پېرسىيە قولتۇقى

پېرسىيە قولتۇقى

ھىندى ئوكياننىڭ بىر چەت دېڭىزى بولۇپ، ئەرەبلەر «ئەرەب قولتۇقى» دەپ ئاتايدۇ. بۇ قولتۇق ئەرەب يېرىم ئارىلى بىلەن ئىران ئېگىز تەكشىلىكى ئارىسىغا جايلاشقان، غەربىي شىمالى ئەرەب دەريا ئاغزىدىن شەرقىي جەنۇبتا ھورمۇز بوغۇزىغا قەدەر 970 كىلومېتر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلۇپ تۇرىدۇ؛ كەڭلىكى 56-338 كىلومېتر كېلىدۇ. مەيدانى 240 مىڭ كۋادرات كىلومېترغا يېتىدۇ. 

نامى پېرسىيە قولتۇقى
دۆلىتى ئىران
كىلىماتى ئوتتۇرچە تېمپۇراتۇرىسى 20 سىلىتسىيە گىرادۇس
خەنزۇچە نامى 波斯湾
يەر مەيدانى
كىۋادرات كىلومىتىر 241000

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پېرىسىيەھىندى ئوكياننىڭ بىر چەت دېڭىزى بولۇپ، ئەرەبلەر «ئەرەب قولتۇقى» دەپ ئاتايدۇ. بۇ قولتۇق ئەرەب يېرىم ئارىلى بىلەن ئىران ئېگىز تەكشىلىكى ئارىسىغا جايلاشقان، غەربىي شىمالى ئەرەب دەريا ئاغزىدىن شەرقىي جەنۇبتا ھورمۇز بوغۇزىغا قەدەر 970 كىلومېتر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلۇپ تۇرىدۇ؛ كەڭلىكى 56-338 كىلومېتر كېلىدۇ. مەيدانى 240 مىڭ كۋادرات كىلومېترغا يېتىدۇ. سۈيىنىڭ ئادەتتىكى چوڭقۇرلۇقى 100 مېتر ئەتراپىدا كېلىدۇ. شەرقىي جەنۇبى بۆلىكىدىكى ئايرىم جايلارنىڭ چوڭقۇرلۇقى 120 مېتردىن ئاشىدۇ. قولتۇق ئىچىدە ئاراللار ناھايىتى كۆپ، بۇنىڭ كۆپى مارجان ئاراللىرىدىن ئىبارەت. پېرسىيە قولتۇقىنىڭ ئەتراپى ھەم سۇ ئاستى قىسمى دۇنيا بويىچە نېفىت زاپىسى ئەڭ كۆپ رايون ھېسابلىنىدۇ.

پېرسىيە قولتۇقىپېرسىيە قولتۇقى ئەتراپىنىڭ ھاۋاسى قۇرغاق ئىسسىق، قولتۇققا قۇيۇلىدىغان تاتلىق سۇ غەربىي شىمال تەرەپتىكى ئەرەب دەرياسى بىلەن كارۇن دەرياسىدىن كېلىدۇ. سۈيىنىڭ پارغا ئايلىنىشى كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا سۈيىنىڭ تۇز تەركىبى يۇقىرى بولىدۇ. دېڭىز يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى غەربىي شىمالدا ℃16-℃32، شەرقىي جەنۇبىدا ℃24-℃34 قا يېتىدۇ.

 پېرسىيە قولتۇقى ئەتراپىغا جايلاشقان ئىران، ئىراق، كۋەيت، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، بەھرەيىن، ئومان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي نېفىتلىكلىرى قولتۇق رايونىغا مەركەزلەشكەن، بۇ جايلاردىن يىلىغا بىر مىليارد توننا ئەتراپىدا نېفىت ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. دۇنيادىكى نېفىت ئېكسپورتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى پېرسىيە قولتۇقى رايونى تەمىنلەيدۇ. بۇ جاي قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە مۇھىم قۇرۇقلۇق، دېڭىز قاتناش يولى بولۇپ كەلمەكتە.

پېرسىيە قولتۇقى پېرسىيە قولتۇقى ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر نېفىت ئىشلەپچىقىرىشتىن سىرت بۇغداي، ئارپا، شال، خورما، ئۈزۈم، كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرىدۇ. چارۋىچىلىقىدا قوي، ئۆچكە، تۆگە بېقىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكى خەلق ئىگىلىكىدە ئانچە مۇھىم ئورۇن تۇتمايدۇ. پېرسىيە قولتۇقى بويىدىكى خارك پورتى، ئابادان پورتى(ئىران) ، بەسرە، ئوفا(ئىراق) ، مىنائەخمەت(كۋەيت) ، ساپانىيە، راستازورا(سەئۇدى ئەرەبىستان) ، ئابودەبى، دىبەي(ئەرەب بىرلەشمە خەلىپلىكى) پورتلىرى نېفىت ئايرىش ۋە نېفىت ئېكسپورتىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

بەيدۇ تورى قامۇسى 

http://baike.baidu.com/

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#