قىياق ئائىلىسىگە تەۋە بىر پەللىلىك، كۆپ يىللىق كونا يىلتىزلىق سامان غوللۇق كۈزگى ئۆسۈملۈكلەر، يۈزى سىلىق، پارقىراق، بېغىر رەڭ ياكى قارا قوڭۇر رەڭدە، كۆل ئىچىدە ئۆسىدۇ، يەر ئۈستى قىسىمى قېنىق يېشىل رەڭلىك، غولى توپلىشىپ ئۆسكەن، يەر ئاستى تەرىپى شارسىمان يېيىشكە بولىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى بىجىك
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى قىياق ئائىلىسى
تۈرى بىجىك
خەنزۇچە ئاتىلىشى 荸荠
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى باشاقلىقلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى بىجىك ئۇرۇقدىشى
باشقا نامى بىجىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بىجىكبىجىك قىياق يەر ئاستى يەر بېغىرلىغۇچى، غول ئۇچى يوغىناپ شارسىمان بولىدۇ، شارسىمان غولى ياپىلاق شار شەكىللىك بولۇپ، سىرتقى يۈزى سىلىق، كونا ۋە يېتىلگەن يوپۇرماقلاردا قېنىق كاشتان پاللادىي ياكى چىلان رەڭلىك ھالقىسىمان 3 ~ 5 تالغىچە ئۇرۇق پەيدا بولىدۇ، ھەمدە قۇش تۇمشۇقىسىمان ئۇچ بىخى ئۇدۇل ئۈستى ۋە يان قىسقا، ئېتى چۈرۈك، شىرنىلىك ھەم تاتلىق. 

بىجىكبىجىكنىڭ ئەسلىي ماكانى ھىندىستان، يەر شارىدا تەخمىنەن 150 خىل تۈرى پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان، ئىسسىق بەلباغ ۋە سۇبتىروپىك بەلباغدا كۆپ ئۆسىدۇ. جۇڭگونىڭ غەربىي خەن سۇلالىسى مەزگىلىدە ئۆستۈرۈشكە باشلىغان، نۆۋەتتە 20 نەچچە خىل ۋە بەزى ئۆزگەرگەن تۈرى بار، ئاساسلىقى گۇاڭشى، جاڭسۇ، ئەنخۇي، جېجىياڭ، فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ، خۇنەن، خۇبېي، جياڭشى، گۈيجۇ قاتارلىق ئويمان يەرلەرگە، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ قىسمەن رايۇنلارغىمۇ تارقالغان. 

ئوزۇقلۇق قىممىتى 

بىجىكبىجىكنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول، ھەر 100 گىرام ساپ شارسىمان غول تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارى 0.8 ~ 1.5 گىرام، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى 12.9 ~ 21.8 گىرام، ياغ 0.3 گىرام، يىرىك تالا 0.3 گىرام، كۈل تەركىبىدىن0.8 گىرام، كالتسىي 4 مىللىگىرام، فوسفور 45 مىللىگىرام، تۆمۈر 0.8 مىللىگىرامدىن تەركىپ تاپقان، ھەمدە ئاز مىقداردا كاروتىن ۋە ۋىتامىن C بار.

دورىلىق قىممىتى 

بىجىكبىجىكنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، قىزىتما، قاندا ھۆللۈك پەيدا بولۇش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، نەملىكنى يوقىتىش، بەلغەمنى بوشىتىش، تاماق سىڭدۈرۈپ قورساق كۆپۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى بار، سېرىقلىقنى داۋالاشقا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، تولغاق، بالىلار پالىچى، قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ بىجىكتە بىر خىل مىكروبقا قارشى تەركىب، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشتە بەلگىلىك ئۈنۈمى بار، بۇ خىل ماددىلار يەنە راك كېسىلىگە قارىتا ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىجىك ئادەم بەدىنىنىڭ مېتابولىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە بەلگىلىك باكتېرىيە تىزگىنلەش رولى بار. 

بىجىكبىجىك ئۇرۇقدىشى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق سۇ ئۆسۈملۈكلىرى، سۇلۇق ئېتىزدا ياخشى ئۈسىدۇ ياكى ئۆستۈرۈلىدۇ. ھۈجەيرىنىڭ كۆپىيىشىدە توپ جىنسسىز كۆپىيىش قوللىنىپ، شارسىمان مېۋە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بىجىك ھۆل ئىسسىقنى ياخشى كۆرىدۇ، سوغۇقتىن قورقىدۇ، يېتىلىشكە مۇۋاپىق تېرىلغۇ قەۋەت يۇمشاق، تۇپراق ئاستى پۇختا بولغان تۇپراقتا ياخشى ئۆسىدۇ. ئۆستۈرۈش جەريانىدا، 20-25 سانتىمېتىر بار بولغان تېرىلغۇ يەرنىڭ ئۆڭىنى تەلەپ قىلدۇ، بۇنداق بولغاندا شارسىمان غولنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق، شارسىمان غولنىڭ يەككە تەنچىسىنىڭ يېتىلىشى چوڭ - كىچىكلىكى تەكشى، رەتلىك ھەم بىردەك بولۇپ، قېزىشقا پايدىلىق. 

كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك زىيانداشلىقى ئاساسلىقى، سولىشىپ قۇرۇش كېسىلى، غول چىرىش كېسىلى، تۈگۈنچەك كېسىلى قاتارلىقلار بار، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە نەملىك پەسىللەردە كېسەللىكنىڭ يامراپ كېتىشى تېز، زىيىنى ئېغىر، بىجىك ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك كېسەللىك زىيانداشلىقى . كېسەللىك يۈز بەرگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، كېسەللىك دېغى قارامتۇل يېشىل رەڭلىك بولۇپ، سۇ تامچىلىرى پەيدا بولۇپ كېيىن كېڭىيىپ، ھاسىل بولغان سېرىق رەڭلىك داغ چوڭىيىدۇ.

كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيانداشلىقى

دائىم كۆرۈلىدىغان زىيانداش ھاشارەتلەر ئاساسلىقى چېكەتكە، شال پەرۋانىسى قاتارلىقلار بار، ئوكسىدلانغان روگور ياكى دېسىس ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#