جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى قانۇنى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى قانۇنى» 2000-يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18-يىغىنىدا ماقۇللانغان. 2000-يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 37-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى قانۇنى
ئېلان قىلغان ئورۇن 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
يولغا قۇيۇلغان ۋاقىت 2001-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国国家通用语言文字法
تۈزتىلگەن ۋاقىت 2000-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىليېزىقى قانۇنى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى قانۇنى» 2000-يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18-يىغىنىدا ماقۇللانغان. 2000-يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 37-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان.

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش ھەمدە ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش، مىللەتلەر، رايونلار ئارا ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشۇرۇشنى تېزلىتىش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈلدى.

2-ماددا بۇ قانۇندا دېيىلگەن دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى پۇتۇڭخۇا ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا دۆلەت پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرىدۇ، قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى يولغا قويىدۇ.

4-ماددا پۇقرالار دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش ھوقۇقىغا ئىگە.دۆلەت پۇقرالارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىشى ۋە قوللىنىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەمدە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تەدبىر قوللىنىپ، پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇشى ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى يولغا قويۇشى كېرەك.

5-ماددا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنىڭ قوللىنىلىشى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداشقا، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا، سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا پايدىلىق بولۇشى كېرەك.

6-ماددا دۆلەت دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنىڭ قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىدۇ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنىڭ جەمئىيەتتە قوللىنىلىشىنى باشقۇرىدۇ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى ئوقۇتۇشى ۋە ئىلمىي تەتقىقاتىنى قوللايدۇ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقنى قېلىپلاشتۇرىدۇ، بېيىتىدۇ ۋە تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.

7-ماددا دۆلەت دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى ئىشىدا كۆرۈنەرلىك تۆھپە ياراتقان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.

8-ماددا ھەممە مىللەت ئۆز تىل يىزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە.ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىنى قوللىنىشتا ئاساسىي قانۇن، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇن ۋە باشقا قانۇنلاردىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر ئاساس قىلىنىدۇ.

2-باب دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى قوللىنىش

9-ماددا دۆلەت ئورگانلىرى پۇتۇڭخۇا ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى ھۆكۈمەت ئىشى تىل-يېزىقى قىلىدۇ. قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

10-ماددا مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى تەلىم-تەربىيە ۋە ئوقۇتۇشتا پۇتۇڭخۇا ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى ئاساسىي تىل-يېزىق قىلىدۇ. قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى پۇتۇڭخۇا ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى خەنزۇ تىل-يېزىق دەرسى ئارقىلىق ئۆگىنىدۇ. خەنزۇ تىل-يېزىق دەرسلىكى دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنىڭ قائىدىسىگە ۋە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

11-ماددا خەنزۇچە نەشر بۇيۇملىرى دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنىڭ قائىدىسىگە ۋە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.خەنزۇچە نەشر بۇيۇملىرىدا چەت ئەل تىل-يېزىقىنى قوللىنىشقا توغرا كەلسە، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى بىلەن زۆرۈر ئىزاھات بېرىش كېرەك.

12-ماددا رادىئو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پۇتۇڭخۇانى ئاساسىي ئاڭلىتىش تىلى قىلىدۇ.چەت ئەل تىلىنى ئاڭلىتىش تىلى قىلىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەن رادىئو-تېلېۋىزىيە تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش شەرت.

13-ماددا ئاممىۋى مۇلازىمەت كەسىپلىرى قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى ئاساسىي مۇلازىمەت يېزىقى قىلىدۇ. ئاممىۋى مۇلازىمەت ئېھتىياجىدىن ۋىۋىسكا، ئېلان، ئۇقتۇرۇش، بەلگە تاختىسى قاتارلىقلاردا چەت ئەل يېزىقى بىلەن خەنزۇ يېزىقىنى بىللە قوللىنىش توغرا كەلسە، قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى قوللىنىش كېرەك.ئاممىۋى مۇلازىمەت كەسىپلىرىدە پۇتۇڭخۇانى مۇلازىمەت تىلى قىلىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

14-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئاساسىي تىل-يېزىق قىلىش كېرەك:

(1) رادىئو-كىنو-تېلېۋىزىيە تىل-يېزىقى؛

(2) جامائەت سورۇنلىرىدىكى ئەسلىھە يېزىقى؛

(3) ۋىۋىسكا، ئېلان يېزىقى؛

(4) كارخانا، كەسپىي تەشكىلات نامى؛

(5) چېگرا ئىچىدە سېتىلىدىغان تاۋارنىڭ ئورۇسى ۋە چۈشەندۈرمىسى.

15-ماددا ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىشتا ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى مەھسۇلاتلىرىدا قوللىنىلغان دۆلەت ئورتاق-تىل-يېزىقى دۆلەتنىڭ قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. 

16-ماددا بۇ بابنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىشتا تۆۋەندىكى ئەھۋال كۆرۈلسە، دىئالېكتنى قوللىنىشقا بولىدۇ:

(1) دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا قوللىنىش زۆرۈر بولسا؛

(2) گوۋۇيۈەننىڭ رادىئو-تېلېۋىزىيە تارمىقى ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئاڭلىتىش تىلى قىلىش توغرا كەلسە؛

(3) تىياتىر، كىنو-تېلېۋىزىيە قاتارلىق سەنئەت شەكىللىرىدە قوللىنىش زۆرۈر بولسا؛

(4) نەشر، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ئىشلىرىدا قوللىنىش زۆرۈر بولسا.

17-ماددا بۇ بابنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىشتا تۆۋەندىكى ئەھۋال كۆرۈلسە، ئاددىيلاشتۇرۇلمىغان خەت، ۋاريانت خەتنى ساقلاپ قېلىشقا ياكى قوللىنىشقا بولىدۇ:

(1) مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئاسار-ئەتىقىلەر؛

(2) فامىلىدىكى ۋاريانت خەت؛

(3) ھۆسىن خەت، ئويما نەقىش قاتارلىق سەنئەت ئەسەرلىرى؛

(4) بېغىشلىما ۋە ۋىۋىسكا قول يازمىلىرى؛

(5) نەشر، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ئىشلىرىدا قوللىنىش زۆرۈر بولسا؛

(6) گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تەستىقلىغان ئالاھىدە ئەھۋاللار.

18-ماددا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىدا «خەنزۇ تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئېلىپبە لايىھىسى» يېزىش ۋە ترانسكرىپسىيىلەش قورالى قىلىنىدۇ.«خەنزۇ تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئېلىپبە لايىھىسى» جۇڭگو كىشى ئىسىملىرىنى، يەر ناملىرىنى ۋە خەنزۇچە ھۆججەت-ماتېرىياللاردىكى رىم ھەرپىنى يېزىشنىڭ بىر تۇتاش قېلىپى. ئۇ خەنزۇچە خەتلەرنى يېزىش قولايسىز بولغان ياكى خەنزۇچە خەتلەرنى قوللىنىشقا بولمايدىغان ساھەلەردە قوللىنىلىدۇ. باشلانغۇچ مائارىپتا خەنزۇ تىلى فونېتىكىلىق ئېلىپبەسىنى ئوقۇتۇش كېرەك.

19-ماددا پۇتۇڭخۇانى خىزمەت تىلى قىلىدىغان ئىش ئورنىدىكى خادىملار پۇتۇڭخۇادا سۆزلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.پۇتۇڭخۇانى خىزمەت تىلى قىلغان دېكتورلار، پروگرامما رىياسەتچىلىرى ۋە كىنو-تېلېۋىزىيە، تىياتىر ئارتىسلىرى، ئوقۇتقۇچىلار، دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ پۇتۇڭخۇا سەۋىيىسى دۆلەت بەلگىلىگەن دەرىجە ئۆلچىمىگە يېتىشى كېرەك؛ دۆلەت بەلگىلىگەن پۇتۇڭخۇا دەرىجە ئۆلچىمىگە يەتمىگەنلىرىنى ئەھۋالغا قاراپ تەربىيىلەش كېرەك. 

20-ماددا سىرتقا قارىتىلغان خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا پۇتۇڭخۇا ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىدا دەرس ئۆتۈش كېرەك.

3-باب باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش

21-ماددا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى خىزمىتىنى گوۋۇيۈەننىڭ تىل-يېزىق خىزمىتى تارمىقى پىلانلايدۇ، يېتەكلەيدۇ، باشقۇرىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئۆز سىستېمىسىدا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنىڭ قوللىنىلىشىنى باشقۇرىدۇ.22-ماددايەرلىك تىل-يېزىق خىزمىتى تارماقلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئۆز مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنىڭ قوللىنىلىشىنى باشقۇرىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ.

23-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى كارخانا نامى، تاۋار نامى ھەمدە ئېلاندا قوللىنىلغان تىل-يېزىقنى قانۇن بويىچە باشقۇرىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ.

24-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تىل-يېزىق خىزمىتى تارمىقى پۇتۇڭخۇا سەۋىيەسىنى سىناش دەرىجە ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىدۇ.

25-ماددا چەت ئەل كىشى ئىسىملىرى، يەر ناملىرى قاتارلىق مەخسۇس ئىسىم ۋە پەن-تېخنىكا ئاتالغۇلىرىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىدىكى تەرجىمىسىنى بېكىتىشنى گوۋۇيۈەننىڭ تىل-يېزىق خىزمىتى تارمىقى ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئۇيۇشتۇرىدۇ.

26-ماددا بۇ قانۇننىڭ 2-بابىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تىل-يېزىقنى قوللىنىشتا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنىڭ قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلمىغانلارغا پۇقرالار تەنقىد ۋە تەكلىپ بەرسە بولىدۇ.بۇ قانۇننىڭ 19-ماددا 2-تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن خادىملار تىل ئىشلىتىشتە بۇ قانۇننىڭ 2-بابىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلسا، ئالاقىدار ئورۇنلار بىۋاسىتە جاۋابكارغا تەنقىد-تەربىيە بېرىدۇ؛ تۈزەتمىگەنلىرىنى ئالاقىدار ئورۇن بىر تەرەپ قىلىدۇ.شەھەر ئاممىۋى سورۇنلىرىدىكى ئەسلىھە، ۋىۋىسكا، ئېلان يېزىقىدا بۇ قانۇننىڭ 2-بابىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمىگەنلىرىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ ھەمدە سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.

27-ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارنىڭ دۆلەت ئورتاقتىل- يېزىقىنى ئۆگىنىشى ۋە قوللىنىشىغا كاشىلا قىلغانلارنى ئالاقدار مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئاگاھلاندۇرىدۇ.

4-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

28-ماددا بۇ قانۇن 2001-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/129892.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#