سانا دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. سانا (شەھەر)
  2. سانا (ئۆسۈملۈك)
  3. سانا ()
شەھەر
سانا

سانا ئەرەب يەمەن جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە قاتناش مەركىزى. ئەرەب يەمەن جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى.

ئۇيغۇرچە نامى سانا
دۆلىتى ئەرەب يەمەن جۇمھۇرىيىتى
تەۋە رايون يەمەن
كىلىماتى ھاۋارايى مۆتىدىل، كۈن نۇرى يېتەرلىك
خەنزۇچە ئاتىلىشى 萨那
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
نوپۇسى 277 مىڭ (1981-يىلى)
چەتئەلچە نامى Sana'a

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سانا ئەرەب يەمەن جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە قاتناش مەركىزى. ئەرەب يەمەن جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى. شەھەر ئاھالىسى 277 مىڭدىن ئاشىدۇ (1981-يىلى). سانا 4-ئەسىردىن باشلاپ يەمەننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىنىي مەركىزى بولغان. 1918-يىلى يەمەن مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن دۆلەتنىڭ پايتەختى بولغان.

1948-يىلى دۆلەتنىڭ پايتەختى جەبۇبتىكى تائىز شەھىرىگە كۆچكەن. 1962-يىلى ئەرەب يەمەن جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن قايتا دۆلەتنىڭ پايتەختى قىلىپ بەلگىلەنگەن. سانا شەھىرى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى قاتمۇ قات تاغلار بىلەن قورشالغان مۇنبەت تۇرپاقلىق ئورۇنغا جايلاشقان. شەھەرنىڭ جايلاشقان ئورنى دېڭىز يۈزىدىن 2350 مېتىر ئېگىز بولغانلىقتىن، ئۇ جاي تروپىك بەلباغقا توغرا كەلسىمۇ، ئىقلىمى يىللىق بولىدۇ. شەھەر ئەتراپىدا ھەرخىل مېۋە، سەي، گۈل ئۆستۈرۈلىدۇ.

شەھەردە توقۇمىچىلىق، بوياقچىلىق، ئالتۇن، كۈمۈشتىن ياسالغان بۇيۇملارنى ئىشلەش، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. سانا شەھىرىنىڭ شەرقىگە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، سودا رايونى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، غەربىگە ئولتۇراق جايلار بىلەن گۈللۈكلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان. سانا شەھرىنى زامانىۋى تاشيول خورايدا پورتى بىلەن باغلاپ تۇرىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#