بلوگ

بلوگ (Blog) سۆزى ئىنگلىزچە «تور كۈندىلىك خاتىرىسى» مەنسىدىكى Weblog سۆزىنىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى بولۇپ، ھەممە ئادەم قىلالايدىغان، ئەڭ ئاددىيلاشتۇرۇلغان شەخسىي ئۇچۇرلارنى تارقىتىش ۋاستىسى. بلوگنىڭ ئىنگلىزچە يېزىلىشى Blog ياكى Weblog دىن ئىبارەت.

ئۇيغۇرچە نامى بلوگ
چەتئەلچە نامى BLOG
خەنزۇچە نامى 网络日志
باشقا نامى تور كۈندىلىك خاتىرىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بلوگبلوگ (Blog) سۆزى ئىنگلىزچە «تور كۈندىلىك خاتىرىسى» مەنسىدىكى Weblog سۆزىنىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى بولۇپ، ھەممە ئادەم قىلالايدىغان، ئەڭ ئاددىيلاشتۇرۇلغان شەخسىي ئۇچۇرلارنى تارقىتىش ۋاستىسى. بلوگنىڭ ئىنگلىزچە يېزىلىشى Blog ياكى Weblog دىن ئىبارەت. (بلوگ يازىدىغانلار Bloger دېيىلىدۇ). Weblog دېگەن بۇ سۆزنى Peter Merholz ئىجاد قىلغان. ئەگەر ئىنتېرنېت تورىنى ئېچىۋىتىلگەن كەڭ مەيدان دېسەك، ئۇنداقتا Blog نى سىزگىلا ئېچىۋىتىلگەن خاس ئۆي دېيىشكە بولىدۇ. سىز Blog ئارقىلىق ئىنتېرنېت دەرياسىدا ئۈزۈپ، پۈتۈن يەرشارى ئىنتېرنېت تورىدىكى قىممىتى بار ئۇچۇر، بىلىم ۋە مەنبە بايلىقلىقلارنى تاللاپ، ئۆزىڭىزنىڭ Blog ىغا كىرگۈزۈۋېلىپ پايدىلىنالايسىز. شۇنداقلا خىزمەت جەريانىدىكى، تۇرمۇشىڭىزدىكى ۋەقەلىكلەرنى، چاقماقتەك تېز كەلگەن ئىلھام ۋە مەنىۋى جەريانلارنى ئۇدۇللۇق خاتىرىلەپ، ئېلان قىلالايسىز، ئۆزىڭىزنىڭ چەكسىز ئىپادىلەش كۈچىڭىزنى جارى قىلدۇرۇپ، باشقىلارغا خەت يوللاپ دوست تۇتالايسىز ياكى دوستلار يىغىلىشى قىلىپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرالايسىز. شەخسىي نەشىر شەكلى ئارقىلىق ۋاقىت تەرتىپى بويىچە خاتىرە يېزىپ، خاتىرىلىرىڭىزنى يېڭىلاپ تۇرالايسىز...

blogspot سۇپىسى

blogspot-ئۇيغۇر بلوگگىرلىرى ئەڭ دەسلەپتە پايدىلانغان بلوگ سۇپىسى. ھازىرقى «تەكلىماكان» بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، بىر قىسىم پېشقەدەم بلوگگىرلار  مەزكۇر سۇپىدا ئۆزلىرىنىڭ بلوگلىرىنى قۇرۇپ، تور دۇنياسىدىكى مـۇھىم دەپ قـارالغان بـىر قىسىم يـازمىلارنى ساقلاشقا ئىشلەتكەن بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر بلوگ ھاياتىنىڭ ئەڭ دەسـلەپكى مەزگىللىرىدە ئـومۇملاشـقان بىر ئـادەت بولۇپ قالغان. 

blogbus سۇپىسى

blogbusمەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى، blogspot  دۆلەت ئىچىدە ئېچىلماس بولۇپ قالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر بلوگگىرلىرى يېڭى بىر بلوگ سۇپىسى ئىزدەشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن، دۆلەت ئىچىدىكى Unicode ئۆلچىمىنى قوللايدىغان، شۇنداقلا ئۇسلۇب، قۇرۇلما قاتارلىقلارنى تەڭشەشكە بولىدىغان يەنە بىر بلوگ سۇپىسى ئۇيغۇر بلوگگىرلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇ بولسىمۇ نۆۋەتتىكى جۇڭگودىكى بلوگ مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەۋاتقان داڭلىق بلوگ سۇپىسى بلوگبۇس (blogbus) ئىدى. ئەينى چاغدا، بلوگبۇس Unicode نى قوللىغان بىلەن، ئۇيغۇرچە يېزىقنى كىرگۈزۈش مەسىلىسى، شۇنداقلا ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش مەسىلىسى ھەل قىلىنمىغان بولغاچقا، بۇ سۇپىنى ئىشلىتىش بىر مەزگىللىك مۇشەققەتلىك جەرياننى باشتىن كەچۈردى. بۇ سۇپىدا بلوگ قۇرۇۋاتقان پىداكار بلوگگىرلار يەنە يەڭ شىمايلاپ  ئىزدىنىشقا كىرىشتى. ئۇيغۇر تور بەتچىلىرى، پروگراممېرلىرى، شۇنداقلا بلوگگىرلىرىنىڭ ئاكتىپ تىرىشچانلىقلىرى ۋە ھەمكارلىشىشى ئاساسىدا، مەزكۇر سۇپىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش، بلوگ مەزمۇنلىرى شۇنداقلا كۆرۈنۈشىنى ئۇيغۇرچە كۆرسىتىشتىن ئىبارەت تېخنىكىلىق مەسىلىلەر ھەل قىلىندى. «ئارامگاھ» بلوگىدىكىلەر مەزكۇر سۇپىنىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى قـانداق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ھـەققىدە ئىزدەنگەن بولسا، «دۇنيا قارا» بلوگى مەزكۇر سىستېما ئۈچۈن بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان ئىشلىتىش قوللانمىسىنى تۈزۈپ چىقتى. مايور (تور نامى) ئەپەندى ياسىغان كىرگۈزگۈچ كودى ئارقىلىق مەزكۇر سۇپىنىڭ ئىنكاس رايونلىرىغا ئۇيغۇر يېزىقىنى كىرگۈزۈش تاماملاندى. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ سۇپىنىڭ ئۇسلۇب ۋە يازما باشقۇرۇشى شۇنداق قۇلايلىق بولغاچ، بىر تۈركۈم بلوگلار ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كېلىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ سۇپىنىڭ ئىقتىدارلىرىنى ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىنىڭ ئۆلچىمىگە بويسۇندۇرۇش ھەمدە تېخىمۇ سىپتا ۋە گۈزەل بولغان ئۇسلۇبلارنى ياسايدىغان كەسپىي بلوگلار مەيدانغا كېلىپ، ئۇيغۇر بلوگگىرلىرى ئۈچۈن خالىسانە خىزمەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر بلوگگىرلىرى كۆپلىگەن قوللاشلار ۋە مەدەتكە ئېرىشىپ، بىر مەزگىللىك گۈللىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. نۆۋەتتىكى بىر قىسىم نەمۇنىلىك بلوگلار دەل مۇشۇ سۇپىدىن پايدىلىنىپ تەرەققىي قىلىپ كەلگەن. گەرچە، يېقىنقى كۈنلەردە كۆپ قىسىم بلوگگىرلار بەس-بەستە WordPress سۇپىسىغا كۆچكەن بولسىمۇ، «2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگ» ئىچىگە كىرگەن «چەۋەندازلار» بلوگى، «ئېلكىتاب» بلوگى، شۇنداقلا «2008-يىللىق 10 چوڭ بلوگ» قاتارىدىكى «دۇنيا قارا» بلوگى، «ئانا تىلىم» بلوگى قاتارلىق بلوگلار ھېلىھەم مۇشۇ سۇپىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا...

بلوگبۇس (blogbus) سۇپىسىدا ھەقسىز بلوگ  ئىلتىماس قىلىش ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، ئورگان بېتىگە كىرگەندىن كېيىن، تىزىملىتىش دېگەن جاينى بېسىپ ئالاقىدار مەزمۇنلارنى تولدۇرۇپلا، بلوگ ئابونتى ئىلتىماس قىلغىلى بولىدۇ. بلوگ باشقۇرۇش، يازما باشقۇرۇشمۇ خېلى قۇلايلىق بولۇپ، ئازراق خەنزۇچە ئاساسى بار تورداشلار مەزكۇر سۇپىنىڭ ئىقتىدارلىرىدىن جايىدا پايدىلىنىپ كېتەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مەزكۇر سۇپا كۆپلىگەن ھەقسىز ئۇسلۇبلارنى تەمىنلىگەن بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاللاپ، ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلىتەلەيدۇ. ئەمما، ئۇسلۇبلارنىڭ قۇرۇلمىسى جەھەتتە بىر قىسىم چەكلىمىلەر بولغاچقا، قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۆزگەرتكۈچىدىن بەلگىلىك سەۋىيە تەلەپ قىلىدۇ.

pjblog سۇپىسى

pjblogگەرچە Blogbus سۇپىسى ئۇيغۇر بلوگگىرلىرىغا خېلى قۇلايلىق ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىقتىدار جەھەتتە چەكلىمىلىككە ئىگە بولغاچ، ھەم تور نامى جەھەتتە ئەستە تۇتۇشقا بىرقەدەر قۇلايسىزلىق ئېلىپ كەلگەن بولغاچقا، بىر قىسىم ئۇيغۇر بلوگگىرلىرى ئىقتىدار جەھەتتىن تېخىمۇ مۇكەممەل ھەمدە تۇراقلىققا ئىگە بولغان باشقا سۇپىلارنى ئىزدەشكە باشلىدى. شۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر بلوگگىرلىرىنىڭ سەركىلىرىنىڭ بىرى، بۈگۈنكى «شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى» نىڭ غوللۇق ئەزاسى تەدبىركار (تور نامى) ئەپەندى دۆلەت ئىچىدىكى بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە بولغان pjblog سۇپىسىنى ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ ئۆلچىمىگە لايىق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقىپ، كەڭ ئۇيغۇر بلوگگىرلىرىغا سۇنغان. 

شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇر بلوگگىرلىرى يېڭىدىن تور بوشلۇقى ۋە تور نامى ئېلىپ، مەزكۇر سۇپىغا كۆچۈپ كېلىشتى ياكى يېڭىدىن بلوگ قۇرۇشتى.

PJBlog بلوگ سۇپىسى تېڭشۈن شىركىتىدە ئىشلەۋاتقان پروگراممېر 陈子舜 (ئىنگلىزچە ئىسمى PuterJam، PJBlog دەل ئاپتورنىڭ ئىنگلىزچە ئىسمىنىڭ باش ھەرىپىدىن كەلگەن) تەرىپىدىن ئېچىلغان،asp+Access  مۇھىتىدىكى ھەقسىز ئوچۇق كودلۇق بلوگ سىستېمىسى بولۇپ، UTF-8 كودلىنىشنى قوللايدۇ. باشقا بلوگ سۇپىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەم ئۈنۈملۈككە ھەمدە مۇقىملىققا ئىگە، نەشىرلىرىمۇ پات-پات يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. Blogbus  سۇپىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ مول ئۇسلۇب ۋە قىستۇرما مەنبەسىگە ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا، Blogbus سۇپىسىغا سېلىشتۇرغاندا قىستۇرما ئارقىلىق ئىقتىدار كېڭەيتىش ئىقتىدارلىرى بار بولغاچ، نۇرغۇن بلوگگىرلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە. نۆۋەتتە، ئۇيغۇر بلوگلىرىنىڭ نەمۇنىلىرىدىن بولغان «80 خالتا» بلوگى، «ئەرتۈرك» بلوگى قاتارلىقلار مەزكۇر بلوگ سۇپىسىدا بلوگ نەشىر قىلماقتا.

Z-blog سۇپىسى

ZblogZ-blog سۇپىسى ئۇيغۇر بلوگگىرلىرىنىڭ مۇستەقىل بلوگ سۇپىسى ئىزدەش داۋامىدىكى يەنە بىر بايقىشى بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە «جەۋلان خىزمەتخانىسى» نامىدىكى پىدائىيلار تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان، كېيىن مەزكۇر سىستېمىنىڭ ئـۇيغـۇرچـىلاشـتۇرۇش، يېڭىلاش، ئاسراش خىزمىتىنى «نۇرقۇت ئەترىتى» ئۆز ئۈستىگە ئالدى. گەرچە، مەزكۇر سىستېما بىر مەزگىللىك ئالقىشقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە، مەزكۇر سۇپىدا تەرەققىي قىلىۋاتقان ئۇيغۇر بلوگلىرى يوقنىڭ ئورنىدا.

Z-blog سۇپىسى Asp مۇھىتىدا ئېچىلغان بلوگ سۇپىسى بولۇپ، ئىقتىدار ۋە قىستۇرما جەھەتتە Blogbus سۇپىسىغا قارىغاندا نۇرغۇن ئارتۇقچىلارغا ئىگە، ئەمما ئۇسلۇب ۋە مۇقىملىق جەھەتتە بەزىبىر قۇلايسىزلىقلارنىڭ بارلىقى مەلۇم.

Wordpress سۇپىسى

WordpressWordpress سۇپىسى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرى شىنجاڭنىڭ تور ئەھۋالى نورماللاشقاندىن كېيىن، ئۇيغۇر بلوگگىرلىرىنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولۇپ، ئالقىشقا ئېرىشكەن بلوگ سۇپىسى بولۇپ، نۆۋەتتىكى كۆپ قىسىم ۋەكىللىك ئۇيغۇر بلوگلىرى مۇشۇ سىستېمىدا بلوگ يېزىپ كەلمەكتە.

WordPress بولسا PHP تىلى ۋە MySQL ساندان تېخنىكىسىدا ئېچىلغان ھەقسىز بلوگ سۇپىسى بولۇپ، بلوگگىرلار PHP ۋە MySQL مۇھىتى ھازىرلانغان بوشلۇقتا ئۆزىنىڭ بلوگىنى قۇرالايدۇ. WordPress نىڭ قىستۇرما ۋە ئۇسلۇب بايلىقى ناھايىتى مول بولۇپ، قاچىلاش ۋە ئىشلىتىشكە ئەپلىك. نۆۋەتتە WordPress دۇنيادىكى ئاساسلىق ئېقىمدىكى بلوگ سىستېمىسىغا ئايلانغان.

WordPress ئەسلى ئىنگلىز تىلىدا ئېچىلغان بولۇپ، UTF-8  فورماتىنى قوللايدۇ. مەزكۇر سۇپىنىڭ ئۇيغۇر بلوگگىرلىرى ئارىسىدا شۇنچە ئالقىشقا ئېرىشىشى يالغۇز قىستۇرما ۋە ئۇسلۇب جەھەتتە ناھايىتى مول بايلىق مەنبەسىنىڭ بارلىقى ۋە ياكى ئىقتىدار ھەمدە ئۈنۈم جەھەتتە باشقا ھەرقانداق بلوگ سۇپىلىرىغا قارىغاندا ئەۋزەل بولغانلىقىدىلا بولماستىن، بەلكى كۆرۈنۈشلۈك ئارقا سۇپىنىڭ پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ئىكەنلىكىدە. مەزكۇر سۇپا پىدائىيلىرىمىز تەرىپىدىن ئۇدۇللۇق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلۇپ تۇرغاچقا، باشقا تىل بىلمىگەن بلوگگىرلارمۇ مەزكۇر سۇپىدا قىينالمايلا ئۆزلىرىنىڭ بلوگىنى قۇرۇپ، راۋاجلاندۇرۇپ كېتەلەيدۇ.

WordPress خەلقئارالىق سىستېما بولغاچ، قىستۇرما ۋە ئۇسلۇب مەنبەسى ناھايىتى مول. ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تور دۇنياسىدىكى ھەقسىز قىستۇرما ۋە ئۇسلۇبلاردىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي بلوگىنى قۇرۇپ چىقالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، WordPress شەخسلەرنىڭ قىستۇرما ۋە ئۇسلۇبلارنى ياساپ چىقىشىنى قوللايدىغان بولۇپ، بەلگىلىك سەۋىيەگە ئىگە تورداشلار WordPress  نىڭ ئالاقىدار قانۇنىيەتلىرىگە ئاساسەن مەلۇم ئىقتىدار ياكى ئۈنۈمگە ئىگە قىستۇرما ۋە ئۇسلۇبلارنى ياساپ، تارقاتسا بولىدۇ.

خالىسىڭىز WordPress تا مۇناسىۋەتلىك قىستۇرمىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ شەخسىي بلوگىنىلا ئەمەس، ھەتتا CMS  لىق بېكەت، مۇنبەر، ئۇنىۋېرسال بېكەتنىمۇ قۇرۇپ چىقالايسىز.

ئېنىق تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، WordPress Theme خاسلىقىدىكى ئۇسلۇبلار نۆۋەتتە، دۇنيادىكى ئاساسلىق تور سىستېمىلىرى ئىچىدە ئۇسلۇب مەنبەسى ئەڭ كەڭرى ھەمدە سان جەھەتتە ئەڭ ئالدىدا ئىكەن. WordPress  ئۇسلۇبلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، پاسونى ھەرخىل، كۆرۈنۈشى چىرايلىق، ئىقتىدارى ئۆزگىچە بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغاچقا، نۇرغۇن بلوگ ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇسلۇبلارنى قاچىلاش ۋە ئىشلىتىش ناھايىتى قۇلايلىق بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرگە ئاسانلىق يارىتىلىپ بېرىلگەن .

WordPress نىڭ قىستۇرمىلىرى ھەقىقەتەن كۆپ، ئىقتىدارلىرىمۇ ھەرخىل. شۇنى دېيەلەيمەنكى، WordPress نىڭ ئەڭ ئېسىل، شۇنداقلا كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان يېرى دەل مۇشۇ «قىستۇرما» سىدىن ئىبارەت. ئۆزىڭىزگە لازىملىق قىستۇرمىلارنى بلوگ ئارقا سۇپىسىدىن بىۋاسىتە قاچىلاپ ياكى چۈشۈرۈۋېلىپ بوشلۇققا يوللاپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ، لازىمى بولمىسا بلوگدىن چىقىرىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

2.

كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#