ئۆتۈك

ئۆتۈك- ئوۋچىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، يەنى ئىنسانلار ھايۋانلارنى(چارىپاي) لارنى قولغا ئۆگەتكەن ۋە ئۇنى كۆندۈرۈپ ئىشلىتىش، گۆش- تېرىلەردىن پايدىلىنىش جەريانىدا پەيدا بولغان.

ئىسمى ئۆتۈك
ئىجاد قىلغۇچى ئۇيغۇرلار
خەنزۇچە ئىسمى 靴子

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قەدىمكى ئۆتۈكئۆتۈك- ئوۋچىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، يەنى ئىنسانلار ھايۋانلارنى(چارىپاي) لارنى قولغا ئۆگەتكەن ۋە ئۇنى كۆندۈرۈپ ئىشلىتىش، گۆش- تېرىلەردىن پايدىلىنىش جەريانىدا پەيدا بولغان.

 قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قۇرغاق ھاۋا شارائىتىدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىز ئىنتايىن جاپا- مۇشەققەتلىك، خەتەرلىك بولغان ئوۋچىلىق تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ياۋا ئات، ياۋا كالا، ياۋا تۆگە، ياۋا ئېشەك، ۋەھاكازالار قاتارلىقلارنى تونۇپ يەتكەن ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىشنى بىلگەن، يۇقىردىكى ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى پىشۇرۇپ روزىغار قىلسا، تېرىسىدىن كېيىم- كېچەك سۈپتىدە پايدىلانغان. سۆڭەكلىرىدىن قورال(ئوق ئۇچى، سانجىغۇچ، پىچاق، يىڭنە، بىگىز ۋە باشقا زىننەت بۇيۇملىرى) ياساپ پايدىلانغان.

قەدىمقى ئۆتۈك ئات، كالا، قوتاز، تۆگە قاتارلىق چوڭ ھايۋانلارنى قولغا ئۆگەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ تېرىسىدىن«ئاياغ كىيىمى» ئىشلەپ كىيىشنى ئىجاد قىلغان(ئىپتىدائىي ئاياغ كىيىمى ئىنتايىن ئاددىي ۋە قوپال بولۇپ، ھاتتاكى دەسلەپكى مەزگىلدە خام تېرىلەرنى كېسىپ پۇتىغا ئورىۋالغان، ئۈستۈدىن خام تاسما بىلەن چىگىۋالغان) نەتىجىدە يالىڭاياغ يۈرگەندىن ئاياغ كىيىمى كىيىۋالسا سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك سوغۇقتىن توڭلىمايدىغانلىقىنى، بىخەتەر بولدىغانلىقىنى، پۇتىنى مۇداپىئە قىلىپ، زەخىمىلنىش، يارلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولدىغانلىقىنى بىلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاياغ كىيىمىنىڭ قىسقا بولغىندىن ئۇزۇن بولغىنىنىڭ ياخشى بولدىغانلىقىنى، «ئۆتۈك» كىيگەندە تىزىغىچە مۇداپىئەلەنگىلى بولدىغانلىقىنى بىلگەن. ئەجدادلىرىمىز ئىپتىدائىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ياخشىلنىشىغا ئەگىشىپ، خام تېرىدىن ئۆتۈك تىكىپ كىيىشنى ئىجاد قىلغان. 

«مىكوۋنىڭ (ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەتلەر تارىخى»دېگەن كىتابىدا: (نىل ۋادىسى، ھىندى ۋادىسى، تېگرىس، يېۋفىرات ۋادىسى شۇنداقلا خۇاڭخې ۋادىسىدىكى رايۇنلاردا ياشىغان قەدىمكى كىشلەر ياغاچتىن ئىشلەنگەن كەش كىيەتتى. تېرە ئۆتۈك كىيمەيتتى، ئۆتۈك ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ دەپ خۇلاسىلىگەن).

مۇناسىۋەتلىك رەسىم يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئارخېئولوگلارتەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ئىپتىدائىي قەبرە، يادىكارلىقلار بىلەن دەريا ۋادىلىرى ۋە شەھەر، قەلئە خارابىلىرىدىن 2000، 3500 ۋە 4000 يىللىق تارىخقا ئىگە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىمىز بىلەن بىللە بىر قىسىم ئۆتۈك ئەۋرىشكىلىرىنى تاپقان. قەدىمكى زامانلاردا مۇشۇ زېمىندا تىرىكچىلىك قىلىپ ئۆتكەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ تىكىپ كىيگەن ئۆتۈكلىرى ناھايىتى سىپتا تىكىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىشلىتىلگەن خام ماتېرىيال (مەسىلەن، خام تېرە، چەم، كۆن، خۇرۇم ) لارنىڭ پۇختىلىقى، ئۆتۈكلەرنىڭ چەمى، باشلىقى، قونچى ۋە پاشنىلىرىنىڭ مەزمۇتلىقى، بوياقلىرىنىڭ ھېلىمۇ ئۆڭمىگەنلىكى بىلەن ئارخېئولوگلارنى ھەيران قالدۇردى.

 1980- يىلى 10- ئايدا كىروران تەكشۈرۈش ئارخېئولوگىيە ئەترىتى كىروران رايۇندىكى لوپنۇر دەرياسى بىلەن كۆنچى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقى، تىبەن دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىندىكى قەبرىستانلىقتا بىر ئايالنىڭ جەسىتىنى بايقىغان. «كىروران گۈزىلى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ ئايالنىڭ جەسىتىنىڭ پۇتىغا بۇغا تېرىسىدە تىكىلگەن ئۆتۈك كىيدۈرۈلگەن. ئۆتۈك بۇنىڭدىن 3800 يىل بۇرۇنقى دەۋردە تىكىلگەن بولۇپ ئۆز پىتى تۇرغان. ئىلىمىز ۋە چەتئەل مۇئەللىپلىرىنىڭ ئەجدادلىرىمىز ھەققىدىكى تۆۋەن مۆلچەرلىك بايانلىرى بىلەن ئارخېئولوگىيە نەتىجىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلساق، قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنىدا ئۆز ھاياتىنى نەچچە ئون مىڭ يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئەجدادلىرىمىز ئۆز بىشىدىن مۇز دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى قۇرغاق كىلمات مەزگىلىنى ئۆتكۈزگەن، ئۇلار ئوت، تاش قۇرال، ئوقيا، ساپال، مىسنى ئىشلىتىشنى ۋە ئاتنى قولغا ئۆگتىۋالغاندىن كېيىن، ئۆز ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش يولدا تەبئەت بىلەن ھارماي كۆرەش قىلىپ تېرىقچىلىق، چارۋىچىلىق، مەدەنچىلىك، توقۇمچىلىق ، تىبابەتچىلىك، قاتناش- كارۋانچىلىق قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللانغان. قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز نەچچە مىڭ يىللىق مول تەخرىبىسىگە ئاساسەن، زۆرۈرىيەت ئالىمىدىن ئەركىنلىك ئالىمىگە ئۆتۈش جەريانىدا«ئۆتۈك»دېگەن بۇ ئاياغ كىيىمىنى ئىجاد قىلغان. 

 ئۆتۈك ھەققىدىكى تارىخىي خاتىرلەر، ئىلمىزنىڭ يېغلىق دەۋرىدە ئۆتكەن ئوردا پۈتۈكچىلىرى بۇ ھەقتە ئاز- تولا خاتىرىلەر قالدۇرغان. بۇ خاتىرلەردە:«ئۆتۈك غەربىي يۇرتتىكى كۆچمەن چارۋىچى خەلىقلەرنىڭ كىيىمى، ئۇ غەربتە تىكىلىدۇ»، دەپ تەبىر بىرىلگەن. «جۇڭخۇانىڭ قەدىمدىن بۈگۈنىگىچە ئىزاھ » دىگەن كىتابتا:«ئۆتۈك قەدىمدىن غەربىي يۇرتتا تىكلەتتى، جاۋۋۇلىڭ خان دائىم غەربىي يۇرىت ئۆتۈكى كىيەتتى»، دېيىلگەن. خەن دەۋرىدە ئۆتكەن لىيۇشى:« ئۆتۈك غەربىي يۇرتتا تىكلىدۇ، ئۇ، ئەمىنىيە دەۋرىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغان. ئۇنى ئىككى پۇتقا بىردىن كىيىپ ماڭىدۇ» دەپ خاتىرلىگەن.كىيىنكى دەۋرلەردە مىللەتلەرنىڭ چوڭ كۆچۈشى ۋە ئارلىشىپ ئولتۇراقلىشىىشى نەتىجىسىدە، مەدەنىيەتلەر تىخىمۇ راۋاجلىنىپ گۈللىنىپ بارغان تاڭ دەۋرىدىكى مەشھۇر شائىر يۈەن جېن ئۆزىنىڭ بىر شېئىرىدا:

«بولدى ئۇيغۇرچە ياسانماق قىز- چوكانلار مەشغۇلى»

زور ماھارەت بولدى چالماق سازنى ئۇيغۇرلارسىمان.

ئاتقا ئۇيغۇرچە مىنىش، زىبۇ- زىننەت، تىل ئۆگىنىش،

بولدى بەس- بەسلىك ھەۋەس بۇ ئەللىك يىلدىن بۇيان: دەپ مەدھىيە ئوقۇغان. تېخىمۇ مۇھىمى، تاڭ دەۋرىگە كەلگەندە ئۇيغۇر ئۆتۈكچىلكى تەرەققىي قىلىپ بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن. شۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار تاڭ سۇلالىسى لەشكەرلىرىنى ئۆتۈك بىلەن تەمىنلىگەن. دېمەك ئەجدادلىرىمىز يىراق قەدىمكى زاماندىن تارتىپلا ئۆتۈكنى ئىجاد قىلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىغا تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشقان ۋە بۇ كەشپىيات تېخنىكىسىنى شەرقىي ئاسىيا بىلەن جەنۇبىي ياۋروپا ئەللىرىگە تارقاتقان، شۇڭا، قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز ئۆز ئەقىل- پاراسىتىگە تايىنىپ ئىجاد قىلغان ئۆتۈك تىكىش تېخنىكىسى، مەدەنىيەت تارىخىمىزدىن ئورۇن ئالغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#