تۇڭگۇز باش قەدىمىي شەھىرى
توڭگۇز باش قەدىمىي شەھىرى شىنجاڭنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 40 كىلومېتىر كېلىدىغان جايىغا جايلاشقان. كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان قەدىمكى شەھەر خارابىلىرىنىڭ بىرى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
توڭگۇز باش قەدىمىي شەھىرى شىنجاڭنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 40 كىلومېتىر كېلىدىغان جايىغا جايلاشقان. كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان قەدىمكى شەھەر خارابىلىرىنىڭ بىرى. شەھەر سېپىلىنىڭ قالدۇق ئېگىزلىكى ئالتە مېتىر، ئايلانما ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1000 مېتىر، سەل چاسا شەكىللىك. قەدىمىي شەھەر بەرپا قىلىش ئۇسۇلى بولسا ئاستىنقى بىر قەۋەت توپا ۋە بىر قەۋەت يۇلغۇن شېخىدىن قوشۇلۇپ يۆلەپ ياسالغان، ئۈستى كېسەك بىلەن قوپۇرۇلغان. قەدىمىكى شۇ يىللىرى ئېنىق بولمىغان قېزىش قوراللىرى ئارقىلىق قەدىمىي شەھەرنىڭ ئىچىدە قەدىمىي رەسىملەر، ئۆينىڭ ئىزلىرى، ياغاچ جاھاز، رەخت ياغلىق، ئاياغ، زىغىر ئۇرۇقى، ساپال قاتارلىق نەرسىلەر، ھەمدە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قەغەز ھۆججەت پارچىلىرى خېلى بار بۇلۇپ شەھەر دائىرىسى ئىچىدە بايقالغان ساپال پارچىلىرىدىن تەھلىل قىلىشقا بولدۇكى شۇ دەۋىرلەردە تاڭ سۇلالىسىنىڭ شەھەر پائالىيىتى ئەڭ گۈللەنگەن دىيىشكە بولدۇ. توڭگۇز باش قەدىمىي شەھىرى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى قارىمىقىدىكى بىر مۇھىم ھەربىي قورغان.
يېقىندا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئارخېئولوگلىرى توقسۇ ناھىيىسى تەۋەسىدىكى تۇڭگۇز باش قەدىمكى شەھىرىنى قېزىشقا باشلىغان بۇلۇپ، ئارخېئولوگىيە ئەترىتى بىر ھەپتىدىلا شۇ يەردىن «ئالىي دەرىجىلىك ساراي ئۆي»نى بايقىغان.ئىگىلىنىشىچە، ئارخېئولوگىيە ئەترىتى تۇڭگۇز باش قەدىمكى شەھىرى شىمالىي قوۋۇقى خارابىسىدىن ئالتۇن ھەل بېرىلگەن تام ۋە شەھەر بۆلىكىنى قېزىپ چىققان،شۇنداقلا يەنە ئالتۇنرەڭ سىرلانغان ياغاچ قۇرۇلمىلىق شەھەر بۆلىكىنى بايقىغان، بولۇپ، بۇ ئەھۋال بۇ يەردىكى ئۆي-ئىمارەتلەرنىڭ كۆلىمى چوڭ بولۇپلا قالماستىن، ئاستى قىسمىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى بولۇشىمۇ مۇمكىنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ھازىر ، توپىنىڭ دۆۋىلىشى ۋە ئەڭ يېڭى قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا ئاساسەن مۇتەخەسسىسلەر تۇڭگۇز باش قەدىمكى شەھىرى غەربىي جىن سۇلالىسى دەۋرىدە بىنا قىلىنىشقا باشلىغان بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان.
بۇ بايقاش تاڭ سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربىي يۇرتتا تەسىس قىلغان غەربنى تىنچلاندۇرغۇچى باش قورۇقچىبەگ ۋە ئۇنىڭ بىر يۈرۈش باشقۇرۇش ۋە مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىشقا نىسبەتەن مۇھىم تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتىتىگە ئىگە.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
لەگلەك تورى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.