شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ توكسىكلىت باشقۇرۇش چارىسى

توكسىكلىت باشقۇرۇش چارىسى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ توكسىكلىت باشقۇرۇش چارىسى 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 13-قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. 

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ توكسىكلىت باشقۇرۇش چارىسى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区电动车管理办法
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2014-يىلى 3-يانۋار
ھۆججەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 188-نومۇرلۇق پەرمانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ  188-نومۇرلۇق پەرمانى

ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 13-قېتىملىق دائىمىي يىغىنى 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ توكسىكلىتنى باشقۇرۇش چارىسى»نى مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىدى، ھازىر ئۇنى ئېلان قىلدىم، 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

 ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى

 2014-يىلى 3-يانۋار

1-ماددا بۇ چارە، توكسىكلىتنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، يول قاتناش تەرتىپىنى ساقلاش، يول قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى» ۋە ئالاقىدار قانۇن-نىزامغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ چارە ئاپتونوم رايونىمىز مەمۇرىي تەۋەلىكىدە توكسىكلىتلارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، تىزىملاش، ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇشقا تەتبىقلىنىدۇ.

3-ماددا بۇ چارىدە دېيىلگەن توكسىكلىت ئاككۇمۇلياتورنى قوشۇمچە ئېنېرگىيە قىلىدىغان، ئىككى چاقلىق، ئادەم كۈچى ۋە توك كۈچىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىدىغان ياكى توكنى ياردەمچى كۈچ قىلىش ئىقتىدارى بولغان، لايىھەدىكى ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى، ماسسىسى ۋە رازمېرى قاتارلىقلار دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان موتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ چارە لايىھەدىكى ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى، ماسسىسى ۋە رازمېرى قاتارلىقلار توكسىكلىت ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەن، بىراق موتوسىكلىت دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان توكسىكلىت (ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن توكسىكلىت)لارغا تەتبىقلىنىدۇ؛ موتوسىكلىت ياكى دۆلەت ئۆلچىمىگە يېتىدىغان باشقا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى بويىچە باشقۇرۇلىدۇ.

4-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى توكسىكلىت باشقۇرۇش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

5-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ج خ ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى توكسىكلىتلارنى تىزىملاش ۋە يول قاتناش بىخەتەرلىكى بويىچە باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارمىقى توكسىكلىت ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى تارمىقى توكسىكلىت ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى توكسىكلىت بازىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. قاتناش-تىرانسپورت، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرغۇچى تارماقلار مەسئۇلىيىتى بويىچە، توكسىكلىتنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

6-ماددا رادىيو، تېلېۋىزور، گېزىت-ژۇرنال، تور قاتارلىق تاراتقۇلار توكسىكلىتقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش توغرىسىدىكى تەشۋىقات-تەربىيەنى كۈچەيتىپ، توكسىكلىت ھەيدىگۈچىلەرنىڭ قاتناش بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

7-ماددا ئىشلەپچىقىرىلغان، سېتىلغان توكسىكلىتنىڭ تېخنىكىلىق پارامېتىرى ۋە ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان توكسىكلىتلارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

توكسىكلىتلارنى ئۆز مەيلىچە قۇراشتۇرۇۋېلىش ياكى ئۆزگەرتىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

8-ماددا توكسىكلىت باشقۇرۇشتا مەھسۇلات تىزىملىكىنى ئېلان قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارمىقى سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، ج خ ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەمدە تىزىملاشقا رۇخسەت قىلىنىدىغان توكسىكلىت مۇندەرىجىسىنى تۈزۈشى؛ مۇندەرىجىگە توكسىكلىتنىڭ ماركىسى، تىپى ۋە ئۇنى ئىشلەپچىقارغان كارخانا قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئېنىق يېزىشى ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

9-ماددا توكسىكلىت سېتىش كارخانىلىرى دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان توكسىكلىتلارنى سېتىشى ھەمدە تىجارەت سورۇنىنىڭ كۆزگە كۆرۈنىدىغان يېرىگە تىزىمغا ئېلىنىدىغان توكسىكلىت مۇندەرىجىسىنى ئاشكارىلىشى كېرەك.

10-ماددا توكسىكلىت سېتىش كارخانىلىرى كونىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش، باھاغا سۇندۇرۇپ سېتىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن توكسىكلىتلارنى يىغىۋېلىشى كېرەك. توكسىكلىت ئىگىلىرىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن توكسىكلىتلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالماشتۇرۇشىغا ياكى بىراك قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

11-ماددا توكسىكلىتلارنىڭ كېرەكسىز ئاككۇمۇلياتورلىرى خەتەرلىك تاشلاندۇقلار قاتارىدا قانۇن بويىچە باشقۇرۇلىدۇ.

توكسىكلىت ئىگىلىرى ئالماشتۇرغان ۋە توكسىكلىت ساتىدىغان كارخانىلار يىغىۋالغان كېرەكسىز ئاككۇمۇلياتورلارنى سالاھىيەتلىك كارخانىلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇش كېرەك.

12-ماددا توكسىكلىتلارنىڭ يول يۈرۈشىگە ج خ ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى تىزىملىغاندىن كېيىن رۇخسەت قىلىنىدۇ.

13-ماددا توكسىكلىت ئىگىلىرى توكسىكلىتنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلغاندا، تۇرۇشلۇق جايىدىكى ناھىيە (شەھەر)لىك ج خ ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا توكسىكلىتنى تەكشۈرتۈشى ھەمدە تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تەمىنلىشى كېرەك: 

1) توكسىكلىت ئىگىسىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى؛ 

2) توكسىكلىت سېتىۋالغان تالون ياكى كېلىش مەنبەسى قانۇنلۇق باشقا ئىسپات؛ 

3) توكسىكلىتنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش لاياقەتنامىسى. ج خ ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى تىزىملىتىلىدىغان توكسىكلىت ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈشى؛ ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەمدە مۇندەرىجىگە كىرگۈزۈلگەن توكسىكلىتنى شۇ كۈنى تىزىملاپ نومۇر تاختىسى ۋە يول يۈرۈش كىنىشكىسى بېرىشى؛ ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىرىنى شۇنداقلا مۇندەرىجىگە كىرمەيدىغانلىرىنى تىزىملىماسلىقى ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى؛ ماتېرىياللىرى تولۇق بولمىغانلارغا تولۇقلاشقا تېگىشلىك ماتېرىياللارنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك. 

14-ماددا ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن توكسىكلىتنى سۈرۈك ئىچىدە بىراك قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، بىراك قىلىش سۈرۈكى بۇ چارە يولغا قويۇلغان كۈنىدىن باشلاپ بەش يىل توشقىچە بولىدۇ. بەش يىل بولغان ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن توكسىكلىت ئۆزلۈكىدىن بىراك بولىدۇ، ئۇنىڭ يول يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ناھىيە (شەھەر)لىك ج خ ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن توكسىكلىتنى ۋاقىتلىق تىزىملاپ، ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى ۋە ۋاقىتلىق يول يۈرۈش كىنىشكىسى بېرىدۇ. ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن توكسىكلىتنىڭ ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى ۋە ۋاقىتلىق يول يۈرۈش كىنىشكىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن بىراك قىلىش سۈرۈكىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. 

15-ماددا توكسىكلىتنىڭ نومۇر تاختىسى ئېنىق، مۇكەممەل بولۇشى، قەستەن توسۇۋېلىنماسلىقى، بۇزۇۋېتىلمەسلىكى؛ ئارىيەتكە بېرىلمەسلىكى، ساختىلىق بىلەن ياسالماسلىقى، ئۆزگەرتمەسلىكى ياكى ساختا، ئۆزگەرتىلگەن نومۇر تاختىسى ۋە يول يۈرۈش كىنىشكىسى ئىشلەتمەسلىكى لازىم. ئاپتونوم رايونلۇق ج خ ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى توكسىكلىتنىڭ نومۇر تاختىسى ۋە يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى بىر تۇتاش ياسايدۇ. 

16-ماددا توكسىكلىتنىڭ نومۇر تاختىسى ۋە يول يۈرۈش كىنىشكىسى يوقىلىپ كەتسە ياكى بۇزۇلۇپ كەتسە، توكسىكلىت ئىگىسى تىزىمغا ئالدۇرغان ناھىيە (شەھەر)لىك ج خ ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا تولۇقلاپ بېجىرىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ج خ ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈنى توكسىكلىتنىڭ نومۇر تاختىسى ۋە يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى تولۇقلاپ بېجىرىپ بېرىشى ۋە ئالماشتۇرۇپ بېرىشى كېرەك. 

17-ماددا توكسىكلىت ھەيدىگۈچى 16 ياشتىن ئاشقان بولۇشى ھەمدە ئۇلاردا قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەردە كۆرسىتىلگەن بىخەتەر ھەيدەشكە توسالغۇ بولىدىغان جىسمانىي كەمتۈكلۈك بولماسلىقى كېرەك. 16 ياشقا توشمىغانلاردىن توكسىكلىت ھەيدەپ يول يۈرگەنلەرنى ج خ ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى توسۇشى، ئۇلارغا تەنقىد-تەربىيە بېرىشى ھەمدە بۇ بالىلارنىڭ ۋەسىيلىرىنى بالىلارغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە بۇيرۇشى كېرەك. 

18-ماددا توكسىكلىت ھەيدىگەندە تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش كېرەك: 

1) يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى بىرگە ئېلىپ يۈرۈش، توكسىكلىتقا نومۇر تاختىسى ئېسىش؛ 

2) قاتناش بەلگە چىرىغى، قاتناش بەلگىسى، قاتناش بەلگە سىزىقىغا رىئايە قىلىش؛ 

3) ئايلانغاندا سۈرئەتنى ئاستىلىتىش، يۆنىلىش كۆرسىتىش چىرىغىنى ياندۇرۇپ بەلگە بېرىش، ياندىغاندا ياندالغۇچىنىڭ يول يۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك؛ پىيادىلەر توغرا يولىدىن ئۆتكەندە سۈرئەتنى ئاستىلىتىش؛ 

4) موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى يولى پىيادىلەر توغرا يولى ياكى كۆتۈرمە كۆۋرۈكتىن ئۆتكەندە، توكسىكلىتتىن چۈشۈپ ئىتتىرىپ مېڭىش؛ 5) تورمۇز ئىشلىمىگەندە، توكسىكلىتتىن چۈشۈپ ئىتتىرىپ مېڭىش؛ 

6) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

19-ماددا موتورلۇق ۋە موتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى يولى ئايرىلغان يولدا يۈرگەندە، توكسىكلىتنى موتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى يولىدا ھەيدەش. مەركىزىي سىزىق، موتورلۇق ۋە موتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى يولى ئايرىلمىغان يولدا يۈرگەندە، توكسىكلىتنى يولنىڭ ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ ھەيدەش كېرەك. 

20-ماددا توكسىكلىتنى ھەيدەپ قاتناش سىگنالى بويىچە باشقۇرۇلمايدىغان يولدىن ئۆتكەندە، ئوبدان كۆزىتىپ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ئۆتۈش؛ پىيادىلەرنىڭ يولدىن ئۆتۈۋاتقىنىغا توغرا كەلگەندە، پىيادىلەرگە يول بېرىش كېرەك. 

21-ماددا توكسىكلىت ھەيدىگەندە تۆۋەندىكى قىلمىشلار مەنئى قىلىنىدۇ: 

1) ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ھەيدەش؛ 2) ئادەم توشۇپ تىجارەت قىلىش؛ 

3) قارشى يۆنىلىشتە يۈرۈش؛ 

4) قاتناش بىخەتەرلىكىگە دەخلى قىلىدىغان قۇرۇلمىلارنى ئورنىتىش، ئىشلىتىش؛ 

5) قانۇن-نىزاملاردا مەنئى قىلىنغان باشقا ئەھۋاللار. 

22-ماددا توكسىكلىتقا باسقان نەرسىنىڭ ئېگىزلىكى، يەر يۈزىدىن ھېسابلىغاندا، 1.5 مېتىردىن؛ ئىككى يان كەڭلىكى ئىككى تەرەپ رولىدىن ھېسابلىغاندا، 0.15 مېتىردىن؛ ئۇزۇنلۇقنىڭ ئالدى بېشى توكسىكلىت چاقىدىن، كەينى بېشى توكسىكلىت ئومۇمىي گەۋدىسىدىن 0.3 مېتىردىن؛ باسقان نەرسىنىڭ ئېغىرلىقى 15 كىلوگىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، توكسىكلىت رولىغا نەرسە-كېرەكلەرنى ئېسىۋېلىشقا بولمايدۇ.

23-ماددا توكسىكلىت ھەيدەپ پەيدا بولغان قاتناش ھادىسىسى يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇن-نىزاملار بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 

24-ماددا ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن توكسىكلىتلارنى ھەيدىگۈچىلەر يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، قاتناش بىخەتەرلىكى ساۋاتلىرى ۋە مەشغۇلات ماھارىتىنى ئۆگىنىشى ھەمدە ئۆگىنىش ئىسپاتى ئالغان بولۇشى كېرەك. ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن توكسىكلىت بىلەن يول يۈرگەندە، بىخەتەرلىك قالپىقى كىيىش كېرەك. ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن توكسىكلىتلارنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ۋە شەھەر تېز سۈرئەتلىك يولىدا ھەيدەش مەنئى قىلىنىدۇ. 

25-ماددا بۇ چارىنىڭ 7-ماددىسىنىڭ 2-، 3-تارمىقى ۋە 9-ماددىسىغا خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە (شەھەر)لىك سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى تارمىقى ۋە سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. 

26-ماددا ناھىيە (شەھەر)لىك ج خ ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى بۇ چارىگە خىلاپ قىلمىشلارغا تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازا بېرىدۇ: 

1) بۇ چارىدىكى 15-ماددىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپلىق قىلغانلارغا 50 يۈەن جەرىمانە قويىدۇ؛ 

2) بۇ چارىنىڭ 18-ماددىسىغا خىلاپلىق قىلغانلارنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمىگەنلەرگە 20 يۈەن جەرىمانە قويىدۇ؛ 

3) بۇ چارىدىكى 21-ماددىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپلىق قىلغانلارغا 40 يۈەن جەرىمانە قويىدۇ؛ 2-تارمىقىدىن 4-تارمىقىغىچە بولغان بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمىگەنلەرگە 40 يۈەن جەرىمانە قويىدۇ؛ 

4) بۇ چارىنىڭ 18-ماددىسىغا خىلاپلىق قىلغانلارنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمىگەنلەرگە ئون يۈەن جەرىمانە قويىدۇ؛ 

5) بۇ چارىدىكى 24-ماددىنىڭ 2-، 3-تارمىقىغا خىلاپلىق قىلغانلارغا 50 يۈەن جەرىمانە قويىدۇ؛ توكسىكلىت ھەيدەش جەريانىدىكى باشقا قانۇنسىز قىلمىشلاردىن مەسئۇلىيىتى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىرى يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇن-نىزاملاردىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 

27-ماددا بۇ چارىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، توكسىكلىت باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي ئورگان خادىملىرىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، شۇ كىشى تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بىۋاسىتە مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ. 

1) توكسىكلىت ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى، توكسىكلىت بازىرىنى نازارەت قىلپ تەكشۈرمەسلىك؛ 

2) تىزىملاش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان توكسىكلىتلارنى تىزىملاش؛ 

3) توكسىكلىت نومۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى بېجىرىش خىزمىتى ياكى نومۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى تولۇقلاپ بېرىش، ئالماشتۇرۇپ بېرىش خىزمىتىنى سۈرۈك ئىچىدە بېجىرىپ بەرمەسلىك؛ 

4) قانۇنسىز قىلمىشلارنى بايقاپ تۇرۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلماسلىق ياكى ئەرز-شىكايەتلەرنى بىر تەرەپ قىلماسلىق؛ 

5) بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ باشقا ئەھۋاللار. 

28-ماددا بۇ چارە يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئىشلىتىلىۋاتقان، بىراق تىزىملانمىغان توكسىكلىتلارنى بۇ چارە ئېلان قىلىنىپ، ئۈچ ئاي ئىچىدە بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە تىزىملىتىش؛ ئىشلىتىلىۋاتقان، بىراق ۋاقىتلىق تىزىملاش رەسمىيىتى بېجىرىلمىگەن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن توكسىكلىتلارنى بۇ چارە ئېلان قىلىنىپ ئۈچ ئاي ئىچىدە، تۇرۇشلۇق جايىدىكى ناھىيە (شەھەر)لىك ج خ ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا ۋاقىتلىق تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك. 

29-ماددا بۇ چارە 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى  

http://uyghur.news.cn/2014-01/26/c_133075456_3.htm

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئورگان تورى

http://www.xjgat.gov.cn/html/article/28168/133712.shtml

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#