سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق تېببىي مەكتەپ

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق تېببىي مەكتەپ

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق تېببىي مەكتىپى 1959-يىلى قۇرۇلغان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بالدۇر قۇرۇلغان تېببىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى.

ئۇيغۇرچە نامى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق تېببىي مەكتەپ
قىسقاتىلغان نامى 昌吉卫校
ئايرىمىسى دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم
خەنزۇچە نامى 新疆昌吉卫生学校
قۇرۇلغان ۋاقتى 1959-يىلى
مەكتەپ تۈرى كەسپى مەكتەپ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق تېببىي مەكتەپسانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق تېببىي مەكتىپى 1959-يىلى قۇرۇلغان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بالدۇر قۇرۇلغان تېببىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى. 1961-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى ھۆججەت چۈشۈرۈپ، مەكتەپنى ئاپتونوم رايون بىلەن دۆلەت سەھىيە مىنىستىرلىكىنى بىۋاستە باغلاپ تۇرىدىغان مەكتەپ دەپ بېكىتكەن، كەسپىي جەھەتتە سەھىيە مىنىستىرلىكى مائارىپ بۆلۈمى رەھبەرلىك قىلىدۇ. 1986-يىلى مەكتەپ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى تەرىپىدىن ئاپتونوم رايون دەرىجىىك نۇقتىلىق تېببىي مەكتەپ دەپ بېكىتىلگەن. 1996-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم دەپ بېكىتكەن. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 61000 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇشتا ئىشلىتىلىدىغىنى 23800 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش خەنزۇ تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق تېببىي مەكتەپمەكتەپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ داۋالاش، سىستېرالىق، تۇغۇت، سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش، دورىگەرلىك، جۇڭيىچە داۋالاش، جۇڭيى داۋاسازلىق كەسىپلىرىنى ۋە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى، سەھىيە نازارىتى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ كىلنكىلىق داۋالاش، دورىگەرلىك مەخسۇس كۇرسى سىنىپلىرىنى ئاچقان. 13 خىل داۋالاش سەھىيە كەسپىي تەسىس قىلغان ھەمدە پاتولوگىيە، فىزىئولوگىيە قاتارلىق كەسىپلەردىن 26 تەجرىبىخانا قۇرغان. زامانىۋى مەكتەپ تورى. ئېلېكترلەشكەن ئوقۇتۇش ئۆيى، كومپيۇتېر ئۆيى، تىل ئۆيى، يېپىق يوللۇق تېلېۋىزىيە قوش يۆنىلىشلىك كونترول قىلىش سىستېمىسى قاتارلىقلار بار. كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاب 60000 دىن ئارتۇق.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق تېببىي مەكتەپ2010-يىلى شىنجاڭ سانجى تېببىي مەكتەپ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 117 مىڭ مو، قۇرۇلۇش كۆلىمى 62239.21 كۋادرات مېتىر، مەكتەپ ئىچىدە تۇراقلىق مۈلۈك ئومۇمىي قىممىتى 6196 مىڭ ، ئوقۇتۇش ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئومونىي قىممىتى 1726.3 مىڭ، كۆپ مېدىئاللىق يېپىق يوللۇق تېلېۋىزىيە قوش يۆنىلىشلىك كونترول قىلىش سىستېمىسى، تورى قوش سەھىيە، VOD سىنلىق قاتارلىق ئىلغار ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى بار. شىنجاڭ سانجى سەھىيە مەكتىپى كۇتۇپخانىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 1870 كۋادرات مېتىر، تەنتەربىيە مەيدانى كۆلىمى17 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتدۇ، سۇلياۋ ھالقىسىمان يول ۋە ۋاسكىتبول مەيدانى، تىكتاك توپ مەيدانى قاتارلىقلار بار، يەنە 1184 كۋادرات مېتىر بولغان ئۆي ئىچى تەنھەرىكەت مەيدان ، زامانىۋى ئېلېكترونلۇق تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى ۋە چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى بار. 2010-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭ سانجى تىببىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 4100 ئۇقۇغۇچىدىن ئاشقان. 

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق تېببىي مەكتەپ مەكتەپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى تەشكىللىگەن «لاياقەت باھالاش»، «ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى باھالاش»، «ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى باھالاش ئۆلچىمى»، «كەسىپ تەسىس قىلىشنى باھالاش ئۆلچىمى» قاتارلىقلاردىن ئۆتكەن. «دۆلەت سەھىيە سىستېمىسىدىكى مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار ئورۇن»، «ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەتلىك تېببىي مەكتەپ»، «ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار پارتىيە تەشكىلى»، «ئاپتونوم رايون بويىچە ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇشتىكى ئىلغار مەكتەپ» دېگەن شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#