بوزۇغا
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۆسۈملۈك بوزۇغىنىڭ يىلتىزسىمان غۇلى ياكى قۇرۇتۇلغان يىلتىزسىمان تۈگۈنەك غولى.
يىلتىزسىمان غولىنىڭ تەركىبىدە ئۇچۇچان ماي %1~%2 كىچە، مېيىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى سېسكىۋىتېرپن (Sesquuiterpene)، بۇنىڭ ئىچىدە زېـدىـرون (zederone) %32 ،قالغـىـنـى كامـفورا (camphor) ، ئارتـور مېـرون (Arturmerone)، تۇر مېرون(turmerone) قاتارلىقلار بار.
پەي- مۇسكۇللارنى قۇۋۋەتلەش، ھۆل سوغۇق كەيپىياتنى تەڭشەش، مېڭە،يۈرەك،ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، سوغۇقنى تارقىتىپ، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئاغرىق پەسەيتىش، ئىششىق ياندۇرۇش، سۈيدۈك ۋە ھەيىزنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
1.بوزۇغىدىن 2 گرام ئىلىپ، چالا ئېزىپ ، بىر پىيالە سۇدا قاينىتىپ مۇۋاپىق تەم تەڭشىگۈچلەر بىلەن ئىچىپ بەرسە قۇرساق ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ.
2.كاۋاۋىچىن، بوزۇغا ،موزىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، سۇپۇپ تەييارلاپ، چىش ئەتراپىغا زىماد قىلسا چىش مىلىكىنى چىڭىتىدۇ .
3.بۇزۇغىنى سىركىدە سۈرۈپ، ئالقان، تاپان، قۇلاقنىڭ ئارقا تەرىپى، قولتۇق قاتارلىق يەرلىك ئورۇنلارغا سۈرۈپ بەرسە ھۆل سوغۇقنى تارقىتىدۇ
1. ئۆسمىگە،باكتېريىگە قارشى تۇرۇش تەسىرىگە ئىگە. 2. بالدۇر ھامىلدار بۇلۇشنى تىزگىنلەش تەسىرىگە ئىگە. 3. جىگەر خىزمىتى ناچارلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەسىرىگە ئىگە. 4. كاربۇن تۆت خىلورىتتىن كېلىپ چىققان جىگەر زەخمىلىنىشكە نىسبەتەن قوغداش رولى بار. ئۇنىڭدىن باشقا قان ئويۇشۇش، قان نوكچىسى شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.
مۇناسىپ تەم تەڭشىگۈچلەر بىلەن ئىستېمال قىلىش لازىم.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.