ياسسىي
ياسسىي شەھىرى رۇمىنىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مۇھىم سانائەت مەركىزى. بۇ شەھەر دەرياسىنىڭ تارمىقى بولغان باخلۇئى دەريا بويىغا بويىغا جايلاشقان. ياسسىي 16-ئەسىردىن باشلاپ مولداۋا كىنەزلىكىنىڭ مەركىزى بولغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ياسسىي شەھىرى رۇمىنىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مۇھىم سانائەت مەركىزى. بۇ شەھەر پرۇت دەرياسىنىڭ تارمىقى بولغان باخلۇئى دەريا بويىغا بويىغا جايلاشقان. يەر مەيدانى 5469 كۋادرات كىلومېتىر، شەھەر ئاھالىسى 816 مىڭدىن ئاشىدۇ. ياسسىي 16-ئەسىردىن باشلاپ مولداۋا كىنەزلىكىنىڭ مەركىزى بولغان. يېقىنقى 100 يىلدىن بۇيان «مەدەنىيەت شەھىرى» نامى بىلەن رۇمىنىيىگە تونۇلغان. ياسسىي رۇمىنىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئەڭ چوڭ سانائەت مەركىزى.
ياسسىي ھازىر ياسسىي ئۇنۋېرسىتېتى ئۇنىڭ مۇھىم سىمۋولى ھېسابلىنىدۇ. ياسسىي مەدەنىيەت سارىيى 1434-يىلى سېلىنغان بولۇپ، ياسسىي شەھىرى بويىچە ئەڭ چوڭ قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى. ياسسىي شەھىرىدە رۇمىنىيە بويىچە ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان ياسسىي ئۇنۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ شۆبىسى، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بار.
بۇ شەھەردە پولات-تۆمۈر، ماشىنىسازلىق، خىمىيە، توقۇمىچىلىق، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى خېلى تەرەققىي قىلغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.