ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ھەق ئېلىش تەرتىپى قائىدىسى

ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ھەق ئېلىش تەرتىپى قائىدىسى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلانى 87-نومۇرلۇق «ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ھەق ئېلىش تەرتىپى قائىدىسى» 2004-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى مىنىستىرلار يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ئېلان قىلىنغان. 2004-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

 

                                                مىنىستىر جاڭ فۇسېن

                                           2004-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى

ئۇيغۇرچە نامى ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ھەق ئېلىش تەرتىپى قائىدىسى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2004-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى
خەنزۇچە نامى 律师事务所收费程序规则
يولغا قۇيۇلغان ۋاقتى 2004-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورۇنلىرىنىڭ ھەق ئېلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك قانۇن، قانۇن  قائىدە ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ ھەق ئېلىشىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن بۇ قائىدە تۈزۈپ چىقىلدى.

2-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ھەق ئالىدىغان تۈرى، ئۆلچىمى ۋە ئۇسۇلى «ئادۋوكاتلىق مۇلازىمىتى ھەق ئېلىشنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى» ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك باھا باشقۇرۇش تارماقلىرى، ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى تۈزگەن ئادۋوكاتلىق مۇلازىمىتى ھەق ئېلىشقا ئائىت بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

3-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى ئادۋوكاتلىق  مۇلازىمەت ھەققىنى ئېلىشقا قانۇنلۇق بولۇش، ئاشكارا بولۇش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىش پرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىشى لازىم.

4-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى كېڭىشىپ ھەق ئېلىش، سائىتىگە قاراپ ھەق ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، «ئادۋوكاتلىق مۇلازىمىتى ھەق ئېلىشنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى» نىڭ 4-ۋە 7-ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن دائىرە بويىچە ھەق ئېلىشى كېرەك.

5-ماددا ئادۋوكاتلىق مۇلازىمىتى ھەققى ئادۋوكاتلىق ئورنى تەرىپىدىن بىر تۇتاش ئېلىنىدۇ.

ئادۋوكاتنىڭ ئۆز ئالدىغا ھاۋالە قىلغۇچىدىن ھەرقانداق خىراجەتنى ئېلىشىغا بولمايدۇ.

6-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى مۇلازىمەت قىبلىنامىسى چىقىرىش، بېسىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئادۋوكاتلىق  مۇلازىمەت ھەققى ئېلىنىدىغان تۈر، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ۋە ھەق ئېلىش ئۇسۇلىنى ئاشكارا ئېلان قىلىپ، ھاۋالە قىلغۇچىلارنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

7-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى ھاۋالىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن ھەق ئېلىش توختامى تۈزۈشى ياكى ھاۋالە توختىمىدا ھەق ئېلىش توغرىسىدىكى ماددىنى ئېنىق يېزىشى لازىم.

ھەق ئېلىش توختامى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى لازىم: ھەق ئېلىنىدىغان تۈر، ھەق ئېلىش ئۇسۇلى ۋە ئۆلچىمى، ھەق سوممىسى (نىسبىتى)، پۇل چىقىم قىلىش ۋە ھېسابات قىلىش ئۇسۇلى، تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش يولى قاتارلىق مەزمۇنلار.

8-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى ھەق ئېلىش توختامى ياكى ھاۋالە توختىمىدىكى ھەق ئېلىش ماددىسىدا پۈتۈشكەن ھەق ئېلىش ۋە ھەق سوممىسى (نىسبىتى) بويىچە ئادۋوكاتلىق مۇلازىمەت ھەققى ئېلىشى كېرەك.

9-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى ھاۋالە قىلغۇچىدىن ئادۋوكاتلىق مۇلازىمەت ھەققىنى بىۋاسىتە ئېلىشى لازىم. ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ئىلتىماس قىلىشى ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن دېلو ئىشلىگۈچى ئادۋوكات ۋاكالىتەن ھەق تاپشۇرۇشتا ئادۋوكاتلىق ئورنىغا ھاۋالە قىلغۇچى ئىمزا قويغان ھەمدە تاپشۇرغان ھەق سوممىسى ئېنىق يېزىلغان ھاۋالىنامىنى تاپشۇرۇشى لازىم.

10-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى ھاۋالە قىلغۇچىدىن ئادۋوكاتلىق مۇلازىمەت ھەققى ئېلىشتا ھاۋالە قىلغۇچىغا ۋاقتىدا قانۇنلۇق تالون كېسىپ بېرىشى لازىم.

11-ماددا ھاۋالە توختامى، ھەق ئېلىش توختامى، ھەق ئېلىش تالونى، تامغا ۋە مۇناسىۋەتلىك تونۇشتۇرۇش خېتى قاتارلىقلارنى ئادۋوكاتلىق ئورنى بىر تۇتاش باشقۇرۇشى كېرەك.

12-ماددا «ئادۋوكاتلىق مۇلازىمىتى ھەققىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى» نىڭ 8-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ھاۋالە قىلغۇچى ئايرىم تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك دېلو بېجىرىش ھەققى توغرىسىدا ئادۋوكاتلىق ئورنى ئىشتىن ئاۋۋال ھاۋالە قىلغۇچىنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك. كونكرېت تۈر ۋە چىقىم قىلىش ئۇسۇلىنى ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ بېكىتىدۇ.

13-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى باھالاش خىراجىتى، ھېسابلاش خىراجىتى، تەرجىمە قىلىش خىراجىتى، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە ئالغان خىراجەتلەر قاتارلىق دېلو بېجىرىش خىراجەتلىرىنى ھاۋالە قىلغۇچىغا ۋاكالىتەن تاپشۇرغان بولسا، كۈچكە ئىگە ئىسپاتقا ئاساسەن ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن ھېسابات قىلىشى كېرەك.

14-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى ئادۋوكاتنىڭ باشقا جايلاردا دېلو بېجىرگەندە كېرەكلىك بولىدىغان كاماندىروپكا خىراجىتىنى ئالدىن ئالغاندا، ھاۋالە قىلغۇچىنى چىقىم خام چوتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن، خام چوتقا ئىمزا قويۇپ، ئۇنى ئېتىراپ قىلىدۇ. دېلو بېجىرىش داۋامىدا ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن چىقىم خام چوتنى تەڭشەشكە توغرا كەلگەندە، ئادۋوكاتلىق ئورنى ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن باشقىدىن كېڭىشىشى كېرەك. خام چوت ئىككى تەرەپ ئىمزا قويۇپ ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن ئىجرا قىلىنىدۇ.

15-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى دېلو بېجىرگۈچى ئادۋوكاتنىڭ ئالدىن ئېلىنغان باشقا جايلاردا دېلو بېجىرىش كاماندىروپكا خىراجىتىنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشى كېرەك.

دېلو بېجىرگۈچى ئادۋوكات ھاۋالە قىلغان ئىشنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئادۋوكاتلىق ئورنىغا خىراجەتلەرنى ئىشلىتىش تىزىملىكى ۋە چىقىم قىلغان كۈچكە ئىگە ئىسپاتلارنى تاپشۇرۇشى، ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئۇلارنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشىنى قوبۇل قىلىشى لازىم.

ئادۋوكاتلىق ئورنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق چىقىم قىلغان تۈر، ئۆلچەملەرنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى بېكىتسە، خىراجەتنى كېمەيتىشى كېرەك. كېمەيتىلگەن خىراجەتلەرنى دېلو بېجىرگۈچى ئادۋوكات ئۈستىگە ئالىدۇ.

16-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى ھاۋالە قىلغان ئىشنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن ئالدىن ئالغان ئادۋوكاتنىڭ باشقا جايدا دېلو بېجىرىش كاماندىروپكا خىراجىتىنى ھېسابلاپ يېپىشى كېرەك. ھېسابات ياپقان چاغدا خىراجەتلەرنى ئىشلىتىش تىزىملىكى ۋە چىقىم قىلغانلىق توغرىسىدىكى كۈچكە ئىگە ئىسپاتلارنى ھاۋالە قىلغۇچىغا تاپشۇرۇشى، ھاۋالە قىلغۇچى ئۇلارنى تەكشۈرۈپ ئېتىراپ قىلىشى لازىم.

17-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، باشقۇرىدىغان توختام مەبلىغى، ئىجرا قايتۇرما خىراجىتى، توختامنى ئىجرا قىلىش كاپالەت پۇلى قاتارلىق پۇللارنى ھاۋالە قىلغۇچىغا ۋاكالىتەن قويىدىغان مەخسۇس ھېسابات ئاچسا بولىدۇ.

ئادۋوكاتلىق ئورنى مەخسۇس ھېساباتنى قاتتىق باشقۇرۇشى، خەۋپتىن ساقلىنىشى كېرەك؛ مەخسۇس ھېسابات مەبلىغىنى چىقىم قىلىشنى چوقۇم قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈشى، مەخسۇس مەبلەغنى مەخسۇس ئىشلىتىشى كېرەك. مەخسۇس ھېساباتتىكى مەبلەغنى باشقا ئىشلارغا يۆتكەپ ئىشلىتىش قاتتىق چەكلىنىدۇ.

18-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى ھەقىقەتەن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بولغان ھاۋالە قىلغۇچىلاردىن ئادۋوكاتلىق مۇلازىمەت ھەققىنى ئاز ئالسا ياكى ئېلىشنى كېچىكتۈرسە بولىدۇ. دېلو بېجىرگۈچى ئادۋوكاتنىڭ ھاۋالە قىلغۇچىدىن ئادۋوكاتلىق مۇلازىمەت ھەققىنى ئاز ئېلىش ياكى كېچىكتۈرۈپ ئېلىشنى ئۆز ئالدىغا قارار قىلىشىغا بولمايدۇ.

19-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ناتوغرا ھەق ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كەسىپنى جەلپ قىلىشىغا، ھەرقانداق شەكىل ۋە نامدا ھاۋالە قىلغۇچىغا ئۈستەك بېرىشىگە ياكى تونۇشتۇرغۇچىغا تونۇشتۇرۇش ھەققى بېرىشىگە بولمايدۇ.

20-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى بىلەن ھاۋالە قىلغۇچى ئوتتۇرىسىدا ھەق ئېلىش توغرىسىدا تالاش-تارتىش تۇغۇلسا، ئۇلار كېڭىشىپ ھەل قىلىشى كېرەك. كېڭىشىپ بىرلىككە كېلەلمىسە، شۇ جايدىكى ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇرەسسە قىلىشىنى تەلەپ قىلسىمۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.

21-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ھەق ئېلىش ھەرىكىتى شۇ جايدىكى باھا باشقۇرۇش مەسئۇل تارماقلىرى، ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ نازارەت قىلىپ، تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

22-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى ۋە ئۇنىڭ ئادۋوكاتى مۇشۇ قائىدىگە خىلاپلىق قىلسا، ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى، ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئۇلارغا مەمۇرىي جازا ياكى كەسپىي جازا بېرىدۇ.

23-ماددا بۇ قائىدە 2004-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#