گوللاندىيە

گوللاندىيە پادىشاھلىقى

گوللاندىيە تولۇق ئاتىلىشى گوللاندىيە پادىشاھلىقى. ئۇ گېرمان تىلىدا <<ئورمانلىق>> دېگەن مەنىدە. ھازىرقى دۆلەت نامىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى <<نېدىرلاند>> بولۇپ، <<تۆۋەندىكى>> دېگەن مەنىدە. غەربى ياۋروپانىڭ غەربى قىسمىدىكى بىرىتانىيە ئارىلى بىلەن قارىشىپ تۇرىدىغان ئويمان دېڭىز بويىغا جايلاشقان. 

ئۇيغۇرچە نامى گوللاندىيە پادىشاھلىقى
قىسقارتىلغان نامى گوللاندىيە 荷兰
ۋاقىت رايونى شەرقى 1-ۋاقىت رايونى
دۆلەت تىلى گوللاند تىلى
نوپۇس زىچلىقى 407.5 / كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە نامى 尼德兰王国
قىتئە تەۋەلىكى ياۋروپا قىتئەسى
پايتەختى ئامىستېردام
نوپۇسى 16مىليون 936 مىڭ (2015-يىل)
يەر مەيدانى 41 مىڭ 500 كۇۋادىرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گوللاندىيە پادىشاھلىقىگوللاندىيە تولۇق ئاتىلىشى گوللاندىيە پادىشاھلىقى . ئۇ گېرمان تىلىدا <<ئورمانلىق>> دېگەن مەنىدە. ھازىرقى دۆلەت نامىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى <<نېدىرلاند>> بولۇپ، <<تۆۋەندىكى>> دېگەن مەنىدە. غەربى ياۋروپانىڭ غەربى قىسمىدىكى بىرىتانىيە ئارىلى بىلەن قارىشىپ تۇرىدىغان ئويمان دېڭىز بويىغا جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى دېڭىزبىلەن، غەربىي ۋە غەربىي شىمال تەرىپى گېرمانىيە بىلەن، جەنۇپ تەرىپى بېلگىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ، يەر تۈزۈلۈشى شەرقىي جەنۇپتىن غەربى شىمالغا  قىيسايغان. گوللاندىيەنىڭ ئاھالىسى 2015-يىلى 10-ئايغا قەدەر گوللاندىيە نوپۇسى 16 مىليون  900 مىڭ.  %90 ى گوللاندلار،  %5 ى فىلىسلار، قالغىنى چەتئەل مۇھاجىرلىرى. ئاھالىسىنىڭ  %36.4 ى خىرىستىئان دىنىغا،  %35 ى، كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلدۇ. گوللاند تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. پايتەختى ئامىستېردام، پايتەخت نوپۇسى 2 مىليون 230 مىڭ. 

گوللاندىيە پادىشاھلىقىگوللاندىيەنىڭ تولۇق نامى نىدىرلاندىيە پادىشاھلىقى بولۇپ، نىدىرلاندىيە دىگەن جاي نامى ھازىرقى گوللاندىيەنى ۋە بېلگىيەنىڭ شىمالى قىسمىدىكى فىلېمىنلار ئولتۇراقلاشقان جاينى كۆرسىتەتى. گوللاندىيە دىگن نامنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئىككى ىىل قاراش بار، (بىرىنچى، «گوللاندىيە» نامى نېمىسچە «گوتلاند» سۆزىدىن ئۆزگەرگەن بولۇپ، «گود»نىڭ مەنىسى «ئورمان»، لاند نىڭ مەنىسى «زېمىن» ياكى «دۆلەت» بولىدۇ، ئۇمۇملاشتۇرۇلۇپ «ئورمان يېرى» ياكى «ئورمان دۆلىتى» دېگەن مەنىلەردە بولىدۇ. چۈنكى، ئۆتمۈشتە بۇ جايلارنى ئاسمانپەلەك دەرەخلەر ۋە بۈك - باراقسان ئورمانلار قاپلاپ تۇرغانلىقتىن شۇنداق ئاتالغان؛ ئىككىنچى، نامى دانىيە تىلىدىكى ollant نىڭ يازمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كەلگەن بولۇپ، مەنىسى «نەم» بولىدۇ. گوللاندىيە ئەسلى ئۆلكە نامى بولۇپ، ھازىرقى گوللاندىيەنىڭ دوكرېخىت ۋە ئەتراپ رايونلىرىنى كۆرسىتىدۇ، مىلادى 16-ئەسىردە، ئىسپانىيە ھۈكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش تۈپەيلىدىن، گوللاندىيە يېقىن ئەتراپتىكى بىر قانچە ئۆلكە بىلەن بىرلىشىپ، «نېدىرلاندىيە بىرلەشمە ئۆلكىسى»نى قۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە گوللاندىيە ئەڭ مۇھىم ئۆلكە بولۇپ، سىياسىي،ئىقتىساد قاتارلىق جەھەتلەردە رەھبەرلىك ئورۇندا تۇرغان، كېيىن نىدىرلاندىيەنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان بېلگىيەنىڭ شىمالى  شۇڭا كىشلەر تەدرىجىي ھالدا «گوللاندىيە» بىلەن «نېدىرلاندىيە» نى تەڭ ئورۇنغا قويۇپ، كېيىنچە «گوللاندىيە» بۇ دۆلەتنىڭ ۋاكالەت نامىغا ئايلانغان. لېكىن خەلىقئارا ئالاقە، دىپلوماتىيە قاتارلىق رەسمىي سورۇنلاردا يەنىلا «نېدىرلاندىيە» دېگەن دۆلەت نامى قوللىنىلىدۇ. «نېدىر» نىڭ مەنىسى «ئويمانلىق»، «لاند» بولسا «يەر، دۆلەت» دېگەنلىك بولۇپ، بىرلەشتۈرۈپ «ئويمانلىق دۆلىتى»(گوللاندىيە دۆلەت زېمىنىنىڭ 41 قىسمى دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەن) دېگەن مەنىدە بولىدۇ.

گوللاندىيە پادىشاھلىقىگوللاندىيە قەدىمدە گوتلارنىڭ بىر قىسمى بولۇپ تەرققىياتى بىر قەدەر كېيىن بولغان. يازما خاتىرىلەردە ئەڭ دەسلەپكى گوللاندىيە دۆلىتى 1463 - يىلى رەسمىي  قۇرغان، 16 - ئەسىردە بىر مەزگىل ئىسپانىيە ھۆكۈمرانلىق قىلغان، 1648-يىلى ئىسپانىيىلىكلەرنى ھەيدەپ چىقىرىپ، مۇستەقىللىق جاكارلىغان. 17-ئەسىرلىرىنىڭ ئاخىرلىرى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز مۇستەملىكە ئىمپېرىيىسىگە ئايلانغان، 18-ئەسىردىن كېيىن، گوللاندىيە مۇستەملىكە سىستېمىسى تەدرىجىي پارچىلىنىپ، بىر قىسىم زىمىنى ناپالىيۇن تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان ۋە كېيىنكى برلگىيەگ قوشۇلۇپ كەتكەن، 1806-يىلى گوللاندىيە پادىشاھلىقى قۇرۇلغان.

گوللاندىيە دۆلەت بايرىقىنىڭ تارىخىنى 17-ئەسىرگىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ،  1937 - يىلى گوللاندىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قىزىل، ئاق ۋە كۆك رەڭنى رەسمىي دۆلەت بايرىقىغا مۇقىملاشتۇرغان. قىزىل رەڭ خەلق جەڭ مالمانچىلىقىنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك شىجائەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن؛ ئاق رەڭ خەلقنىڭ پروتېسىتانت دىنىغا بولغان قەتئىي ئېتقادىنى، شۇنداقلا ئاۋام خەلقىنىڭ ئىلاھتىن بەخىت ئاتاقىلىشىغا ئىنتىزار بولغان ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن؛ كۆك رەڭ خەلقنىڭ ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە سادىق قەلبىنى بىلدۈرگەن. گوللاندىيىلىكلەر ئۈچ بۇرجەكلىك قىزغۇچ سېرىق بايراق بىلەن دۆلەت بايرىقىنى بىللە كۆتۈرۈپ چىقىشىنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ، بۇ ئادەت 19-ئەسىردىن باشلاپ شەكللەنگەن بولۇپ، خەلقنىڭ خانغا بولغان ھۆرمىتى ۋە ساداقىتىنى تولۇق ئىپادىلەيدۇ.

گوللاندىيە دۆلەت گېربىنىڭ چۈشەندۈرۈشى دۆلەت گېربى 1815 -يىلى خان ئوردىسىنىڭ پەرمانى بويىچە تۈزۈپ چىقىلغان. سۇلغۇن تېرىسىدىن ياسالغان قىزىل كۈنلۈك پەردىگە ئوخشاش ئېچىلىپ تۇرغان، ئاستىدىكى كۆك لېنتىغا شاھزادە ۋىليامنىڭ « ناسونى قوغدايمىزدېگەن قەسىمى يېزىلغان. ئۆرە تۇرغان ئىككى شىر قىزىل تىلىنى چىقىرىپ بىر كۆك قالقاننى ھىمايە قىلىپ تۇرغان. قالقاننىڭ چوققىسىغا ۋىليام Ⅰ نىڭ مۆھۈرىسىدە ئىشلىتىلگەن پادىشاھ تاجىسى كىيدۈرۈلگەن. قالقاننىڭ ئوتتۇرىسىغا تاج كىيدۈرۈلگەن بىر شىر سىزىلغان بولۇپ، ئوڭ قولىدا بىر خەنجەرنى، سول قولدا بىر ئالتۇن رەڭلىك ئوقيا بېشىنى ئوينىتىپ، پادىشاھ ھوقۇقىغا سىمۋول قىلىنغان. كۆك قالقانغا ئالتۇن رەڭلىك نۇرغۇن كىچىك ئۇزۇن چاس سىزىلغان، بۇلار ئوتلاق ۋەچارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئارخئېپسكوپ ۋورمونىغا تۇتقان دەۋا -دەستىگەرلەردىن كەلگەن بولۇپ، ئەرزدە ئۇتقانلىقىنى ۋە مۇستەقىل بولغانلىقنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، ئەركىنلىكنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە بۇ كىچىك پارچىلار گېربىگە قوشۇلغان.

جۇغراپىيەلىك ئورنى 

گوللاندىيە پادىشاھلىقىغەربى ياۋروپانىڭ غەربى قىسمىدىكى بىرىتانىيە ئارىلى بىلەن قارىشىپ تۇرىدىغان ئويمان دېڭىز بويىغا جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى دېڭىزبىلەن، غەربىي ۋە غەربىي شىمال تەرىپى گېرمانىيە  بىلەن، جەنۇپ تەرىپى بېلگىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ، يەر تۈزۈلۈشى شەرقىي جەنۇپتىن غەربى شىمالغا  قىيسايغان. شىمال تەرىپى نورۋېگىيە بىلەن گوللاندىەنىڭ تەبىئى چېگرىسى بولغان نوردلان ئېگىزلىكى بولۇپ   مەملىكەتتىكى ئەڭ ئىگىز چوققا كېبىناكەيس چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن 2123 مېتىر ئېگىز. جەنۇب تەرىپى ھەمدە دېڭىز بويلىرى تۈزلەڭلىك ياكى ئېدىرلىق. گوللاندىيەدىكى ئەڭ چوڭ كۆل ۋانارىن كۆلى بولۇپ كۆلنىڭ كۆلىمى 5585 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ ، ياۋروپادا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. تەخمىنەن %15 زېمىنى شىمالىي قۇتۇپ دائىرسىدە.

كىلمات ئالاھىدىلىكى 

گوللاندىيە پادىشاھلىقىگوللاندىيە ئاتلانتىك ئوكيان ئىللىق ئېقىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا قىش پەسلى ئانچە سوغوق بولمايدۇ، كۆپ قىسىم جايلىرى مۆتىدىل بەلۋاغ يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان ھاۋا كىلماتىغا تەۋە، دانىيەگە يېقىن جەنۇبىي تەرىپى مۆتىدىل بەلباغ كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمان ھاۋا كىلماتىغا تەۋە. 

ۋاقىت پەرقى

شەرقى 1-ۋاقىت رايونى، ياۋروپا ئورتاق ۋاقتىنى ئىشلىتىدۇ. بېيجىڭ ۋاقتىدىن 7 سائەت كېيىن (ھەر يىلى 3-ئايدىن 10-ئايغىچە ئاخىرىغىچە شىمالىي ياۋروپا يازلىق ۋاقىت قوللانغاچقا، بېيجىڭ بىلەن بولغان ۋاقىت پەرقى 1 سائەت قىسقىرايدۇ). 

پۈتۈن مەملىكەت 12 ئۆلكىگە بۆلۈنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى ئاپتونومىيىلىك ئاراللاردىن ئارۇبا ئارىلى ۋە گوللاندىيەگە قاراشلىق ئانتىل تاقىم ئاراللىرى بار. ئۆلكە باشلىقى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. شەھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئاپپاراتى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ ، ئۆلكە، شەھەرنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقى بار.

دۆلەت بايرىقى

گوللاندىيە پادىشاھلىقىبايراق يۈزى قىزىل، ئاق، كۆكتىن ئىبارەت ئۈچ يوللۇق شەكىلدىن تۈزۈلگەن. كۆك رەڭ دېڭىز-ئوكيان بىلەن خەلقنىڭ بەختىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئاق رەڭ ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، دېموكراتىيەنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ئۇ يەنە گوللاندىيە خەلقىنىڭ سەمىمىي خاراكتېر ئالاھىدىلىكىدۇر. قىزىل رەڭ ئىنقىلابنىڭ غەلبىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

دۆلەت گېربى

گوللاندىيە پادىشاھلىقىدۆلەت گېربى بىر پۈتۈن ھالىتىدە چىغ قالپاق شەكلىدە بولۇپ، ئۇچ تەرىپىدە پادىشاھلىق تاجى، ئوتتۇرىسىدا قالقانسىمان شەكىل، ئۈستىدە بىر شىر بار. شىر ئىتتىپاقلىق كۈچ ئىكەنلىكىنىڭ سىمۋولى. ئاستىدىكى كۆك رەڭ لېنتىغا <<قەتئىي>> دېگەن خەتلەر بېزەلگەن.

گوللاندىيە پادىشاھلىقىھازىر ئىجىرا قىلىنىۋاتقان ئاساسىي قانۇن-دىموكراتىك ھۆكۈمەت قانۇنى (1809-يىلى بېكىتىلگەن، 1974-يىلى تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلگەن)، پادىشاھلىق تۈزۈمگە ۋارىسلىق قىلىش قانۇنى (1810-يىلى بېكىتىلگەن، 1979-يىلى تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلگەن) ۋە ئاخبارات ئەركىنلىك قانۇنى (1949-يىلى بېكىتىلگەن) دىن ئىبارەت ئۈچ نېگىزلىك قانۇندىن تەركىپ تاپقان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە پارلامېنت تەشكىلىي قانۇنى (1866-يىلى بېكىتىلگەن، 1974-يىلى تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلگەن) مۇ بار. گوللاندىيە ئاساسىي قانۇندا پادىشاھلىق ئاساى قانۇنلۇق تۈزۈم يۈرگۈزىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. پادىشاھ دۆلەتنىڭ سىمىۋول خاراكتىرلىك ئالىي رەھبىرى ۋە قوراللىق قىسىملارنىڭ سىمىۋوللۇق باش قوماندانى بولۇپ، پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىگە ئارلاشمايدۇ. پارلامېنت دۆلەتنىڭ بىردىنبىر قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگىنى بولۇپ، ئومۇمىي سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ھۆكۈمەت بولسا دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي مەمۇرىي ئورگىنى بولۇپ، باش مىنىستىر دۆلەت خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. پادىشاھنىڭ تۇنجى پەرزەنتى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋارىس بولىدۇ. 

گوللاندىيە پادىشاھلىقىگوللاندىيەنىڭ سانائىتى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى ماشىنسازلىق ، ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى ، ماشىنا ، تېلېگراف ، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ساھەلەر زور تەرەققىي قىلغان. ئاساسلىق ئېكىسپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلار بولسا ھەر خىل ماشىنا، خىمىيە سانائىتى ۋە دورا مەھسۇلاتلىرى، ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى، ئېنېرگىيە ئۈسكۈنىلىرى، نېفىت مەھسۇلاتلىرى، تەبئىي گاز ۋە توقۇمچىلىق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار. ئاساسلىق ئىمپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلار، نېفىت، تەبىئى گاز، يېمەكلىك، تاماكا، كىيىم-كېچەك، ئائىلە سايمانلىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 

گوللاندىيەنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى پۈتۈن مەملىكەت يەر مەيدانىنىڭ %7 نى ئىگىلەيدۇ. دۆلەتتە ئىشلەپچىقىرىلغان ئاشلىق ، گۆش مەھسۇلاتلىرى ، توخۇم ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى ئۆزىنى ئۆزى قامدىيالايدۇ. گۈل،كۆكتات ۋە مېۋە مەھسۇلاتلىرىنى ئاساسلىق ئىمپورت قىلىدۇ. 2009-يىللىق تاشقى سودىسىدا ئىكىسپورتىدا گېرمانىيە %25.4، بېلگىيە %12.4، فىرانسىيە %9.3 نى،  ئەنگىلىيە %8.17 ، ئىتالىيە، %5 نى، ئامېرىكا %4 نى، ئىمپورتىدا گېرمانىيە %17.16، جۇڭگو %11.58، بېلگىيە %8.68، ئامېرىكا %7.77، ئەنگىلىيە %5.72،  رۇسىيە %4.47 ، فىرانسىيە %4.4 نى ئىگەللىگەن.

گوللاندىيە ئىقتىسادىي يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان دۆلەت بولۇپ، ئېلېكتر ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ئىنتايىن تېز. تېلېگراف، دورا ياساش، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە خەلقئارا رىقابەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە. 2009-يىلى گوللاندىەنىڭ مىللى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى دارامىتى 660 مىلىيارد دوللار بولغان بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللى دارامىتى 39 مىڭ 500 دوللار بولغان.ئىقتىسادىدا يېزا ئىگىلىك %1.6 نى، سانائەت %23.6 نى، مۇلازىمەت كەسپلىرى %74.9 نى ئىگەللىگەن. ئاھالىنىڭ %2 ى يېزا ئىگىلىك بىلەن، %18 ى سانائەت بىلەن، %80 ى مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.  2009-يىلى مۇقىم تېلفون 7 مىليون 506 مىڭ، يانفون 19مىليون 927 مىڭ، مۇلازىمېتىر 12 مىليون 607 مىڭ، ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچى 14 مىليون ئىككى يۈزمىڭ بولغان.

گوللاندىيە دۇنيا بويىچە مائارىپ تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ دۆلەتنىڭ يىللىق مائارىپ چىقىمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى قىممىتىنىڭ %7 نى ئىگەللەيدۇ. گوللاندىيەدە ساۋاتسىزلىق 1923-يىلىلا تۈگىتىلگەن. ئاھالىنىڭ %21 ئالى مائارىپ سەۋىيىسىگە ئىگە. توققۇز يىللىق ھەقسىز مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان.[0][1]

گوللاندىيەگوللاندىيە ياۋروپانىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان دۆلەت ، ئۇنىڭ تولۇق نامى گوللاندىيە پادىشاھلىقى . گوللاندىيىدە دەريا ناھايىتى كۆپ ، ئۆز ئارا كېسىشىپ تۇرىدۇ ، ئاساسلىق دەريادىن رېين دەرياسى بىلەن ماس دەرياسى بار . گوللاندىيىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى دېڭىز ياقىسىدىكى جايدا گوللاندىيىدىكى ئەڭ چوڭ كۆل ئىيسىېل كۆلى بار . دېڭىز قاشالاپ ، تېرىلغۇ يەر بەرپا قىلىش گوللاندىيە يېزا ئىگىلىكىنىڭ چوڭ بىر ئالاھىدىلىكى . يەر ئاستى دۆلىتى دەپ نامى بار گوللاندىيە زېمىنېنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەن ئورۇندا ، ئىلگىرتوسما بىلەن تاشقى دېڭىزدىن ھاسىل بولغان سازلىق ۋە ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆللىرىنى توسۇپ ، چاقپەلەك بىلەن سۈيىنى تارتىپ قۇرۇتۇپ ، تۇرمۇش كەچۈرۈشىكە مۇۋاپىق كېلىدىغان قۇرۇقلۇققا ئايلاندۇرغان . 

200 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا گوللاندىيىلىكلەر سۇنى چىقىرۋېتىش ئۈچۈن ئون مىڭدىن ئارتۇق چاقپەلەك گوللاندىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان بولۇپ ، يىل بويى دېڭىز شامىلىنىڭ تەسىرىدە توختىماستىن ئايلىناتتى . دەۋىرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىلگىرىكى كۆپ قىسىم چاقپەلەكلەر بىكار قىلىنىپ ، ھازىر مىڭغان يېقىن چاقپەلەك قالدى . بۇ چاقپەلەكلەر ئەمدى سۇ تارتىش ۋە تۈگمەنگە ئىشلىتىلمەستىن ، تارىخنىڭ يادنامىسى سۈپىتىدە گوللاندىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ساقلىنىپ تۇرماقتا . 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/6323.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#