ئۈزۈم ھازىر دۇنيادا ئۆستۈرۈلۈش كۆلىمى ئەڭ زور، مەھسۇلات مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغان مېۋە ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، پىشىشى بالدۇر، مەھسۇلاتى يۇقىرى، ئۆمرى ئۇزۇن، ئۆسۈملۈك تۇرقى چىرايلىق، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك ھەم ئاسان كۆپىيىشتەك بىر قاتار ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغاچقا، شەھەر-يېزىلارنى كۆكەرتىش ۋە تۇرمۇشنى ياخشىلاشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك مېۋە ئۆسۈملۈكى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئۈزۈم
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈك ئائىلىسىگە تەۋە
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
خەنزۇچە ئىسمى 葡萄
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
ئائىلىسى ئۈزۈم ئائىلىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۈزۈم ( Vitis L ) ئۈزۈم ئائىلىسى ( Vitaceae ) ئۈزۈم ئۇرۇقدىشى ( Vitis L ) غا تەۋە مېۋىلىك ئۆسۈملۈك . 

ئۈزۈم ئۆستۈرۈلۈش تارىخى 4000 - 5000 يىل بولغان قەدىمكى مېۋىلىك ئۆسۈملۈك . ياۋرۇپادا ئۆستۈرۈلىۋاتقان ئۈزۈم كۆلىمى پۈتۈن دۇنيا ئۈزۈم كۆلىمنىڭ % 70.43 ىنى ئىگىلەيدۇ . ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا ئۈزۈمنىڭ ئۆستۈرۈلۈش تارىخى 3000 يىلدىن ئاشىدۇ . 

ئۈزۈم ئۈزۈم ئائىلىسىگە كىرىدىغان، يوپۇرماق تاشلايدىغان، ياغاچلاشقان پېلەك غوللۇق ياماشقۇچى ئۆسۈملۈك. ئۇ ئادەتتە چىرمىغۇچى بۇرۇتچىلىرى ئارقىلىق باشقا نەرسىلەرگە چىرمىشىپ ئۆسىدۇ. يىلتىز سىستېمىسى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، زور مىقداردىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى زاپاس ساقلايدۇ. ئۈزۈمنىڭ چىرمىغۇچى بۇرۇتچىلىرى بىلەن گۈل رېتى ئوزۇقلىنىش ئەھۋالىنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا قاراپ ئۆزئارا بىر-بىرىگە ئۆزگىرىدۇ. يەنى، ئوزۇقلۇق يېتەرلىك بولغاندا چىرمىغۇچى بۇرۇتچىلىرى ئۆزگىرىپ گۈل رېتىگە ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ گۈللىرى سارغۇچ يېشىل رەڭدە، ئۇرۇقدان تۈۋىدە ھەسەل بېزى بار بولۇپ، مۇئەتتەر (پۇراق جەۋھىرى) ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. گۈلى مۇكەممەل گۈل، ئانىلىقى ئىقتىدارلىق گۈل ۋە ئاتىلىق گۈللەردىن ئىبارەت ئۈچ خىل تىپقا بۆلۈنىدۇ. مۇكەممەل گۈلنىڭ يېتىلىشى نورمال بولۇپ، ئۇرۇقلىنىپ مېۋىلىيەلەيدۇ؛ ئانىلىقى ئىقتىدارلىق گۈلنىڭ ئاتىلىقلىرىنىڭ گۈل يىپچىلىرى ئارقىغا يۆگىشىۋالىدىغان بولغاچقا، چاڭلىنىش ئىقتىدارى بولمايدۇ؛ ئاتىلىق گۈل بولسا ئانىلىقى رودىمېنتلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن مېۋىلىيەلمەيدۇ. لېكىن، ئاتىلىق گۈللەردىكى گۈل چاڭلىرىنىڭ يېتىلىشى نورمال بولغاچقا ئانىلىقى ئىقتىدارلىق گۈلىنى چاڭلاشتۇرغۇچى تۈپ بولالايدۇ. مېۋىسى سورتلىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ سارغۇچ يېشىل، قىزغۇچ، سۆسۈن، قاراكۆك قاتارلىق رەڭلەردە بولىدۇ. كۆپ ساندىكىلىرى ئېللىپس شەكىللىك ياكى يۇمىلاق شەكىللىك شىرنىلىك مېۋىدىن ئىبارەت.

ھازىر دۇنيادا ئۈزۈمنىڭ 8000 خىل سورتى ، شىنجاڭدا 500 خىلدىن ئارتۇق سورتى بار ، تۇرپان ، پىچان رايۇنىدا 300 خىل ، خوتەندە 50 خىل ، ئىلى رايۇنىدا 35 خىل ، باشقا رايۇنلاردا 17 خىل سورت ئۆستۈرۈلىۋاتىدۇ .

ئۈزۈمنىڭ سورتلىرى ناھايىتى كۆپ. پۈتۈن دۇنيادا 8000 دىن ئارتۇق سورتى بار بولۇپ، ئېلىمىزدىلا 500 دىن ئارتۇق سورتى بار. داڭلىقلىرىدىن يۇمىلاق قىزىل ئۈزۈم(زىخۇڭ خۇنيۇەن) بىلەن مەرۋايىتتەك پارقىراق «لۇڭيەن» ئۈزۈمى «شىمالىي جۇڭگو گۆھىرى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. شىنجاڭ ئۈزۈمى سۈپەت ۋە تەم جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاق كىشمىش ئۈزۈم تۇرپان ئويمانلىقىدىن چىقىدىغان بولۇپ، ئۈزۈم قۇرۇتۇشنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. بازارلاردا سېتىلىۋاتقان ھۆل پېتى ئىستېمال قىلىنىدىغان ئۈزۈم سورتلىرىدىن «جۇفېڭ» قارا ئۈزۈمى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلىي ماكانى ياپونىيىدۇر. ئۇنىڭ مېۋە شۆپۈكى قارامتۇل سۆسۈن رەڭدە، ئېتى يۇمشاق ۋە كۆپ شىرنىلىك بولۇپ، ئۇرۇقى ئاز ھەم تاتلىق بولىدۇ. بىر ساپ مېۋە باشىقىنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن  600 گرام ئەتراپىدا كېلىدۇ. مېۋە دانىچىلىرى چوڭ بولۇپ، چوڭراق بىر تال مېۋىسىنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 16 گرام ئەتراپىدا بولىدۇ. جۇفېڭ قارا ئۈزۈمى مول ھوسۇللۇق، بالدۇر مېۋىلەيدىغان ھەم ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۇدا 30 يىلغىچە يۇقىرى ھوسۇل بېرەلەيدۇ.

ئۈزۈمنىڭ رەڭگى چىرايلىق، شىرنىسى كۆپ ۋە تەمى تاتلىق بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن مول. تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى 10 ~%30 كە يېتىدىغان بولۇپ، يەنە كۆپ خىل ۋىتامىنلار ۋە كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارمۇ بار. ئۈزۈم ئادەتتە ئادەم تېنىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇش، نېرۋا ئاجىزلىق ۋە زىيادە ھارغىنلىقنى داۋالاش قاتارلىق ئۈنۈمگە ئىگە.

ئۈزۈمنى ھۆل پېتى يېگەندىن سىرت، ئۇنى يەنە پىششىقلاپ قۇرۇق ئۈزۈم ئېلىشقا، ئۈزۈم ھارىقى ئېچىتىشقا بولىدۇ. ھېسابلاشلارغا قارىغاندا، 10 مىڭ توننا ساپ ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقارغاندا، ھاراق ئىشلەشكە كېتىدىغان تەخمىنەن 600 توننا ئاشلىقنى تېجەپ قالغىلى بولىدىكەن. ئۈزۈم شۆپۈكىدىن سانائەت خام ئەشياسى بولغان تارتارىك كىسلاتا ئىشلەپچىقىرىپ، فوتو سۈرەتچىلىك كەسىپلىرىدە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئۈزۈم ئۇرۇقىدىن ماي چىقىرىشقا ۋە تاننىن چەككىلەشكە بولىدۇ.

ئۈزۈمنىڭ ماسلىشىشىچانلىقى كۈچلۈك ، مەھسۇلاتى ئوزۇقلۇق قىممىتى ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى . ئۇنىڭ تەركىبىدە % 80 ئەتراپىدا سۇ بولغاندىن باشقا يەنە %25 - 15 قەنت ، ئورگانىك كىسلاتا ۋە مىنرال ماددىلار ، كۆپ خىل ئامىنۇ كىسلاتالار بار . 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    25%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    25%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#