تۈگۈرمىتى يېزىسى
تۈگۈرمىتى يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش شەھىرىگە جايلاشقان.يەر كۆلىمى 3108 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تۈگۈرمىتى يېزىسىتۈگۈرمىتى يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش شەھىرىگە جايلاشقان.
«تۈگۈرمىتى» قىرغىز تىلىدا «تۈگمەن» دېگەن مەنىدە. تۈگۈرمىتى يېزىسى ئاتۇش شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، شەھەر رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى تۈز سىزىق ئارىلىقى 33 كىلومېتىر، شىمالىي قىسمى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن چېگرالىنىدۇ، چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 100 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 60 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى تەخمىنەن 64 كىلومېتىر، كۆلىمى 3108 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
پۈتۈن يېزا تەۋەسىدە بەش مەمۇرىي كەنت، 13 تەبىئىي كەنت، بىر چارۋىچىلىق فېرمىسى، 23 كەنت گۇرۇپپىسى، 200 دىن ئارتۇق ئاھالىسى بار، نوپۇسى 7548 ئادەم، ئاساسلىقى قىرغىزلار ئولتۇراقلاشقان، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۈگۈرمىتى كەنتىدە، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1630 مېتىر، شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقى 80 كىلومېتىر.
تۈگۈرمىتى يېزىسىتۈگۈرمىتى يېزىسى تاغلىق رايونغا جايلاشقان، يەر شەكلى ئېگىز-پەس، تاغ تىزمىلىرى تۇتىشىپ كەتكەن، شىمالىي قىسمىدا قاراتېكە، مەيدانتۈز قاتارلىق تاغلار، جەنۇبىي قىسمىدا قارا تاغ قاتارلىق تاغلار بار، تۆت ئەتراپى تاغ بىلەن ئورالغان، ئوتتۇرىسى تۈگۈرمىتى ئويمانلىقى، تۇپراق قاتلىمى قېلىن، يېرى مۇنبەت.
تۈگۈرمىتى يېزىسىئاساسلىق ئىقتىسادىي كەسىپ چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، يېزا ئىگىلىكى قوشۇمچە. پايدىلىنىشقا بولىدىغان ئوتلاق 2 مىليون 260 مىڭ مو، 15سۈنئىي ئوتلاق مىڭ مو، ئورمان يېرى 3000 مو، 6000 مو تېرىلغۇ يەر بار. بۇ يېزا بوغۇز دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقان، سۇ مەنبەسى مول، سۈيى سۈزۈك بولۇپ، ئاساسلىقى ئاغۇ ۋادىسى بوز تاغ ئالدى تۈزلەڭلىكى ۋە ئاتۇش شەھەر-بازىرىنى سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ. دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن ئاساسلىقى بۇغداي، ئارپا، قوناق، پۇرچاق قاتارلىقلار؛ مېۋە-چېۋە ئۆرۈك قاتارلىقلار؛ چارۋىلار كالا، قوي، ئات، ئېشەك، تۆگە، قوتاز قاتارلىقلار بار، قېزىلما بايلىقلاردىن تۆمۈر، خرۇستال، ئىسلاندىيە تېشى، ھاك تاش قاتارلىقلار بار. يېقىندىن بېرى، دۆلەتنىڭ غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىنىڭ يولغا قويۇلىشىغا ئەگىشىپ، تۈگۈرمىتى يېزىسى دۆلەت، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە مالىيىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى تۈرىنى قوللىشى بىلەن، پۈتۈن يېزا نامراتلىق، قالاقلىق قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىشلەر بولغان.
تۈگۈرمىتى يېزىسى2003-يىلى ئاتۇش شەھىرىدىن تۈگۈرمىتى يېزىسىغا تۇتىشىدىغان تاشيول تۇتاشتۇرۇلغان، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش، كۆچمە خەۋەرلىشىش پۈتۈن يېزىنى قاپلىغان، تۈگۈرمىتى يېزىسىنى سىرت بىلەن تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن تاشقى ئالتۇن كۆۋرۈك سېلىنىپ، تۈگۈرمىتى يېزىسى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن يېڭى ھاياتىي كۈچ بېغىشلىغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.