ئادراسمان ئۇرۇقى
ئادراسمان ئۇرۇقى ئۈچ قىرسىمان بۆرەك شەكىللىك ، رەڭگى قارا ياكى قۇڭۇر رەڭلىك ، سىرىتقى كۆرۈنۈشى قوپال، ئىچكى قسىمى ئاق كېلىدۇ. ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش رولىغا ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئادراسمان ئۇرۇقى ئۈچ قىرسىمان بۆرەك شەكىللىك ، رەڭگى قارا ياكى قۇڭۇر رەڭلىك ، سىرىتقى كۆرۈنۈشى قوپال، ئىچكى قسىمى ئاق كېلىدۇ. پۇراقلىق تەمى ئاچچىق بۇلۇپ، ئوغرى تىكەن ئائىلسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غۇللۇق ئۆسۈملۈك، كۈزدە ئۇرۇقى پىشقاندا يىغىۋېلىپ ساقلىنىدۇ. ئاساسەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىن چىقىدۇ.
فارماكولوگىيىلىك تەسىرى
تەركىبىدىكى بىئولوگىيلىك ئىشقارلار بالياتقۇ بوينى راكى قاتارلىق راك ھۈجەيرىلىرىنى تورمۇزلاش رولىغا ئىگە.
2. مەركىزىي نېرۋا سېستېمىسىنى غىدىقلاش تەسىرى بار .
3. بىئولوگىيلىك ئىشقارلىرىنىڭ قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، يۈرەك قىسقىراش كۈچىنى ئاشۇرۇش، يۈرەك سوقۇشنى ئاستـىلـىتىش تەسىرى بار . 4. مىكرو ئورگانىـزىملارغا قارشـى تۇرۇش تەسىـرى بار .
1. ئادراسمان ئۇرۇقى، ئاقىر قەرھا ، سۆئىلەپ ، شاقاقۇل قاتارلىقلاردىن 10 گرامدىن ئېلىپ سوقۇپ ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، مەجۈن تەييارلاپ ئىچسە ، باھنى قۇۋۋەتلەش ، پەي مۇسكۇللارنى چىڭىتىش تەسىرىنى بېرىدۇ .
2.ئادراسمان ئۇرۇقىدىن 10گرام ، بەدىياندىن7 گرام ،تاۋۇز ئۇرۇقىدىن 10 گرام ئېلىپ قاينىپ ئىچسە سۈيدۈك ۋە ھەيىزنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
3. ئۇسىتقۇددۇس ، ئادراسمان ئۇرۇقى ، سازەج ھىندى، سۇمبۇل ، بادرەنجى بۇيا قاتارلىقلاردىن 5 گرام ئېلىپ ، سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ چايلىق قىلىپ ئىچسە ئۇنۇتقاقلىق ، مالىخۇلىياغا شىپا بولىدۇ.
مەجۈنى ھورمىل ، ئادراسمان يېغى.
باھ ئاجىزلىقى، پالەچ، لەقۋا، بوغۇم ئاغرىقى، ئېرقۇننىسا، پەي ۋە نېرۋا ئاجىزلىقى، ئۇنۇتقاقلىق، جۇنۇن، سۈيدۈك ۋە ھەيىز راۋان بولماسلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەركىبىدە بىئولوگىيىلىك ئىشقار% 3.927-، ئاساسلىقى خارمىن (Harmine) ، خارمالىن (Harmaline) ، پېگانىن (Peganine) ، دىئوكسىدى ۋازىـسىنـون (Deoxyvasicinone) ، ۋازسـىـن (vasicine) قاتارلىـقلار بار، ئۇنىڭدىن باشـقا يەنـە پېگـانون(Peganone)، گۇئېرسـىتـىن (Guercetin) ، كامفىـرول(Kaempferol) قاتارلىقلارمۇ بار.
1. تەمى ئاچچىق بولغاچقا، ھەسەل قاتارلىق قوشۇمچىلار بىلەن بىللە ئىشلىتىش لازىم. 2. باش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولغاچقا، ئاچچىق ئانار بىلەن بىرگە ئىشلىتىش كېرەك.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى1 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى) . [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.