قاتما خاراكتېرلىك ئومۇرتقا ياللۇغى

قاتما خاراكتېرلىك ئۇمۇرتقا ياللۇغى

قاتما خاراكتېرلىك ئۇمۇرىتقا ياللۇغى ئىچكى تاشقى سوغوقلۇقنىڭ تەسىر قىلىشىدىن كىلىپ چىقىدىغان، كىلىنكىدا بۇيۇن، كۆكرەك، بەل ئۇمۇرتقا ساھاسى ئاغرىش، ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، ھەركەت قىلغاندا ئاغرىش كۇچىيىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان جاھىل خاراكتېرلىككېسەللىك.

ئۇيغۇرچە نامى قاتما خاراكتېرلىك ئۇمۇرتقا ياللۇغى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 僵直性脊椎炎

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قاتما خاراكتېرلىك ئۇمۇرىتقا ياللۇغى ئىچكى تاشقى سوغوقلۇقنىڭ تەسىر قىلىشىدىن كىلىپ چىقىدىغان، كىلىنكىدا بۇيۇن، كۆكرەك، بەل ئۇمۇرتقا ساھاسى ئاغرىش، ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، ھەركەت قىلغاندا ئاغرىش كۇچىيىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان جاھىل خاراكتېرلىك كېسەللىك.

1) بىماردا كۆرۈلگەن تىپىك كىلنىك ئالامەتلەرگە ئاساسەن : بۇيۇن، كۆكرەك، بەل ئۇمۇرتقا ساھاسى ئاغرىش، ھەركەت قىلغاندا ئاغرىق كۈچۈيۈش، ھەركىتى قىيىنلىشىش ياكى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، پۈتۈن بەدەن سوغوق بولوش، زىيادە توڭوش، نەپەس ئېلىش ۋە چىقىرىش قىيىنلىشىش.

2) قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن:

(1) لابراتۇريەلىك تەكشۈرگەندە ASO مۇسبەت بۇلۇش، ESR يۇقىرى بۇلۇش.

(2) رىنتىگىندا ياكى MRI سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرگەندە ئۇمۇرتقا تۈۋرىگىنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ئەگىرلىكى يوقۇلۇش، ئۇمۇرتقا سۆڭىگىنىڭ قىرى بۇزۇلۇش، ئۇمۇرتقا تۈۋرىگىدە بامبۇكسىمان ھالەت شەكىللىنىش، ئۇمۇرتقا پەي–مۇسكۇللىرى ياللۇغلىنىپ ئىششىش، ئېغىرلىرىدا مۇسكۇل قىتىپ كالتىسىيلىشىش ئەھۋالى بۇلۇش قاتارلىقلارغا ئاساسەن دىئاگىنوز قويولدى.

بىماردا كېسەل باشلانغاندا بۇيۇن، كۆكرەك، بەل ئۇمۇرتقا ساھاسى ئاغرىش، بەدەن سوغوق بۇلۇش، زىيادە توڭلاش ئەھۋالى بۇلۇپ ئۇمۇرتقىنىڭ ھەركىتى قىيىنلىشىش ئەھۋالى كۆرىنەرلىك بولمايدۇ، تەدرىجى ئۇمۇرتقا ساھاسى ئاغرىش ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ، ھەركەت قىلغاندا ئاغرىق كۈچۈيۈش، ئۇمۇرتقا ھەركىتى قىيىنلىشىش، مۇسكۇللار قېتىش ئەھۋالى بۇلۇپ ئېغىرلاشقاندا ئۇمۇرتقا تۈۋرىكى غەيرىلىشىش، ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچىراش، مۇسكۇللار قېتىشىپ كالتىسىي لىشىش، بىمار ئوڭدىسىغا ياكى دۈم بۇلۇپ ياتالماسلىق، بەدەن ئۇرۇقلاش، نەپەس ئېلىش ۋە چىقىرىش قىيىنلىشىش، ئۇيقۇسىزلىق، يول يۈرۈش–ئولتۇرۇپ قوپۇش ھەركىتى قىيىنلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

دەرىجىگە بۆلۈنىشى

1. يىنىك دەرىجىدە : بۇيۇن، كۆكرەك، بەل ئۇمۇرتقا ساھاسى ئاغىرىش، بەدەن سوغوق بۇلۇش، زىيادە توڭلاش ئەھۋالى بۇلۇپ ئۇمۇرتقىنىڭ ھەركىتى قىيىنلىشىش ئەھۋالى كۆرىنەرلىك بولمايدۇ؛

2. ئوتتۇرھال دەرىجىدە : بۇيۇن، كۆكرەك، بەل ئۇمۇرتقا ساھاسى ئاغرىش، ھەركەت قىلغاندا ئاغرىق كۈچۈيۈش، ئۇمۇرتقا ھەركىتى قىيىنلىشىش، نەپەس ئېلىش ۋە چىقىرىش يەڭگىل دەرىجىدە قىيىنلىشىش، بەدەن سوغوق بۇلۇش، زىيادە توڭلاش ئەھۋالى بولىدۇ؛

3. ئېغىر دەرىجىدە : بۇيۇن، كۆكرەك، بەل ئۇمۇرتقا ساھاسى ئاغرىش، ھەركەت قىلغاندا ئاغرىق كۈچۈيۈش، ئۇمۇرتقا تۈۋرىكى غەيرىلىشىش، ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچىراش، مۇسكۇللار قېتىشىپ كالتىسىي لىشىش، بىمار ئوڭدىسىغا ياكى دۈم بۇلۇپ ياتالماسلىق، بەدەن ئۇرۇقلاش، نەپەس ئېلىش ۋە چىقىرىش قىيىنلىشىش، ئۇيقۇسىزلىق، يول يۈرۈش ۋە ئولتۇرۇپ قوپۇش ھەركىتى قىيىنلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

1. روھى جەھەتتە كېسەلدىن ساقىيىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، قائىدىلىك پەرۋىش خىزمىتى ۋە پەرھىزى ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.

2. قايسى خىل غەيرى تەبىئى  خىلىتتىن كىلىپ چىققان بولسا شۇخىل غەيرى تەبىئى خىلىتنىڭ مۇنزىچ–مۇسھىلى قائىدىلىك بىرىلىپ بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ.

3. ياللۇغ قايتۇرۇپ ئاغرىق توختاتقۇچى دورىلار ئىچى–سىرتىدىن ئىشلىتىلىدۇ.

4. قان ئايلىنىش پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇپ، ماددا ئالمىشىش خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى، ئۇمۇرتقا ئەتىراپ پەي مۇسكۇللىرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ياخشىلىغۇچى دورىلار ئىچى–سىرتىدىن ئىشلىتىلىدۇ.

5. فىزىكىلق داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

6. رەئىس ئەزالار ۋە ئۇمۇمى بەدەننى قۇۋەتلەپ، بەدەننىڭ تەبىئەت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرگۈچى دورىلار بىرىلىدۇ.

1.  بەلغەم خىلتىنىڭ غەيرى تەبىي ئوزگىرىشىدىن كىلىپ چىققان بولسا خالىس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن سۈرۈنجان، يەرلىك شوخلا، چۆبىچىن قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ شەربەت تەييارلاپ، بىر كۈندە ئۈچ قىتىم، تاماقتىن كىيىن، ھەرقىتىمدا 80-100 مىللىتىردىن 10-15 كۈنگىچە ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار بەلگىلەر كۆرۈلگەندىن كىيىن يۇقارقى مۇنزىچ دورىسىغا خالىس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىسىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ  بىر كۈندە ئىككى قىتىم، تاماقتىن كىيىن، ھەرقىتىمدا 50-100 مىللىتىردىن  3-5  كۈنگىچە ئىستىمال قىلدۇرۇپ بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ.

2. سەۋادا خىلتىنىڭ غەيرى تەبىي ئوزگىرشىدىن كىلىپ چىققان بولسا خالىس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن سۆرۈنجان، يەرلىك پەمىدۇر، چۆبىچىن، ئاقلەيلى ئۇرۇقى قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ شەربەت تەييارلاپ  كۈندە ئۈچ قىتىم، تاماقتىن كىيىن،  ھەرقىتىمدا 80-100 مىللىتىردىن 15-45 كۈنگىچە ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار بەلگىلەر كۆرۈلگەندىن كىيىن يۇقارقى مۇنزىچ دورىسىغا خالىس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىسىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، بىر كۈندە ئىككى قىتىم، تاماقتىن كىيىن، ھەرقىتىمدا 50-100 مىللىتىردىن  3-5  كۈنگىچە ئىستىمال قىلدۇرۇپ بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ.

3. بەلغەم بىلەن سەۋدا خىلتىنىڭ غەيرى تەبىي ئوزگىرشىدىن كىلىپ چىققان بولسا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچ دورىسىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن سۆرۈنجان، يەرلىك شوخلا، چۆبىچىن، ئاقلەيلى ئۇرۇقى، بوزىيدان قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ شەربەت تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قىتىم، تاماقتىن كىيىن، ھەرقىتىمدا 80-100 مىللىتىردىن دىن 25 كۈنگىچە  ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ. ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار بەلگىلەر كۆرۈلگەندىن كىيىن يۇقارقى مۇنزىچ دورىسىغا بەلغەم بىلەن سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىسىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، بىر كۈندە ئىككى قىتىم، تاماقتىن كىيىن، ھەرقىتىمدا 50-100 مىللىتىردىن  3-5 كۈنگىچە ئىستىمال قىلدۇرۇپ بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ.

4. ياللۇغ قايتۇرۇپ، ئاغرىق توختىتىش ئۈچۈن-كاپسۇلى سۆرۈنجان كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كىيىن، ھەر قېتىمدا 3–5 دانىغىچە، مەجۇنى سۆرۈنجان كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كىيىن، ھەر قېتىمدا 5–7 دانىغىچە، قۇرسى يەھيا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كىيىن، ھەر قېتىمدا 5–7 دانىغىچە، ھەببى مەنتىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كىيىن، ھەر قېتىمدا 5–7 دانىغىچە، مەخسۇس مەجۇنى چۆبىچىن تەييارلاپ كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كىيىن، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ، زىمادى سۈرۈنجاننى گۈل مېيى بىلەن مەلھەم قىلىپ ئۇمۇرتقا ساھاسىگە  سىرتىدىن تېڭىلىدۇ.

5. قان ئايلىنىش پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇپ، ماددا ئالمىشىش خىزمىتىنى ياخشىلاش، ئۇمۇرتقا ئەتىراپ پەي مۇسكۇللىرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ياخشىلاش ئۈچۈن-خېمىرى گاۋزىبان كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى، ھەر قېتىمدا 2 دانىدىن، لوبوبى كەبىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كىيىن، ھەر قېتىمدا 5 دانىدىن، داۋائى تەرەنجىبىن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كىيىن، ھەر قېتىمدا 10-15 گىرامغىچە، لوئوقى بادام كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كىيىن، ھەر قېتىمدا 10-15 گىرامغىچە، مائۇل ئۇسۇل مۇرەككەب شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كىيىن، ھەر قېتىمدا 80-100 مىللىتىردىن ئىستىمال قلدۇرۇش بىلەن بىرگە مەخسۇس مۇرەككەپ قىروتى تەييارلاپ، كۈندە بىر قېتىم ئۇمۇرتقا ساھاسى مايلىنىدۇ.

6. فىزىكىلىق داۋالاش: 15 كۈننى بىر داۋالاش كۇرسى قىلىپ تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بويچە بىمارنىڭ ئەمەلىي كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۈچتىن  بەش كۇرۇسقىچە فىزىكىلىق داۋالاش ئىلىپ بىرىلدى.

نېرىپلارنىڭ ئوتكوزوشچانلىقى ئاشۇرۇش ۋە ئوتكونچى يوللارنى راۋانلاشتۇرۇش، مۇسكۇللارنىڭ ھارارىتىنى ئاشۇرۇپ ئىلاستىكىلىغىنى ياخشىلاش، ئۇمۇرتقىنىڭ ھەركەت ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۇش ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان مۇرەككەپ قىيرۇتى بىلەن مايلاش، TDP دا ئسسىق ئۆتكۈزۈش، مەخسۇس بەدەن چىنىقتۇرۇش ئۈسكىنىسىدە ھەركەتلەندۇرۇش، ئۇۋلاپ داۋالاش، يىڭنە سانچىپ داۋالاش، لوڭقا قۇيۇش ۋە لوڭقا سىرىپ داۋالاش، دورىلىق ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش، ھوردىتىپ داۋالاش ئىلىپ بىرىلدۇ.

7. رەئىس ئەزالارنى ۋە ئۇمۇمىي بەدەننى قۇۋەتلەپ، بەدەننىڭ تەبىئەت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ھەزىم قىلىش خىزمىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن «داۋائىل مىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى، ھەرقېتىمدا 5-3 دانىغىچە، ئەبرىشىم جەۋھىرى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى،  ھەرقېتىمدا بىر بولاقتىن، شىپائى قەلىپ كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى ھەرقېتىمدا بىر ئامپۇلدىن، جاۋارىش ئەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كىيىن ھەرقېتىمدا 5-7 دانىغىچە، ھالۋائى بەيزە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كىيىن ھەرقېتىمدا 10-7 گىرام غىچە، مەجۇنى سۆلەپ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كىيىن ھەرقېتىمدا 5-7 دانىغىچە، مائۇل ھەسەل مۇرەككەپ شەربىتى كۈندە ئۈ  قېتىم، تاماقتىن كىيىن ھەرقېتىمدا ml 100دىن» قاتارلىق دورىلار بىرىلىدۇ.

سوغوق ئۈتۈپكىتىشتىن، زۇكام بۇلۇشتىن، تەستە ھەزىم بولىدىغان، ئۆتكۈر غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، سوغۇق تەبىئەتلىك يىمەك – ئىچمەكلەرنى كۆپ ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىشتىن، زىيادە ھېرىپ چارچاشتىن ساقلىنىش كىرەك.

1) ساقىيىش ئۆلچىمى: بالنىسقا كىرگەندىكى بارلىق كېسەللىك ئالامىتى تولوق يوقالغان، ئۇمۇرتقا تۈۋرىكىنىڭ ھەركىتى تولوق ئەسلىگە كەلگەن بولسا.

2) ياخشىلىنىش ئۆلچىمى: بالنىسقا كىرگەندىكى ئالامەتلىرىدىن ئۇمۇرتقا ساھاسى ئاغرىش، ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچىراش ئەھۋالى ياخشىلانغان بولسا.

3) ساقايماسلىق ئۆلچىمى: بالنىسقا كىرگەندىكى بارلىق ئالامەتلەر داۋالانغاندىن كىيىنمۇ ئوخشاش تۇرغان بولسا.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

تىببىي دەستۇر تىبابەت تورى 

http://www.tibbidastur.com/?m=yazma_kurux&uid=213

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#