داۋىدىيە دەرىخى

شۋېتسارىيىنىڭ داڭلىق شەھىرى جەنۋەنىڭ بەزى ھويلا-باغچىلىرىدا دائىم بىر خىل كەپتەر دەرىخى ئۆستۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭ گۈلى خۇددى ئۇچۇۋاتقان ئاق كەپتەردەك بولۇپ، تىنچلىققا سىمۋول قىلىنغان. ئەسلىدە بۇ جۇڭگودىن كەلتۈرۈپ ئۆستۈرۈلگەن داۋىدىيە دەرىخى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى داۋىدىيە دەرىخى
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۆسۈمۈلكلەر سىنىپى
ئائىلىسى نىسا دەرىخى ئائىلىسى
باشقا ئاتىلىشى كەپتەر دەرىخى، سېسىق توغراق
خەنزۇچە ئىسمى 珙桐
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى قىزىل مىرتا چاتقىلى تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى داۋىدىيە دەرىخى ئۇرۇقدىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

   داۋىدىيە دەرىخى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ، ئېگىزلىكى 15 ~20 مېتىر، يوپۇرمىقى كەڭ تۇخۇم شەكىللىك؛ باش يازدا چېچەكلەيدۇ، گۈل شەكلى ئالاھىدە، ئورىغۇچى يوپۇرمىقى سۈتتەك ئاق رەڭلىك بولۇپ، گۈل رېتىنىڭ تۈۋى قىسمىدا جۈپ بولۇپ ئۆسۈپ، خۇددى ئاق كەپتەرنىڭ ئىككى قانىتىغا ئوخشايدۇ. ئورىغۇچى يوپۇرماقنىڭ ئىچىگە شار شەكىللىك باشسىمان گۈل رېتى ئورۇنلاشقان بولۇپ، ئۇ نۇرغۇن ئاتىلىق گۈللەرنىڭ توپلىشىپ بىر ئانىلىق گۈلنى ئوراپ تۇرۇشىدىن شەكىللەنگەن، گۈل رەڭگى بېغىررەڭ، خۇددى كەپتەر بېشىغا ئوخشايدۇ. تولۇق چېچەكلەش مەزگىلىدە، سانسىزلىغان ئاق كەپتەرلەر شاخلارغا قونۇپ توشۇپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ. گۈللەر شامالدا ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، ئادەمنى تەسىرلەندۈرگۈدەك كۆرۈنۈش پەيدا بولىدۇ.

    ياۋروپالىقلاردىن داۋىدىيە دەرىخىنى بىرىنچى بولۇپ كۆرگەن ئادەم فرانسىيىلىك بىر پوپ بولۇپ، ئۇ  1896-يىلى سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ مۇپىڭ دېگەن يېرىدە پورەكلەپ ئېچىلىپ تۇرغان داۋىدىيە دەرىخىنى ئۇچرىتىپ، بىر توپ سۆيۈملۈك كەپتەرلەرگە ئىختىيارسىزلا مەپتۇن بولۇپ قالغان. كېيىن ئالدى بىلەن ئەنگلىيىگە كىرگۈزۈلۈپ، تەدرىجىي ھالدا دۇنياغا مەشھۇر مەنزىرە دەرىخىگە ئايلانغان. چەت ئەللىكلەر ئۇنى «جۇڭگونىڭ كەپتەرگۈل دەرىخى» دەپ ئاتايدۇ. 

    

    داۋىدىيە دەرىخىنىڭ مېۋىسى ئۆرۈكچىلىك چوڭلۇقتىكى ئۈچكىلىك مېۋە، ئېللىپس ياكى تۇخۇمسىمان يۇمىلاق شەكىللىك، قىزغۇچ يېشىل رەڭلىك، تەركىبىدىكى ماي مىقدارى %20 بولۇپ، سانائەتنىڭ ناھايىتى ياخشى خام ئەشياسى ھېسابلىنىدۇ. داۋىدىيە دەرىخى داۋىدىيە ئۇرۇقدىشىدىكى يالغۇز تۈر بولۇپ، راكقا قارشى دورا چەككىلەشكە بولىدىغان كامپتوتېكا دەرىخى بىلەن ئوخشاش بىر ئائىلىگە كىرىدۇ. 

   پەقەت مەملىكىتىمىزنىڭ گۇيجۇ ئۆلكىسىدىكى فەنجىڭشەن تېغى، خۇبېي ئۆلكىسىدىكى شىن نوڭجيا، سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى ئېمېيشەن تېغى قاتارلىق تاغلىق رايونلاردىلا ساقلىنىپ قالغان .

يەنى خۇبېينىڭ غەربىي قىسمى ، خۇنەننىڭ غەربىي رايوننى ، سىچۈەن ،گۇيجۇ ۋە يۈننەن ئىككى ئۆلكىنىڭ شىمالىي .


    داۋىدىيە دەرىخىنىڭ ئەتىۋارلىق بولۇشىدىكى يەنە بىر سەۋەب، ئۇنىڭ ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدىكى «تىرىك تاشقاتمىلار» نىڭ بىرى بولغانلىقىدا. بۇنىڭدىن 1 مىليون يىللار ئىلگىرىلا داۋىدىيە دەرىخى پۈتۈن دۇنياغا تارالغان ئۆسۈملۈك ئىدى. تۆتىنچى دەۋردىكى مۇزلۇق مەزگىلىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن مۇتلەق كۆپ جايدىكى داۋىدىيە دەرەخلىرىنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن. پەقەت مەملىكىتىمىزنىڭ گۇيجۇ ئۆلكىسىدىكى فەنجىڭشەن تېغى، خۇبېي ئۆلكىسىدىكى شىن نوڭجيا، سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى ئېمېيشەن تېغى قاتارلىق تاغلىق رايونلاردىلا ساقلىنىپ قالغان كىچىك پارچە يەرلەردىكى تەبىئىي ئورمانلارلا تا ھازىرغىچە ياشاپ كۆپىيىپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ تولىسى دېڭىز يۈزىدىن  1200 ~2500  مېتىر ئېگىز كېلىدىغان تاغلىق يەرلەردە ياشايدۇ، بەزى  100 يىلدىن ئارتۇق بولغان قەدىمكى داۋىدىيە دەرەخلىرىنىڭ ئېگىزلىكى 30 مېتىرغا، دىئامېتىرى 1 مېتىرغا يېتىدۇ. كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان بۇ دۆلەت گۆھىرىنى قوغداش ئۈچۈن، دۆلەت ئۇنى بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر قاتارىغا كىرگۈزدى ھەم مەخسۇس تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون قۇردى. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#