داچۈەن يېزىسى

داچۈەن يېزىسى

داچۈەن يېزىسى شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى دىكى ساۋەن ناھىيەسى نىڭ شىمالىي شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى داچۈەن يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 260 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى مۆتىدىل بەلباغ قۇرغاق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 大泉乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ
تەۋە رايون تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەسى
نوپۇسى 12 مىڭ 600 ئادەم
پىنيىنچە يېزىلىشى dà quán xiāng

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

داچۈەن يېزىسىداچۈەن يېزىسى شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى دىكى ساۋەن ناھىيەسى نىڭ شىمالىي شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان. ساۋەن ناھىيەسى گىچە بولغان تاشيول مۇساپىسى تۆت كىلومېتىر. ئومۇمىي كۆلىمى 260 كۋادرات كىلومېتىر.

داچۈەن يېزىسىداچۈەن يېزىسى تەۋەسىدە 13 كەنت بار، ئومۇمىي نوپۇسى 12832 ئادەم، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، ئۇيغۇر قاتارلىق 10 مىللەتتىن تەركىب تاپقان. ئاز سانلىق مىللەتلەر 4979 ئادەم، يېزا نوپۇسى 11420 ئادەم، نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى  ‰9.47، تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى ‰7.63 گە يەتكەن.

داچۈەن يېزىسى قارمىقىدا: داچۈەن كەنتى، خېشى كەنتى، شاۋفاڭجاڭزا كەنتى، دۇڭچۈەن كەنتى، ياڭجياجۇاڭ كەنتى، سەنداۋگۇ كەنتى، شىچۈەن كەنتى، ۋۇداۋخوزا كەنتى، چېڭجياۋ غەربىي كەنتى، ئەرداۋخوزا كەنتى، يېجياخۇ كەنتى، چىڭجياۋ شەرقىي كەنتى، جۇڭچۈەن كەنتى قاتارلىق 13 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار.

ئومۇمىي كىرىمى

تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 81000 مو، تېرىلغان ئاشلىق زىرائىتى 13 مىڭ 800 مو، ئىقتىسادىي زىرائەت 64300 مو. دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 137 مىليون 898 مىڭ 800 يۈەن بولۇپ، 2011-يىلىدىكىدىن %13.5 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە دېھقانچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 98 مىليون 930 مىڭ 400 يۈەن، ئورمانچىلىقنىڭ 230 مىڭ يۈەن، چارۋىچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 38 مىليون 738 مىڭ 400 يۈەن بولغان. ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى 8140 توننا ئاشلىق، 13494 توننا پاختا، 160 توننا ياغلىق دان، 11700 توننا مېۋە. يىل ئاخىرىدا قولدا قالغان 4.27 مىڭ تۇياق بولغان. يىل ئىچىدە 470 مىڭ مو يەردە ئورمان بىنا قىلىنغان، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش كۆلىمى 20 مو. بازار كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 198 مىليون يۈەنگە يىتىپ، ساپ پايدىسى 13 مىليون 500 مىڭ يۈەن بولغان.

جەمئىيەت بويىچە تۇراقلىق مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ 2550 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسىي قۇرۇلۇشقا سېلىنغان مەبلەغ 2250 يۈەن، يېڭىلاش، ئۆزگەرتىشكە سېلىنغان مەبلەغ 300 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. يىل ئاخىرىدىكى مۇقىم تېلېفون ئابۇنېنتى 2549 گە، كۆچمە تېلېفون ئابۇنېنتى 1378 گە، ئىنتېرنېت تورى ئابۇنېنتى 57 گە يەتكەن.

دېھقانچىلىقى

2006-يىلى، بۇ يېزا بازارنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلارنى تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ۋە سەرخىللاشتۇرۇپ، ئاشلىق، پاختا ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىدا، پەمىدۇر، كۆكتات، باغۋەنچىلىك قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنىڭ تېرىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، گەۋدىلىك شەھەر ئەتراپى يېزىسى تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن.

داچۈەن يېزىسىپۈتۈن يېزىدىكى ئومۇمىي تېرىلغۇ كۆلىمى 87500 مو، بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي 10 مىڭ مو، پاختا 52900 مو، كۆممىقوناق 4500 مو، مايلىق زىرائەت 1000 مو، خاسىڭ 500 مو، پەمىدۇر 2000 مو، كۆكتات 5500 مو، ئېڭىز يەر 2000 مو، تاۋۇز 1800 مو، سىلىبۇم ئوتى 810 مو، يەم-خەشەك 6500 مو (بۇنىڭ ئىچىدە 2000 مو ئاق يەر، ئېڭىز 4500 مو)، باشقا  990 مو.

چارۋىچىلىقى 

يېزا بويىچە جەمئىي 82 مىڭ 100 تۇياق، ئەڭ كۆپ بېقىلىش مىقدارى 62 مىڭ تۇياق، يىل ئاخىرىدا قولدا قالغىنى 43000 تۇياق، بۇنىڭ ئىچىدە چوشقا 10900 دانە، كالا 3601 تۇياق، قوي 28361 تۇياق، تۆگە 62، بۇغا 13 تۇياق، تۆگە قۇش 6 دانە، ئات 60، ئۆي قۇشلىرى 11330 دانە. يېڭىدىن سېلىنغان يېپىق قوتان 87، كۆلىمى 11061 كۋادرات مېتىر، يېڭىدىن قۇرۇلغان ئۈچ ساقلاش ئىسكىلاتى 22، كۆلىمى 1750 كۇب مېتىر، يېڭى سېتىۋېلىنغان چارۋىچىلىق ماشىنىلىرى 16 دانە، زاپاس يەم-خەشەك 18 مىڭ توننا، 2630  توننا گۆش، 114 توننا يۇڭ، 307 توننا تۇخۇم، 3360 توننا سۈت ئېلىنغان، يېڭى سۈت سېتىۋېلىش پونكىتى 3.

داچۈەن يېزىسىيېزا بويىچە ھەر خىل كەسپىي تېخنىكا خادىمى 234 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۇنۋانى بارلار 54 نەپەر. ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ بىر، ئوقۇغۇچىسى 334 نەپەر، ئاز سانلىق مىللەت 79 ئادەم، باشلانغۇچ مەكتەپ 3، ئوقۇغۇچىسى 830 نەپەر، ئاز سانلىق مىللەت 51 نەپەر. ھەر خىل ئوقۇتقۇچى 160 نەپەر، ئاز سانلىق مىللەتلەر 51 نەپەر. مائارىپ ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا 1 مىليون 100 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. يىل ئاخىرىدا رادىيونىڭ قاپلاش نىسبىتى %100 كە، رادىيو بىلەن تېلېۋىزىيەنىڭ قاپلاش نىسبىتى ئوخشاشلا %100 كە، سىملىق تېلېۋىزىيە ئابۇنېنتى 2112 گە يەتكەن. داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتى بىر، كەسپىي سەھىيە تېخنىكا خادىمى 19 ئادەم.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#