ئادەم ۋە بىئولوگىيىلىك سائەت

ھازىرقى ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشى سائەتتىن ئايرىلالمايدۇ. ھەر خىل جانلىقلارنىڭ ياشىشىمۇ خۇددى ۋاقىت(سائەت) قا قاتتىق ئەمەل قىلىپ ياشاۋاتقان ياكى ھەرىكەت قىلىۋاتقاندەك، ناھايىتى قانۇنىيەتلىك ۋە تەرتىپلىك بولىدۇ. بۇ خىل ھادىسە «بىئولوگىيىلىك سائەت» ھادىسىسى دەپ ئاتىلىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھازىرقى ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشى سائەتتىن ئايرىلالمايدۇ. ھەر خىل جانلىقلارنىڭ ياشىشىمۇ خۇددى ۋاقىت(سائەت) قا قاتتىق ئەمەل قىلىپ ياشاۋاتقان ياكى ھەرىكەت قىلىۋاتقاندەك، ناھايىتى قانۇنىيەتلىك ۋە تەرتىپلىك بولىدۇ. بۇ خىل ھادىسە «بىئولوگىيىلىك سائەت» ھادىسىسى دەپ ئاتىلىدۇ. 

خوراز ئۈچ قېتىم چىللىغاندا تاڭ سۈزۈلىدۇ، ھەشقىپىچەك تاڭ ئېتىشى بىلەنلا ئېچىلىدۇ، قىشلىق ئۇيقۇدىكى پاقا ئەتىيازدا ئويغىنىدۇ، ياۋا غازلار جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئۇچىدۇ. كۈندۈز بىلەن كېچىنىڭ ۋە تۆت پەسىلنىڭ نۆۋەتلىشىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بۇ ھاياتلىق ھادىسىلىرى ھەممىگە مەلۇم. ئادەم بەدىنىدىمۇ مانا مۇشۇنداق نۇرغۇن» سائەت «لەر بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ھەرقايسى ئەزالار فۇنكسىيىسىنىڭ رىتىملىق ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇشىغا قومانداقلىق قىلىدۇ. مەسىلەن، ئادەمدە بىر سوتكا ئىچىدىكى ئۇيقۇ بىلەن ئويغاقلىقنىڭ نۆۋەتلىشىشى؛ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ سەھەردە تۆۋەن، چۈشتىن كېيىن يۇقىرى بولۇشى، ئەتىسى سەھەردە يەنە تۆۋەن بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە ℃36 تىن ℃ 2.37 قىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆزگىرىپ تۇرۇشى؛ يۈرىكىنىڭ سوقۇش ئۆزگىرىشىنىڭ24 سائەت ئىچىدىكى پەرقىنىڭ مىنۇتىغا20 −30 قېتىم بولۇشى؛ قان بېسىمىنى ئۆلچىگەندە ئەتىگەندە 80 /120 چىقسا، كەچقۇرۇنلۇقى 100 /140 چىقىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى «24 سائەتلىك رىتىم» ئىچىدە بولىدۇ. 

ئادەم تېنىدىمۇ ئاينى دەۋر قىلغان «بىئولوگىيىلىك سائەت» بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۆرۈنەرلىكى ئاياللاردىكى ھەيزنىڭ دەۋرلىنىپ تۇرۇشىدىن ئىبارەت. خۇددى ئاينىڭ تولۇپ يەنە يېرىم بولۇشى، شۇنىڭدەك يېرىملىقتىن يەنە تولۇپ29 كۈندە بىر قېتىم تەكرارلىنىپ تۇرغىنىغا ئوخشاش ئاياللاردىمۇ تەخمىنەن29 كۈندە بىر قېتىم ھەيز كېلىپ تۇرىدۇ ۋە ھەيز ۋاقتى ناھايىتى توغرا بولىدۇ. بۇنىڭدىن جانلىقلار ۋە ئادەملەرنىڭ ۋاقىت بىلەن مەلۇم خىل قانۇنىيەتلىك باغلىنىشلىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. 

بىئولوگىيىلىك سائەت جانلىقلارنىڭ زادى قەيېرىدە؟ بۇ ھەقتە ئالىملار ناھايىتى كۆپ تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەقتە تېخى توغرا خۇلاسە چىققىنى يوق. بۇنىڭغا قارىتا ھازىرچە «بەلكىم تۆۋەنكى دۆڭ مېڭىدىكى بەزى نېرۋا ھۈجەيرىلىرىدە بولۇشى مۇمكىن» دېگەن ئاددىي جاۋابلا بېرىلگەن.

بىئولوگىيىلىك سائەتنى تەتقىق قىلىش داۋالاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. كلىنىكا دوختۇرلىرى ئوخشاش بىر داۋالاش تەدبىرلىرىنىڭ ئوخشاشمىغان ئۈنۈم بېرىشىنىڭ ۋاقىت بىلەن مۇناسىۋىتى بولىدىغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا باشلىغان. يەنى يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ دىگىتالىس دېگەن دورىغا قارىتا سېزىمچانلىقى ئادەتتىكى چاغلاردىكىگە قارىغاندا سەھەر سائەت4 تە40 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن؛ دىئابېت بىمارلىرى ئىنسۇلىن ئوكۇلىنى كېچىسى سالسا، كۈندۈزى سالغانغا قارىغاندا ئۈنۈمى ياخشى بولىدىكەن. 

بىئولوگىيىلىك سائەتنى تەتقىق قىلىشنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە قارىتا ئەھمىيىتى تېخىمۇ چوڭ. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ پەسىللىك ئۆسۈش ۋە پىشىش قانۇنىيىتىدىن پايدىلىنىپ، يورۇتۇش دەۋرلىكىنى سۈنئىي كونترول قىلىش ئارقىلىق، دانلىق زىرائەتلەر ۋە كۆكتاتلارنىڭ مەھسۇلاتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بېلىقلارنىڭ كۆچۈشى يىل رىتىمى بويىچە بولىدىغان بولغاچقا، بېلىقچىلار بېلىقلارنىڭ كۆچۈش لىنىيىسى ۋە ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى بىلىۋالسىلا، بېلىقلار توپىنى ئاسانلا تاپالايدۇ. 

بىئولوگىيىلىك سائەت ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ ئىستىقبالى ئادەمنى جەلپ قىلغاچقا، جانلىقلارنىڭ ۋاقىت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان يېڭى پەن − ۋاقىت بىئولوگىيىسى دۇنياغا كەلدى. شۈبھىسىزكى، تەتقىقاتلارنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بىئولوگىيىلىك سائەتنىڭ قائىدىلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيەتلىرىدە تېخىمۇ كەڭ قوللىنىلغۇسى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#