جاڭ رۈيشى

جاڭ رۈيشى

جاڭ رۈيشى 1972-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى كورېيەدە تۇغۇلغان، كورېيە ئايال ئارتىسى. ئۇ باش رول ئالغان تېلۋىزىيە-تىياتىرى «خوتۇن ۋەسۋەسىسى» 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى  قۇيۇلۇپ كۆرۈلۈش نىسپىتى رېكورتىنى ياراتقان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى جاڭ رۈيشى
باشقا نامى 장서희، Jang SeoHee
مىللىتى چاۋشىيەن مىللىتى
تۇغۇلغان ۋاقتى 1972-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى
بوي ئېگىزلىكى 1.63 مېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 张瑞希
دۆلەت تەۋەلىكى كورېيە
يۇرتى گيېئوڭگى ھۆكۈمىتى
يۇلتۇز تۈركۈمى كاپرىكورنۇس يۇلتۇز تۈركۈمى
بەدەن ئېغىرلىقى 50 كىلوگىرام

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جاڭ رۈيشىجاڭ رۈيشى 1972-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى كورېيەدە تۇغۇلغان، كورېيە ئايال ئارتىسى. 10ياشتا بالا چولپان سۈپىتىدە سەنئەت ساھەسىگە كىرگەن. ئۇ باش رول ئالغان تېلۋىزىيە-تىياتىرى «خوتۇن ۋەسۋەسىسى» 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى  قۇيۇلۇپ كۆرۈلۈش نىسپىتى رېكورتىنى ياراتقان.[0]

جاڭ رۈيشىجاڭ رۈيشى 1989-يىلى، ئۇ بىر ئۆسمۈر بولۇش سۈپىتى بىلەن قوشۇمچە رول ئارتىسلىقتا سىرتتىن ئۇيۇن قۇيۇشقا قاتناشقان، بىر قەدەم بىر قەدەمدىن مۇشۇنداق مېڭىپ 1991–يىلى ئۇ MBC ئارتىس تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ 19-قارارلىق ئارتىس تەربىيلەش كۇرىسىنى پۈتتۈرۈپ، كەسپىي ئارتىسلىق ساھەسىگە رەسمىي ئەزا بولغان. 

2000-يىلى MBC تېلېۋىزىيە تىياتىرى «تىلەمچى»، رۈيشى تۇنجى قېتىم بىر قەدەر ئېغىر بولغان ئايال يانداش رولچى بۇلۇپ، رۈيشىنىڭ سەنئەت ھاياتىدا تېخىمۇ بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان. 

2008-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۇ باش رول ئالغان «خۇتۇن ۋەسۋەسىسى» ناملىق تېلېۋىزىيە-تىياتىرى رەسمىي كۆرسىتىلىگەن. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى كورېيەدە تۇنجى ئاڭلىتىش (كۆرسىتىش) دىن كېيىن، كۆرۈلۈش نىسبىتى %40.6 ئاشقان. 

2012-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى «لىن ئۇستام سىئولدا» مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە كۆپلىگەن سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى رەسمىي كۆرسىتىلگەن. شۇ يىلى 2-ئايدا، ئۇ «سۈي، تاڭ سۇلالىلىرىدىكى قەھرىمان» باش رول ئالغان، 2012-يىلى 12-ئايدا «سۈي، تاڭ سۇلالىلىرى قەھرىمان» خۇنەن سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى كۆرسۈتۈلگەن. 

2015-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى، MBC قارمىقىدىكى ھەپتە ئاخىرىدىكى يېڭى تىياتىر «ئانا» فىلىمىدە رول ئالغان.

جاڭ رۈيشىجاڭ رۈيشى 2002-يىلى MBC ئەڭ يۇقىرى رول ئېلىش ماھارىتى مۇكاپاتىغا، ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا، ئەڭ ياخشى ئاشىق-مەشۇقلار مۇكاپاتىغا، ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئايال باش قەھرىمان مۇكاپاتىغا، ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىس مۇكاپاتى قاتارلىق 5 تۈرلۈك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

2002-يىلى ئەڭ ياخشى تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛

2002-يىلى كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى تۈرىدىكى ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛ 

2002-يىلى رول ئېلىش ماھارىتى ئەڭ يۇقىرى شان-شەرەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛

2009-يىلى SBS رول ئېلىش ماھارىتى ئەڭ يۇقىرى شان-شەرەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.[1]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#