سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكى

سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكى
سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكى-شەرق تە تەيخاڭشەن تېغىدىن باشلىنىپ، غەرب تە ۋۇ شاۋلىڭ تېغىغىچە، جەنۇب تا چىنلىڭ تېغىدىن، شىمال دا سەددىچىن سېپىلغىچە يېتىپ بارىدۇ.
ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكى
ئېنگىلىزچە نامى Loess Plateau
كۆلىمى 64 مىلىيون كۋادىرات مېتىر
باشقا نامى قارا ئالتۇن ئېگىزلىك
خەنزۇچە ئاتىلىشى 黄土高原
جۇغراپىيەلىك ئورنى جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە شىمالى قىسمى
كىلماتى يېرىم قۇرغاق چوڭ قۇرۇقلۇق مۇسسون ئىقلىمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكىسېرىق توپىلىق ئېگىزلىكى-شەرق تە تەيخاڭشەن تېغىدىن باشلىنىپ، غەرب تە ۋۇ شاۋلىڭ تېغىغىچە، جەنۇب تا چىنلىڭ تېغىدىن، شىمال دا سەددىچىن سېپىلغىچە يېتىپ بارىدۇ. بۇ كەڭ رايوندا سېرىق توپىنىڭ قېلىنلىقى ئادەتتە 100 مېتىردىن ئاشىدۇ ھەمدە ھەر خىل سېرىق توپىلىق يەر شەكلى لاندىشافتلىرىنى شەككىلەندۈرىدۇ. سېرىق توپىلىق ئېگىزلىك دۇنيادىكى سېرىق توپا توپلانغان ئەڭ چوڭ رايۇن.

سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكىسېرىق توپىلىق ئېگىزلىكنىڭ يەر يۈزى پارچىلىنىپ كەتكەن، جىلغىلار زىچ جايلاشقان؛ تۈزلەڭلىك ئاز، يانباغىر كۆپ، جىلغىنىڭ ئىككى تەرپىگە كۆپىنچە تىك يارلار جايلاشقان، بۇ خىل يەر شەكلى شارائىتىدا، سېرىق توپىنىڭ خۇسۇسىيىتى، ئىقلىم، يېپىنچا ئۆسۈملۈكنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال تەسىرى نەتىجىسىدە سېرىق توپىلىق ئېگىزلىك دۇنيادىكى سۇ ۋە تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئەڭ ئېغىر بولغان رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكىسېرىق توپىلىق ئېگىزلىكنىڭ يەر شەكلى پارچىلىنىپ كەتكەن، ئىقلىمى بىر قەدەر قۇرغاق، مەزكۇر جايدا سۇ ۋە تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئېغىر بۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى ھەر خىل تەبئىي ئاپەتلەرمۇ كۆپ يۈز بېرىدۇ. سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز، ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىغاندىن كېيىن، ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئىنتايىن قىيىن. سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش تارىخى ئۇزاق بۇلۇپ، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بولغان بېسىمى بارغانسېرى ئاشقان.

سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكىسېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتە ياشايدىغان كىشىلەر جەمئىيەت ۋە ئىقتىسادنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئېكولوگىيەلىك قۇرلۇشنى كۈچەيتىپ، مۇھىتنى ياخشىلاش لازىملىقىنى تونۇپ يەتكەن. بىر تەرەپتىن، دەل-دەرەخ تىكىش، ئوت-چۆپ ئۆستۈرۈش قاتارلىق بىئولوگىيلىك تەدبىرلەر بىلەن پەلەمپەي ئېتىز، توپا توسايدىغان توغان ياساش قاتارلىق قۇرلۇش تەدبىرلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، سۇ ۋە تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تىزگىنلىگەن، يەنە بىر تەرەپتىن ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرغان، مەسلەن، تىك يانباغىرلاردىكى يەرلەرنى تېرىلغۇ ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇش، ھەددىدىن زىيادە چارۋا بېقىلۋاتقان جايلاردا چارۋا سانىنى ئازايتىش قاتارلىقلار.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

تۇلۇقسىز 8-يىللىقلار ئۈچۈن 2-قىسىم «جۇغراپىيە» كىتاپتىن ئېلىندى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#