قىسقىرىشنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە چوڭقۇرلۇقى تۆت مىللىلىتىردىن چوڭقۇر بولغان «G» ئويمان شەكىللىنىدۇ. 

يۈرەك سول قېرىنچىسى كېڭىيىدۇ، يۈرەك سول قېرىنچىسىنىڭ ئارقا دىۋارىنىڭ ھەرىكەتلىنىش دەرىجىسى كېڭىيىدۇ. 

ئائورتا كلاپان تولۇق يېپىلماسلىقنىڭ دىئاگنوز ئاساسى

تىپىك كېسەللىك ئالامىتى ۋە كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. 

تۆش سۆڭەك سول قىرى 3-، 4-قوۋۇرغا ئارىلىقىدا يۇقىرى ئاۋازلىق شامال پۈۋلىگەندەك تەدرىجىي تۆۋەنلەش تىپىدىكى ئېچىلىش دەۋرلىك شاۋقۇن بولۇش، سول يۈرەك قېرىنچىسى سول تۆۋەنگە قاراپ چوڭىيىش بىلەن يۈرەك بەل قىسمى مەۋجۇت بولۇپ، ئۆتۈك شەكىللىك يۈرەك ھاسىل بولۇش، ئائورتا كلاپان رايونىدا ئىككىنچى يۈرەك تاۋۇشى ئاجىزلاش ياكى يوقىلىش، يۈرەك ئۇچى رايونىدىن گۈلدۈرمامىسىمان شاۋقۇن ئاڭلىنىش، يۈرەك بوغۇق تاۋۇش چېگرىسى سول تۆۋەن تەرەپكە قاراپ سىلجىش، چىرايى تاتىرىش، باشنىڭ تىترىشى يۈرەك سوقۇش بىلەن ماس بويۇن ۋە يۇقىرى بىلەك ئارتېرىيىسىدە سەكرەش تىپلىق كۈچلۈك سوقۇش بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە ئىلگىرى رېماتىزم كېسىلى بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولىدۇ. 

 قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەترىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. 

1. رېنتگېندە تەكشۈرۈش: يۈرەك سول قېرىنچىسى سول تۆۋەنگە قاراپ چوڭايغان بولىدۇ. يۈرەك بەل قىسمى مەۋجۇت بولۇپ، يۈرەك ئۆتۈك شەكىلگە كىرىدۇ. بۇ ئائورتا تىپىدىكى يۈرەك دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئائورتا يايى يېنىك دەرىجىدە كېڭىيىدۇ. يۈرەك قېرىنچىسى ۋە ئائورتىنىڭ سوقۇشى ئېنىق بولىدۇ. سول تەرەپ ئالدىغا قىيپاش قىلىپ تەكشۈرگەندە سول يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ ئارقىغا قاراپ چوڭايغانلىقى كۆرۈلۈپ، ئۇنىڭ سايىسى بەزى ۋاقىتتا سوزۇلۇپ ئومۇرتقىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتىدۇ. 

2. يۈرەك ئېلېكتر رەسىمدە تەكشۈرۈش: يۈرەك ئېلېكتر ئوقى ئوڭغا سىلجىيدۇ، سول يۈرەك قېلىنلاش ۋە زەخىملىنىش ئالامىتى بولىدۇ. 

3. ئۇلترا ئاۋازلىق يۈرەك ھەرىكەت رەسىمىدە تەكشۈرۈش:

① سول يۈرەك قېرىنچىسى چوڭىيىدۇ. سول يۈرەك قېرىنچە ئېقىپ چىقىش يولى ۋە سول يۈرەك قېرىنچە دىۋارى كېڭىيىدۇ. 

② ئائورتا يىلتىز قىسمىنىڭ ئىچكى دىئامېتىرى ۋە ئېچىلىش، قىسقىرىش دەۋرىدىكى دىئامېتىر پەرقى چوڭىيىدۇ. 

③ ئائورتا كلاپان ئەگرى سىزىقنىڭ تەۋرىنىش دەرىجىسى ئاشىدۇ. 

48% ④بىماردا ئىككى قاپقاقلىق كلاپان ئالدىنقى ياپراق ئەگرى سىزىق ئۈستىدە ئېچىلىش دەۋرلىك تەۋرىنىش دولقۇنى پەيدا بولۇپ، تەۋرىنىش قېتىم سانى ھەر سېكۇنتقا ~40 30 قېتىم بولىدۇ. تەۋرىنىش دەرىجىسى تۆت مىللىمېتىردىن كىچىك بولىدۇ. 

ئائورتا كلاپانى تارىيىشنىڭ دىئاگنوز ئاساسى

كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. 

ئائورتا كلاپان رايونىدا جاراڭلىق، قوپال، ھەرە تارتقاندەك قىسقىرىش دەۋرلىك شاۋقۇن بولۇش، بۇ شاۋقۇن بويۇن قىسمىغا تارقىلىش بىلەن بىرلىكتە قىسقىرىش دەۋرلىك تىترەش بولۇش، ئائورتا كلاپان ئىككىنچى تاۋۇشى ئاجىزلاش ياكى يوقىلىش، يۈرەك ئۇچى سوقۇش ئورنى سول تۆۋەن تەرەپكە سىلجىش، يۈرەك ئۇچىنىڭ سوقۇشى ئاستا، كۈچلۈك كۆتۈرۈلۈش خاراكتېرىدە بولۇش، تومۇرى ئىنچىكە، ئاجىز، ئاستا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە ئىلگىرى رېماتىزم كېسىلى بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولىدۇ. 

قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. 

1. رېنتگېنلىق تەكشۈرۈش: كۆپ ساندىكى بىمارلاردا يۈرەك سول قېرىنچىسى قېلىنلاپ چوڭىيىپ، سىرتقى شەكلى يۇمىلاق بولۇپ قالىدۇ. رېنتگېندە قىسقىرىش دەۋرلىك ئاستا سوققانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئائورتا كلاپانى كالتسىيلاشقان سايە كۆرۈلىدۇ. 

2. يۈرەك ئېلېكتر رەسىمىدە تەكشۈرۈش:

① كۆپىنچە سول يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ قېلىنلاش ئىپادىسى بولىدۇ. سول تەرەپ كۆكرەك ئالدى ئۇلانمىلىرىدا كۆپىنچە T دولقۇن تەتۈر چۈشىدۇ. دالانچە قېرىنچە ياكى تۇتام شاخچە ئۆتكۈزۈشنىڭ توسۇلۇش ئىپادىسى بولىدۇ. 

3. ئۇلترا ئاۋازلىق يۈرەك ئېلېكتر رەسىمىدە تەكشۈرۈش:

① ئائورتا كلاپانى ياپرىقىنىڭ ئېچىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. قىسقىرىش دەۋرىدە چاسا شەكىللىك ئەگرى سىزىق ئارىلىقى كىچىكلەيدۇ. 

② ئائورتا كلاپانى قېلىنلاپ ئېچىلىش دەۋرى ئارىلىقىدىكى ئىككى قاپقاقلىق كلاپان ياپراق ئەگرى سىزىقى بىرلىشىپ كېتىپ، نورمالغا قارىغاندا خېلى كەڭرى بولغان بىر تال ئەگرى سىزىق پەيدا بولىدۇ. 

③ يۈرەك سول قېرىنچە دىۋارى قېلىنلايدۇ، يۈرەك قېرىنچە چىقىش يولى كېڭىيىدۇ. 

④ ئائورتا دىۋارى قېلىنلايدۇ. 

بىرلەشمە كلاپان كېسەللىكلىرىنىڭ دىئاگنوز ئاساسى

بىرلەشمە كلاپان كېسىلى بولغاندا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئىككى قاپقاق كلاپان تارىيىشنىڭ ئېچىلىش دەۋرىدىكى شاۋقۇنى بەزى ۋاقىتلاردا ئېنىق بولمايدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئىككى قاپقاقلىق كلاپان تارىيىشنىڭ بار-يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىشتا باشقا ئىپادىلەرگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن: بىرىنچى يۈرەك تاۋۇشى كۈچىيىش، ئىككى قاپقاقلىق كلاپان ئېچىلغاندىكى ئۇرۇلۇش تاۋۇشى، سول يۈرەك دالانچىسى كېڭىيىش، يۈرەك ئالدى رايونىدا يۈرەك سوقۇش دائىرىسى كېڭىيىش، ئوڭ يۈرەك قېرىنچىسى قېلىنلاپ چوڭىيىش ئىپادىلىرى بولۇش قاتارلىقلار بولسا ئىككى قاپقاقلىق كلاپان كېسىلى ئېھتىمالى بولىدۇ. 

ئائورتا كلاپان تولۇق يېپىلماسلىق بىلەن ئىككى قاپقاقلىق كلاپان تارىيىش بىرلىكتە كەلگەن ۋاقتىدا ئەتراپ قان تومۇر بەلگىلىرى ئېنىق بولمايدۇ. بۇ چاغدا ئائورتا كلاپانى تولۇق يېپىلماسلىق بار-يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىشتا باشقا ئىپادىلەرگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن: ئائورتا كلاپان ئىككىنچى ئاڭلاش رايونىدا شامال پۈۋلىگەندەك تەدرىجىي تۈۋەنلەش تىپلىق ئېچىلىش دەۋرلىك شاۋقۇن ئاڭلىنىش قاتارلىق بىرلەشمە كلاپان كېسەللىكلىرىنىڭ ئەھۋالى يەككە كلاپان كېسەللىكىگە قارىغاندا ئېغىر بولۇپ، يۈرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىقنىڭ پەيدا بولۇشى بالدۇر ھەم جاھىلراق بولىدۇ، ئاقىۋىتىمۇ ئانچە ياخشى بولمايدۇ.

ئىككى قاپقاقلىق كلاپان تارىيىشنىڭ دىئاگنوز ئاساسى

تىپىك كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. 

ئېچىلىش دەۋرلىك گۈلدۈرمامسىمان شاۋقۇن ئاڭلىنىش بىلەن بىللە تىترەش بولۇش، يۈرەك ئۇچىدا بىرىنچى يۈرەك تاۋۇشى كۈچىيىش، ئۆپكە ئارتېرىيە كلاپان رايونىدا ئىككىنچى يۈرەك تاۋۇشى كۈچىيىش، ئىككى قاپقاقلىق كلاپان تىپلىق چىراي ئىپادىسى كۆرۈلۈش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ. 

قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. 

1. رېنتگېندە تەكشۈرۈش: يەڭگىل بولغاندا يۈرەك سايىسى نورمال بولىدۇ ياكى بارىي بوتقىسى ئىچكۈزۈپ تەكشۈرگەندە، يۈرەك سول دالانچىسىنىڭ قىزىلئۆڭگەچنى يەڭگىل دەرىجىدە باسقانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئوتتۇرا دەرىجىدىن يۇقىرى بولغانلاردا يۈرەك ئامۇت شەكلىگە كىرىدۇ. سول يۈرەك دالانچىسى كۆرۈنەرلىك چوڭىيىپ، ئۆپكە ئارتېرىيە بۆلىكى پۇلتىيىپ چىقىپ، يۈرەك بەل قىسمى يوقىلىپ تۈزلىشىدۇ. 

2. يۈرەك ئېلېكتر كاردىئوگراممىدا تەكشۈرۈش، يەڭگىل بولغاندا پۈتۈنلەي نورمال بولىدۇ. بۇنىڭدا ئىككى قاپقاق كلاپان تىپىدىكى P دولقۇن بولىدۇ. يەنى P دولقۇن كېڭەيگەن بولۇپ، كەسمە ئىز بولىدۇ ياكى ئوڭ كۆكرەك ئۇلانمىلىرىدا چوڭايغان قوش يۆنىلىشلىك P دولقۇن پەيدا بولۇپ، سول يۈرەك دالانچىسى قېلىنلىغانلىقنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ. ئېلېكتر ئوقى ئوڭغا مايىل بولۇش بىلەن بىللە ئوڭ يۈرەك قېرىنچىسى قېلىنلايدۇ ياكى ئوڭ تۇتام شاخچىنىڭ ئۆتكۈزۈشى توسۇلىدۇ. ئاخىرقى دەۋرىدە يۈرەك دالانچىسى تىترەشنىڭ ئالامەتلىرى بولىدۇ. 

3. ئۇلترا ئاۋازلىق يۈرەك ھەرىكەت رەسىمىدە تەكشۈرۈش:

① ئىككى قاپقاقلىق كلاپان ئالدى قانىتىنىڭ ھەرىكەت ئەگرى سىزىقى قوش چوققىلىق ھالەتنى يوقىتىپ، تۈز يانتۇ شەكىلگە ئۆزگىرىدۇ. 

② ئىككى قاپقاقلىق كلاپان ئالدى ئارقا قانىتى كېڭىيىش مەزگىلىدىكى نورمال قارىمۇ قارشى يۆنىلىشلىك ھەرىكەتنى ئۆزگەرتىپ ئوخشاش يۆنىلىشلىك ھەرىكەتلىنىدۇ. 

③ يۈرەك سول دالانچىسى ۋە يۈرەك ئوڭ قېرىنچىسى چوڭىيىدۇ. 

ئىككى قاپقاقلىق كلاپان تولۇق يېپىلماسلىقنىڭ دىئاگنوز ئاساسى

 تىپىك كېسەللىك ئالامىتى كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. 

يۈرەك ئۇچى رايونىدىن جاراڭلىق، يۇقىرى ئاۋازلىق، ۋاقتى ئۇزۇن، كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى ئۈچىنچى دەرىجىدىن يۇقىرى بولغان قىسقىرىش دەۋرلىك شاۋقۇن ئاڭلىنىش ھەمدە سول قولتۇق ئاستىغا قاراپ تارقىلىش، يۆتىلىش، نەپەس قىيىنلىشىش، يۈرەك ئۇچى رايونىدا بىرىنچى يۈرەك تاۋۇشى ئاجىزلاش، يۈرەك ئۇچى رايونىدىن دائىم ئۈچىنچى يۈرەك تاۋۇشى پەيدا بولۇش، ئۆپكە ئارتېرىيە كلاپان رايونىدا ئىككىنچى يۈرەك تاۋۇشى كۈچىيىش ياكى ئاجىزلاش، يۈرەك ئۇچىنىڭ سوقۇشى سول تەرەپ تۆۋەنگە قاراپ سىلجىش، تومۇرى ئىنچىكە، كىچىك بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە ئىلگىرى رېماتىزم بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولىدۇ. 

قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. 

1. رېنتگېندە تەكشۈرۈش: يۈرەك سول قېرىنچىسى سول تۆۋەنگە قاراپ كېڭەيگەن، يۈرەك سول دالانچىسى كېڭىيىش بىلەن يۈرەك بەل قىسمى يوقالغان ياكى ئازراق ئۆرلىگەن بولىدۇ. سول يۈرەك دالانچىسىنىڭ قىسقىرىش دەۋرىدە ئېسىلىش خاراكتېرلىك سوقۇۋاتقانلىقى كۆرگىلى بولىدۇ. بارىي بوتقىسى ئىچكۈزۈپ تەكشۈرگەندە يۈرەك سول دالانچىسى كېڭىيىپ قىزىلئۆڭگەچنى سول تەرەپ ئارقىغا سىلجىتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. 

2. يۈرەك ئېلېكتروكاردىئوگراممىدا تەكشۈرۈش: يەڭگىل بولغاندا يۈرەك ئېلېكتر رەسىمى نورمال بولىدۇ. ئېغىرلىرىدا دائىم سول يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ قېلىنلاش ۋە زەخىملىنىش ئىپادىلىرى كۆرۈلىدۇ. 

3. ئۇلترا ئاۋازلىق يۈرەك ئېلېكتر رەسىمىدە تەكشۈرۈش: سول يۈرەك دالانچە ئارقا دىۋارىدا يۈرەك قېرىنچە قىسقىرىشنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە چوڭقۇرلۇقى تۆت مىللىلىتىردىن چوڭقۇر بولغان «G» ئويمان شەكىللىنىدۇ. 

يۈرەك سول قېرىنچىسى كېڭىيىدۇ، يۈرەك سول قېرىنچىسىنىڭ ئارقا دىۋارىنىڭ ھەرىكەتلىنىش دەرىجىسى كېڭىيىدۇ. 

ئائورتا كلاپان تولۇق يېپىلماسلىقنىڭ دىئاگنوز ئاساسى

تىپىك كېسەللىك ئالامىتى ۋە كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. 

تۆش سۆڭەك سول قىرى 3-، 4-قوۋۇرغا ئارىلىقىدا يۇقىرى ئاۋازلىق شامال پۈۋلىگەندەك تەدرىجىي تۆۋەنلەش تىپىدىكى ئېچىلىش دەۋرلىك شاۋقۇن بولۇش، سول يۈرەك قېرىنچىسى سول تۆۋەنگە قاراپ چوڭىيىش بىلەن يۈرەك بەل قىسمى مەۋجۇت بولۇپ، ئۆتۈك شەكىللىك يۈرەك ھاسىل بولۇش، ئائورتا كلاپان رايونىدا ئىككىنچى يۈرەك تاۋۇشى ئاجىزلاش ياكى يوقىلىش، يۈرەك ئۇچى رايونىدىن گۈلدۈرمامىسىمان شاۋقۇن ئاڭلىنىش، يۈرەك بوغۇق تاۋۇش چېگرىسى سول تۆۋەن تەرەپكە قاراپ سىلجىش، چىرايى تاتىرىش، باشنىڭ تىترىشى يۈرەك سوقۇش بىلەن ماس بويۇن ۋە يۇقىرى بىلەك ئارتېرىيىسىدە سەكرەش تىپلىق كۈچلۈك سوقۇش بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە ئىلگىرى رېماتىزم كېسىلى بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولىدۇ. 

قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەترىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. 

1.  رېنتگېندە تەكشۈرۈش: يۈرەك سول قېرىنچىسى سول تۆۋەنگە قاراپ چوڭايغان بولىدۇ. يۈرەك بەل قىسمى مەۋجۇت بولۇپ، يۈرەك ئۆتۈك شەكىلگە كىرىدۇ. بۇ ئائورتا تىپىدىكى يۈرەك دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئائورتا يايى يېنىك دەرىجىدە كېڭىيىدۇ. يۈرەك قېرىنچىسى ۋە ئائورتىنىڭ سوقۇشى ئېنىق بولىدۇ. سول تەرەپ ئالدىغا قىيپاش قىلىپ تەكشۈرگەندە سول يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ ئارقىغا قاراپ چوڭايغانلىقى كۆرۈلۈپ، ئۇنىڭ سايىسى بەزى ۋاقىتتا سوزۇلۇپ ئومۇرتقىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتىدۇ. 

2. يۈرەك ئېلېكتر رەسىمدە تەكشۈرۈش: يۈرەك ئېلېكتر ئوقى ئوڭغا سىلجىيدۇ، سول يۈرەك قېلىنلاش ۋە زەخىملىنىش ئالامىتى بولىدۇ. 

3. ئۇلترا ئاۋازلىق يۈرەك ھەرىكەت رەسىمىدە تەكشۈرۈش:

① سول يۈرەك قېرىنچىسى چوڭىيىدۇ. سول يۈرەك قېرىنچە ئېقىپ چىقىش يولى ۋە سول يۈرەك قېرىنچە دىۋارى كېڭىيىدۇ. 

② ئائورتا يىلتىز قىسمىنىڭ ئىچكى دىئامېتىرى ۋە ئېچىلىش، قىسقىرىش دەۋرىدىكى دىئامېتىر پەرقى چوڭىيىدۇ. 

③ ئائورتا كلاپان ئەگرى سىزىقنىڭ تەۋرىنىش دەرىجىسى ئاشىدۇ. 

48% ④بىماردا ئىككى قاپقاقلىق كلاپان ئالدىنقى ياپراق ئەگرى سىزىق ئۈستىدە ئېچىلىش دەۋرلىك تەۋرىنىش دولقۇنى پەيدا بولۇپ، تەۋرىنىش قېتىم سانى ھەر سېكۇنتقا ~40 30 قېتىم بولىدۇ. تەۋرىنىش دەرىجىسى تۆت مىللىمېتىردىن كىچىك بولىدۇ. 

ئائورتا كلاپانى تارىيىشنىڭ دىئاگنوز ئاساسى

كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. 

ئائورتا كلاپان رايونىدا جاراڭلىق، قوپال، ھەرە تارتقاندەك قىسقىرىش دەۋرلىك شاۋقۇن بولۇش، بۇ شاۋقۇن بويۇن قىسمىغا تارقىلىش بىلەن بىرلىكتە قىسقىرىش دەۋرلىك تىترەش بولۇش، ئائورتا كلاپان ئىككىنچى تاۋۇشى ئاجىزلاش ياكى يوقىلىش، يۈرەك ئۇچى سوقۇش ئورنى سول تۆۋەن تەرەپكە سىلجىش، يۈرەك ئۇچىنىڭ سوقۇشى ئاستا، كۈچلۈك كۆتۈرۈلۈش خاراكتېرىدە بولۇش، تومۇرى ئىنچىكە، ئاجىز، ئاستا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە ئىلگىرى رېماتىزم كېسىلى بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولىدۇ. 

قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. 

1.  رېنتگېنلىق تەكشۈرۈش: كۆپ ساندىكى بىمارلاردا يۈرەك سول قېرىنچىسى قېلىنلاپ چوڭىيىپ، سىرتقى شەكلى يۇمىلاق بولۇپ قالىدۇ. رېنتگېندە قىسقىرىش دەۋرلىك ئاستا سوققانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئائورتا كلاپانى كالتسىيلاشقان سايە كۆرۈلىدۇ. 

2.  يۈرەك ئېلېكتر رەسىمىدە تەكشۈرۈش:

① كۆپىنچە سول يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ قېلىنلاش ئىپادىسى بولىدۇ. سول تەرەپ كۆكرەك ئالدى ئۇلانمىلىرىدا كۆپىنچە T دولقۇن تەتۈر چۈشىدۇ. دالانچە قېرىنچە ياكى تۇتام شاخچە ئۆتكۈزۈشنىڭ توسۇلۇش ئىپادىسى بولىدۇ. 

3. ئۇلترا ئاۋازلىق يۈرەك ئېلېكتر رەسىمىدە تەكشۈرۈش:

① ئائورتا كلاپانى ياپرىقىنىڭ ئېچىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. قىسقىرىش دەۋرىدە چاسا شەكىللىك ئەگرى سىزىق ئارىلىقى كىچىكلەيدۇ. 

② ئائورتا كلاپانى قېلىنلاپ ئېچىلىش دەۋرى ئارىلىقىدىكى ئىككى قاپقاقلىق كلاپان ياپراق ئەگرى سىزىقى بىرلىشىپ كېتىپ، نورمالغا قارىغاندا خېلى كەڭرى بولغان بىر تال ئەگرى سىزىق پەيدا بولىدۇ. 

③ يۈرەك سول قېرىنچە دىۋارى قېلىنلايدۇ، يۈرەك قېرىنچە چىقىش يولى كېڭىيىدۇ. 

④ ئائورتا دىۋارى قېلىنلايدۇ. 

بىرلەشمە كلاپان كېسەللىكلىرىنىڭ دىئاگنوز ئاساسى

بىرلەشمە كلاپان كېسىلى بولغاندا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئىككى قاپقاق كلاپان تارىيىشنىڭ ئېچىلىش دەۋرىدىكى شاۋقۇنى بەزى ۋاقىتلاردا ئېنىق بولمايدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئىككى قاپقاقلىق كلاپان تارىيىشنىڭ بار-يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىشتا باشقا ئىپادىلەرگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن: بىرىنچى يۈرەك تاۋۇشى كۈچىيىش، ئىككى قاپقاقلىق كلاپان ئېچىلغاندىكى ئۇرۇلۇش تاۋۇشى، سول يۈرەك دالانچىسى كېڭىيىش، يۈرەك ئالدى رايونىدا يۈرەك سوقۇش دائىرىسى كېڭىيىش، ئوڭ يۈرەك قېرىنچىسى قېلىنلاپ چوڭىيىش ئىپادىلىرى بولۇش قاتارلىقلار بولسا ئىككى قاپقاقلىق كلاپان كېسىلى ئېھتىمالى بولىدۇ. 

ئائورتا كلاپان تولۇق يېپىلماسلىق بىلەن ئىككى قاپقاقلىق كلاپان تارىيىش بىرلىكتە كەلگەن ۋاقتىدا ئەتراپ قان تومۇر بەلگىلىرى ئېنىق بولمايدۇ. بۇ چاغدا ئائورتا كلاپانى تولۇق يېپىلماسلىق بار-يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىشتا باشقا ئىپادىلەرگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن: ئائورتا كلاپان ئىككىنچى ئاڭلاش رايونىدا شامال پۈۋلىگەندەك تەدرىجىي تۈۋەنلەش تىپلىق ئېچىلىش دەۋرلىك شاۋقۇن ئاڭلىنىش قاتارلىق بىرلەشمە كلاپان كېسەللىكلىرىنىڭ ئەھۋالى يەككە كلاپان كېسەللىكىگە قارىغاندا ئېغىر بولۇپ، يۈرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىقنىڭ پەيدا بولۇشى بالدۇر ھەم جاھىلراق بولىدۇ، ئاقىۋىتىمۇ ئانچە ياخشى بولمايدۇ.

ۋاقتىدا جىددىي تەدبىر قوللىنىلسا كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا ياخشى چارە قىلىنمىسا كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ تۆۋەندىكى كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

نەپەس يوللىرى يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت ئۆپكىگە قان قايغانلىقتىن ئۆپكە توقۇلمىلىرى زەخىملىنىپ ئاسان يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

يۈرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت ئۆپكىگە قان قېيىپ نەپەس يولى يۇقۇملىنىش ۋە باشقا ئامىللار سەۋەبىدىن يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ يۈكى ئېشىپ يۈرەك زەئىپلىكى كېلىپ چىقىدۇ. 

 يۈرەك رىتىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.سول يۈرەك دالانچىسىنىڭ يۈكى تەكرار ئېشىپ كەتكەندە دالانچىلارنىڭ بولۇپمۇ سول دالانچىنىڭ تىترىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە كۆپىنچە دالانچە تىترەشتىن بۇرۇن دالانچە خاراكتېرلىك زىيادە بالدۇر سوقۇش، يۈرەك دالانچىسى لىپىلداش ياكى تۇتقاقلىق يۈرەك دالانچە تىترەش بولۇپ، ئاندىن داۋاملىشىش خاراكتېرلىك يۈرەك دالانچىسى تىترەشكە ئايلىنىدۇ. 

جاراسىملىق يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەخمىنەن10% -6 نى ئىگخلەيدۇ. مۇتلەق كۆپچىلىكى چوڭ كىشىلەردە بولۇپ، بالىلاردا ائز ئۇچرايدۇ. 

ھەرخىل كەپلەشمىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ەخمىنەن10%-5 نى ئىگىلەيدۇ. ئۇزۇن مۇددەت قان قايغانلىقتىن قېرىنچە دىۋارىغا ھەرخىل نۇكچىلەرنى شەكىللەندۈرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن قان ئېقىمى ئاستا بولغاچقا، ئاسانلا ۋېنالاردا نۇكچە شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ نۇكچىلەر قان ئېقىمى ئارقىلىق مېڭە ۋە باشقا ئورۇنلارغا بېرىپ مېڭە قان تومۇر ياكى باشقا ئورۇنلاردىكى قان تومۇرلاردا توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

ئۆتكۈر ئۆپكە سۇلۇق ئىششىقىنى پەيدا قىلىدۇ.سول يۈرەكنىڭ قان چىقىرىش مىقدارى ئازايغانلىقتىن ئۆپكە ۋېناسى بىلەن ئۆپكە قىلقانتومۇرلىرىنىڭ ئىچكى بېسىمى تۇيۇقسىز يۇقىرىلاپ، كۆپ مىقداردىكى قان پلازمىسى ئۆپكە ئارىلىق ماددىسى ۋە ئۆپكە پۈۋەكچىسىگە سىزىپ كىرىش بىلەن ئۆپكە سۇلۇق ئىششىقىنى پەيدا قىلىدۇ.

1. خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

2. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىل كېسەللىكلەرگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ كېسەللىك سەۋەبى يوقىتىلىدۇ. 

3. قان تومۇرنى كېڭەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ. 

4. نەپەس راۋانلاشتۇرۇش، بەلغەم بوشىتىش، يۆتەل پەسەيتىش، نەپەس يولىنى راۋانلاشتۇرۇش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ. 

5. ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە دورىلار ئىشلىتىلىدۇ. 

6. ئوپېراتسىيە قىلىنىدۇ.

ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا قان تازىلاش مەقسىتىدە چىلان شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا ~50 30 مىللىلىتىردىن؛ مەتبۇخى ھىلىلە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا ~80 60 مىللىلىتىردىن؛ مەتبۇخى شاھتەررە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، ئىترىفىل چۆبچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ ئەرقى شاھتەررە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا ~100 80 مىللىلىتىردىن؛ ئۆشبە شەربىتى كۈندە ئۈچ كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن؛ مەجۇنى ئۆشبە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10گرامدىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. 

شورلۇق بەلغەم خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى دورىلاردىن سازەج، بالەنگو، رەيھان ئۇرۇقى، نارمىشكى، مەرزەنجۇش قاتارلىقلارنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا ~80 60 مىللىلىتىردىن ~9 7 كۈن ئىچىشكە بېرىپ ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى مۇنزىچقا شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا ~80 60 مىللىلىتىردىن ~5 3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ شورلۇق بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ. 

گەجسىمان بەلغەم خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى دورىلاردىن رەيھان ئۇرۇقى، بالەنگو ئۇرۇقى، ئۆشنە، ئۇسۇڭ ئۇرۇقى، سازەج ھىندى قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمغا ~80 60 مىللىلىتىردىن ~9 6 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى مۇنزىچقا گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا ~80 60 مىللىلىتىردىن ~5 3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، گەجسىمان بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ. 

كۈدە سۈيى رەڭلىك سەپرا خىلىتىنىڭ كېلىپ چىققان بولسا كۈدە رەڭلىك سەپرا خىلىتىنىڭ  مۇنزىچىغا يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى دورىلاردىن ئۆشنە، رەيھان ئۇرۇقى، بالەنگو، نارمىشكى، ئۇسۇڭ ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا ~80 60 مىللىلىتىردىن7~9 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى مۇنزىچقا كۈدە سۈيى رەڭلىك سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 60~80 مىللىلىتىردىن 3~5  كۈن بېرىپ، كۈدە سۈيى رەڭلىك بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ. 

قان تومۇرنى كېڭەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش، يۈرەكنى كۈچلەندۈرۈش مەقسىتىدە، ئەرقى گاۋزىبان كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا  80 ~100 مېللىلىتىردىن؛ خىمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا ~5 3 دانىدىن. ئەرقى بەدىيان كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىقن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 ~100 مېللىلىتىردىن؛ ئەرقى كاسىنە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا  80 ~100 مېللىلىتىردىن؛ خىمىرى سەندەل كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، خېمىرى مەرۋايىت كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ بادىرەنجى بۇيا شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى بىدىمىشكى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا ~100 80 مېللىلىتىردىن؛ ئەبرىشىم شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا ~50 30 مىللىلىتىردىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. 

يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى دورىلارنى بېرىش بىلەن بىرگە نەپەس راۋانلاشتۇرۇش، بەلغەم بوشىتىش، يۆتەل پەسەيتىش، ئۆپكىنى تازىلاش مەقسىتىدە لوئوقى بادام كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10  گرامدىن؛ لوئوقى چىلغوزە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ زۇفا شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا ~50 30 مىللىلىتىردىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. 

ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. 

ئەرقى شوخلا كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ ئۆشبە شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا ~50 30 مىللىلىتىردىن؛ مەجۇنى ئۆشبە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10  40− 20 ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلاردا، ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەردە بىرقەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ.رامدىن؛ ئىترىفىل چۆبچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. 

بابۇنە، زىغىر، پىرسىياۋشان، ئىكىلمىلىك، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، بۇغداي كېپىكى، پالەك ئۇرۇقى، ئاق لەيلى گۈلىدىن 10گرامدىن ئېلىپ ئېزىپ، بابۇنە يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، زىماد تەييارلاپ يۈرەك ساھەسىگە چېپىلىدۇ. 

ئەگەر كېسەللىك ئەھۋالى جىددىي بولسا دەرھال كلاپان ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيىسى ياكى كلاپانلارنى ئاجرىتىش ئوپېراتسىيىسى ئىشلىنىدۇ. 

كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن كېسەللىكنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئومۇمىي  بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە، داۋائىلمىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ جاۋارىش ئەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ جەۋھىرى مۇپەررىھ ئەبرىشىم كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى، ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن؛ مۇپەررىھ ياقۇت كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى، ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن؛ ئامىلە نۇشدارى لۆئلىۋى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ خىمىرى مەرۋايىت كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەكتىن، زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن، سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇشتىن، زىيادە ئاچچىقلىنىشتىن، غەم-ئەندىشە قىلىشتىن، زىيادە چارچاشتىن، سوغۇق ئۆتكۈزۈۋېلىتىن، زۇكام بولۇشتىن، چاڭ-توزاڭلىق سوغۇق مۇھىتتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. 

يەڭگىل ھەرىكەت بىلەن ئارام ئېلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈش، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، مەنزىرىلىك جايلارغا بېرىپ سەيلە-ساياھەت قىلىش لازىم.

تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، مايلىق، تۇزلۇق، زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. 

ئاسان ھەزىم بولىدىغان، تەركىبىدە تۇز مىقدارى ئاز بولغان ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن باچكا گۆشى، توخۇ گۆشى، كەكلىك گۆشى، قىرغاۋۇل گۆشى، شورپا، ئۈگرە، شويلا، مائۇللەھمى، چامغۇر، سەۋزە، ئالما، ئانار، ئەنجۈر قاتارلىقلار بېرىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=778

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=778

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#