مولداۋىيە
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
روسىيە فېدېراتسىيەسى تەركىبىدىكى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرى. روسىيە فېدېراتسىيەسنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى دىنېستر دەرياسى بىلەن پرۇت دەرياسى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. شىمال، شەرق، جەنۇب تەرەپلىرى ئوكرائىنا بىلەن، غەرب تەرىپى رۇمىنىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ. مەيدانى 33 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 4 مىليون 105 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985) ، مولداۋىيىلىكلەر ئاھالىنىڭ 3/2 قىسمىنى، قالغانلىرىنى ئوكرائىنا، رۇس، يەھۇدى قاتارلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. مەركىزى كىشىنېف شەھىرى. بېلتىس، بېندىرىلار مۇھىم شەھەرلىرى ھېسابلىنىدۇ.
مولداۋىيە يېرىنىڭ %60 دە تېرىقچىلىق قىلىنىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئۈزۈمچىلىك بىلەن باغۋەنچىلىك ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۈزۈمچىلىك مەيدانى پۈتۈن روسىيە فېدېراتسىيەسى ئۈزۈمچىلىك مەيدانىنىڭ 3/1 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئۈزۈم، تاماكا ھەم ئەترە مېيى مەھسۇلاتى جەھەتتە روسىيە فېدېراتسىيەسى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. سانائىتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. ئۈزۈم ھارىقى، مېۋە ھەم سەي كونسېرۋاسى، شېكەر ئىشلەپچىقىرىدۇ. باغۋەنچىلىك تراكتورلىرى بىلەن يېمەك-ئىچمەك ماشىنىسازلىقى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
بۇ جاي 14-ئەسىردە مولداۋىيە كىنەزلىكىنىڭ بىر قىسمى بولغان. 1812-يىلى روسىيە تەركىبىگە قوشۇلغان. 1918-يىلى رۇمىنىيىگە تەۋە بولغان. 1940-يىلى روسىيە فېدېراتسىيەسى بىلەن قوشۇلۇپ، مولداۋىيە روسىيە سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.