بۇۋانە

بۇۋانە ئېيىقتاپانلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق، بۇۋانىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يەلنى تارقىتىش، سوغۇق ھەيدەش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، ئاغرىق توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى بۇۋانە
شەكلى پولات قالپاق شەكلىدە
تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 乌头
چىقىش ئورنى دېڭىز يۈزىدىن 1000 ~ 1700 مېتىر ئېگىز بولغان تاغ باغرى
پىنيىنچە يېزىلىشى wū tóu

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇۋانەبۇۋانە ئېيىقتاپانلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق، بۇۋانىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 70 ~ 100 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ تۈگۈنەك يىلتىزى كونۇسسىمان، ئىككىدىن-يەتتىگىچە كونۇسسىمان يىلتىزلىرى زەنجىر شەكلىدە جايلىشىدۇ، سىرتقى پوستى قارا قوڭۇر رەڭدە، كېسىلگەن يۈزى ئاق، غولى تىك ياكى كۆپ شاخلىق بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، تۈۋىدىكى يوپۇرماقلىرىنىڭ سېپى ئۇزۇن بولۇپ، يوپۇرمىقى ئالىقانسىمان بەشكە يېرىلغان، يېرىقچە ياپراقلىرى رەتسىز تېيىز يېرىلغان ياكى چوڭقۇر يېرىلغان؛ ئومۇمىي گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈلى كۆكۈش سۆسۈن، پولات قالپاق شەكلىدە بولىدۇ.

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ تۈگۈنەك يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنى كۈزدە كولىۋېلىپ، چاچما يىلتىزىدىن ئايرىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، بەش كىلوگرام بۇۋانىنى سۇغا چىلاپ، ھەركۈنى بىر - ئىككى قېتىم سۈيىنى يەڭگۈشلەپ، تىلنى قورۇيدىغان ئاچچىق تەمى تۈگىگەندە، ياكى ئازراق قورۇيدىغان ئاچچىق تەمى قالغاندا، سۇدىن سۈزۈۋېلىپ، چۈچۈكبۇيىدىن 380 گرام، قارا پۇچاقتىن 500 گرام قوشۇپ قاينىتىپ، بۇۋانىنى قوشۇپ، بۇۋانە ئوتتۇرىسىدىكى ئاق رەڭ قالمىغاندا ئېلىپ، ئازراق سوۋۇتۇپ، يەنە ئىچى-تېشىنىڭ نەملىك دەرىجىسى ئوخشاش بولغۇچە نەمدەپ، كېسىپ يالپاق قىلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ ئىشلەنگەن بۇۋانە تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 1000 ~ 1700 مېتىر ئېگىز بولغان تاغ باغرىدا ئۆسىدۇ.

قۇرۇق ئىسسىق.

يەلنى تارقىتىش، سوغۇق ھەيدەش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، ئاغرىق توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئەھۋالغا قاراپ 1 ~ 5.1 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

تۆت گرام ئىشلەنگەن بۇۋانىنى سەككىز گرام چاكاندا، 12 گرام قىزىل چۇغلۇق، 10 گرام چۈچۈكبۇيا، 20 گرام كەتىرا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ، ئىككىگە بۆلۈپ، ئەتىگەن ۋە ئاخشامدا ئىچىپ بەرسە، رېماتىزملىق بوغۇم ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. بىر گرام خام بۇۋانىنى 20 گرام سازاڭ، سەككىز گرام چايان، 12 گرام چاڭخو بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، رېماتىزملىق بوغۇم ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. خام بۇۋانىدىن 1 ~ 2 گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ تالقان قىلىپ، رەيھان شەربىتى ياكى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئىچكى زەخىملىنىشتىن بولغان قاناش ۋە يىقىلىپ يارىلىنىشلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. بۇغدايدەك چوڭلۇقتىكى خام بۇۋانىنى ئاغرىغان چىشقا بېسىپ بەرسە (يۇتۇشقا بولمايدۇ)، چىش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

تىلماچ ئىزاھاتلىق لوغىتى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#