ئارا تۈرۈك سۇ باغچىسى مەنزىرە رايونى

ئارا تۈرۈك سۇ باغچىسى مەنزىرە رايونى

ئارا تۈرۈك سۇ باغچىسى مەنزىرە رايونىدا ئاساسلىقى سۇ ئۈستى كۆڭۈل ئېچىش رايونى، بېلىق تۇتۇش رايونى، قەبرىستانلىق رايونى ۋە فۇنكسىيىلىك رايونى قاتارلىقلار بار. ئارا تۈرۈك سۇ باغچىسىنىڭ ئومۇمىي دائىرىسى 1600 مو، قاتنىشى قولاي.

ئۇيغۇرچە نامى ئارا تۈرۈك سۇ باغچىسى مەنزىرە رايونى
تەۋەلىكى قومۇل شەھىرى ئارا تۈرۈك ناھىيەسى
مەنزىرە نۇقتىسى دەرىجىسى دۆلەت 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى
خەنزۇچە نامى 伊吾伊水园景区
كۆلىمى 1600 مو

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئارا تۈرۈك سۇ باغچىسى مەنزىرە رايونىدا ئاساسلىقى سۇ ئۈستى كۆڭۈل ئېچىش رايونى، بېلىق تۇتۇش رايونى، قەبرىستانلىق رايونى ۋە فۇنكسىيىلىك رايونى قاتارلىقلار بار. ئارا تۈرۈك سۇ باغچىسىنىڭ ئومۇمىي دائىرىسى 1600 مو، قاتنىشى قولاي، مەنزىرە رايونىنىڭ تۇرۇشلۇق ئادرېسى بولسا ئارا تۈرۈك 40 كۈنلۈك مۇداپىئە ئۇرۇشى قورغىنى جەنۇبى تاغ ئۇرۇش خارابىسى.

سۇ ئۈستى كۆڭۈل ئېچىش رايونىدا سەيلە كېمىسى، سۇ ئۈستى پىيادە توپ، ئۈچ چاقلىق ۋېلىسىپىت، سۇ ئۈستى قوش ئادەم ۋېلىسىپىت قاتارلىقلار بار.

بېلىق تۇتۇش رايونىنىڭ ئىگىلىگەن ئومۇمىي يەر كۆلىمى 206 مو، بېلىق توپلاشتۇرۇپ بېقىش، بېلىق تۇتۇش، ساياھەتچىلىك، ھەرىكەت، ئارام ئېلىش قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى.

قەبرىستانلىق رايونى ئارا تۈرۈك 40 كۈنلۈك مۇداپىئە ئۇرۇشىنىڭ نەنسەن ئۇرۇش خارابىسى، 2007-يىلى، 40 كۈنلۈك مۇداپىئە ئۇرۇشىنىڭ كۆرگەزمە زالى، خاتىرە مۇنارى، ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىسى، تاغقا چىقىدىغان چىغىر يول، يولۇچىلارنى كۈتۈۋېلىش مەركىزى، قەھىرىمانلار مۇنارى، نەنشەن تېغىدىكى ئىستىھكام قاتارلىقلار كېڭەيتىپ قۇرۇلغان.

قەبرىستانلىق رايونى ئارا تۈرۈك خەلقى ئۈچۈن تەر ئاققۇزۇپ ئارا تۈرۈكتىكى 40 كۈنلۈك مۇداپىئە ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئەسلەش ئۈچۈن سېلىنغان.

ئارا تۈرۈك ناھىيەسى دە ئىلگىرى پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە سالغان، دۈشمەننى تىترەتكۈدەك ئاراتۈرۈك 40 كۈنلۈك مۇداپىئە ئۇرۇشى بولغان. ماۋ جۇشىنىڭ شىنجاڭغا ئەسكەر كىرگۈزۈپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش-چېگرانى قوغداش ھەققىدىكى بۇيرۇقى بىلەن، ئازادلىق ئارمىيە 1-يىڭنىڭ 2-لىيەندىكى پۈتكۈل كوماندىر جەڭچىلەر بىلەن مەملىكەتلىك ئۇرۇش قەھرىمانى خۇچىڭشەن مۇئاۋىن يىڭجاڭ باشچىلىقىدا 1950-يىلى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئارا تۈرۈك ناھىيەسى گە كىرىپ ئورۇنلاشقان.

1995-يىلى، ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى تەرىپىدىن ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى دەپ نام بېرىلگەن، 2002-يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى تەرپىدىن ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى دەپ نام بىرىلگەن، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە ئىمارەتلىرى ئىچىدىكى قوغدىلىدىغان ئورۇن قىلىپ بېكىتىلگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#