بەدەلئارت

بەدەلئارت-ئۇچتۇرپان ناھيسىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى تەڭرى تاغ تىزمىلىرىنڭ دېڭىز يۈزىدىن 4264 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بەدەل تاغ تىزمىلىرىغا جايلاشقان. ئۇ ئۈچتۇرپاندىن قىرغىزىىستانغا ئۆتۈشتىكى مۇھىم قاتناش ئۆتكىلى، ئۇنىڭ ئەتراپدىكى 5-4 مىڭ مېتىر ئىگىزلىكتىكى تەڭرىتاغلىرىنىڭ چوققىسى-خانتەڭرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئادەتتىكى تاغ بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بەدەلئارت-ئۇچتۇرپان ناھيسىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى تەڭرى تاغ تىزمىلىرىنڭ دېڭىز يۈزىدىن 4264 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بەدەل تاغ تىزمىلىرىغا جايلاشقان. ئۇ ئۈچتۇرپاندىن قىرغىزىىستانغا ئۆتۈشتىكى مۇھىم قاتناش ئۆتكىلى، ئۇنىڭ ئەتراپدىكى 5-4 مىڭ مېتىر ئىگىزلىكتىكى تەڭرىتاغلىرىنىڭ چوققىسى-خانتەڭرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئادەتتىكى تاغ بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. 

بەدەلتاغ ئېغىزىنىڭ ئەتراپى پۈتۈنلەي يايلاق، يايلاقتا قاتمۇ- قات ئىگىز تاغلار، تاغلارنىڭ ئۈستى قار-مۇزلار بىلەن قاپلانغان، تاغ ئەتراپلىرىنىڭ سۈيى، ئوت-چـۆپلىرى مول، تۈرلى-تۈمەن خىل گۈل، ئوت-چۆپلەر بىلەن قاپلانغان، نەچچە ئونمىڭ تۇياق مال-چارۋىلار، ياۋا قۇش، ھايۋاناتلار تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە بىمالال يايلىيالايدىغان گۈزەل، چىمەنتاغ-ئۇچتۇرپاننىڭ شىمالى تاغ يايلىغىدۇر.

 بۇ ھەقتە ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى»دا، «يېڭى تاڭنامە. جۇغراپىيە تەزكىرسى» دە ۋە باشقا ئەسەرلەردە بۇ قەدىمكى «يىپەك يولى» دىكى مەشھۇر ئۆتكەل- «بەدەلئارت » ھەققىدە توختالغان. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇ قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگىنى، شەرق غەربتىكى ھەر قايسى ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مۇھىم قاتناش يولى، جايلاشقان ئورنىنىڭ ناھايىتى ئىستىراتىگىيىلىك مۇھىملىقىدىن بولغان. ئۈچتۇرپاننىڭ شىمالىي تەرىپى تەڭرى تاغ تىزمىلىرى ئارقىلىق قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن 150 كىلومېتىر دائىرىدە چېگىرلىنىدۇ. بۇ ئارىلىقتا ئۈچتۇرپاندىن قىرغىزىستانغا ئۆتۈشكە بولىدىغان يەتتە تاغ ئېغىز يولى بار. بىراق بۇ يوللارنى بەدەل تاغ ئېغىزى يولى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇ يوللار ئانچە قولايلىق ئەمەس، جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىمۇ مۇرەككەپ. بەدەلئارت يولى بىرقەدەر چوڭ يول بولۇپ، ئەتراپىدا سۇ، ئوت-چۆپ مول، قاتناشقا قۇلايلىق. شۇڭلاشقا، قەدىمدىن بۇيان شىنجاڭ خەلقى (بولۇپمۇ جەنۇبى شىنجاڭ خەلقى ) ئوتتۇرا ئاسىيا خەلىقلىرى بىلەن 1950-يىللارغا قەدەر مۇشۇ بەدەلئارت چىگرا ئېغىزى يولى بىلەن تۈرلۈك سودا قاتناش ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلرى قىلىپ كەلگەن.

ئۈچ بالىق (ئۈچتۇرپان) مۇشۇ سودا كارۋانلىرى يولىدا شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرۇشتا، تۈرلۈك مەدەنىيەتنىڭ ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇلىشىدا ۋە مەدەنىيەت تارقىتىشتا مۇھىم كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان بولۇپلا قالماستىن، غايەت زور ئىقتىقسادى قىممەت يارتىشتىمۇ موھىم رول ئوينىغان. مەسىلەن، خەن سۇلالىسنىڭ پايتەختى چاڭئەندىن باشلانغان يىپەك يولى خېشى كارىدورى، قاشتاش ئۆتكىلى، قۇم-ئاتادىن ئۆتۈپ، ئالدى قۇش خانلىقىنىڭ يارغولىدىن كىرورانغا، ئۇ جايدىن قارا شەھەر، چېدىر، كۈسەن، قۇم ( ئاقسۇ)، ئۇچ ئارقىلىق بەدەلئارتىن ئۆتۈپ قىزىل قورغانغا، ئسسىق كۆلگە، بالاساغۇن ، تالاس شەھەرلىرىدىن ئۈتۇپ، پەرغانە، كانگيە( ھازىرقى سەمەرقەنت ئەتراپلىرى)، ئارشاك (ئىران)، ئىراق، ئاناتولىيە (ھازىرقى تۈركىيە تەۋەسدە)، ۋىزانتىيە (ئىستانبۇلنى پايتەخىت قىلغان شەرقى رىم ئىمپىريىسى)، قاتارلىق ئەللەرگە باراتتى. بەزىدە يىپەك يولى ئۇچىدىن كاشغەرگە، ئۇنىڭدىن ئەركەشتام ئارقىلىق پەرغانىگە بېرىپ يۇقارىقى يوللارغا قوشۇلاتتى. دېمەك، مۇشۇ يوللار ئارقىلق ئۈزۈلمەي ئۆتكەن سودا كارۋانلىرى جۇڭگو بىلەن غەرپ ئەللىرى ئوتتۇرسىدىكى سودا-سېتىق ئشلىرىنى ئنتايىن راۋاجلاندۇرغان. بۇ ھەقتە ئەسىرلەر شاھىدى بولغان بەدەلئارتنىڭ قەدىمكى زاماندىكى يازما خاتىرلەردىن يېقىنقى زاماندىكى يازما خاتىرلەرگىچە ھەرخىل تىلدا، تۈرلۈك شەكىلدە، خىلمۇ - خىل تەرىپلىنىپ كېلىشى، يامانسۇ تاغلىردىكى قىيا تاش رەسىملىرى، ھەرخىل شەكىلدىكى بەلگىلەر (يېزىققا ئوخشاش)، بەدەلئارت قەلئەسى ۋە ئۇنىڭدىكى قەدىمكى تام رەسىملەر، يېقىنقى زاماندا ئېلىپ بېرىلغان ئارخىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەر ( 1956- يىلى يۈسۈپ بەگ مۇخلىس باشچىلىقىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق موزېيى، ئارخىئولوگىيە تەكشۈرۈش ئەترىتى خادىملىرى، 1984-يىلى 5-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىئولوگىيە تەكشۈرۈش خادىملىرى تەكشۈرگەن) دە قولغا چۈشكەن ماددىي پاكىتلار (ئىران ساسانىلار سۇلالىسى ۋە كۇشان خانلىقىغا ئائىت تەڭگىلەرنىڭ تېپىلىشى)؛ ئۇچ (ئۇچتۇرپان) نىڭ غەربىگە جايلاشقان «ئويتال» دېگەن جايدىكى قەدىمكى زامانغا ئائىت قەبرە، مەشئەل قورغىنى(چوختا-تۇر)، قەدىمكى ئۆتەڭلەرنىڭ خارابە ئىزلىرى ۋە خەلقىمىز ئىچىگە كەڭ تارقالغان تۆۋەندىكى تارىخى قوشاق بەدەلئارتنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان چوڭ قاتناش يولى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. 

مېنىڭ ئېتىم موللابارات، 

بەدەلئارتىن ئېتىڭنى تارت. 

ئات ئاتاڭچە بولسمۇ، 

قاق قۇزۇقنى باغلا يات. 

شۇنمۇ ئېيتماي بولمايدىكى، يىپەك يولى تۈگۈنىگە جايلاشقان شىنجاڭ ئۈچۈن ئېيىتقاندا، بۇنداق سودىىنڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، شەرق بىلەن غەربتىن كەلگەن سودىگەرلەر، ھەر بىر ئۆتەڭلەردە باج تۆلەشكە مەجبۇر ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۆزلىرى بۇ سودىدىن كۆپلەپ پايدا ئالاتتى. بۇنداق كۆپ پايدىغا ۋە بۇ زېمىننڭ باياشاتلىقىغا كۆزى قىزارغان قوشنا ئەللەر پۇرسەت تاپسا لەشكەر تارتىپ بۇ زىمىننى بېسىۋېلىشقا ئۇرۇنۇپمۇ كۆرەتتى. «خەننامە. جاڭ چىيەنىنڭ تەرجىمھالى » دىن مەلۇم بولىشىچە، غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى خەن ۋۇدى غەربى يۇرتتىن ئتتىپاقچى ئىزدەپ، ھونلارنى ئارىغا ئېلىپ قورشاپ يوقۇتۇش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، مىلادىدىن بۇرۇنقى 138 -، 119 - يىللىرى جاڭ چىيەننى غەربى يۇرتتىكى توخرى (ياۋچى) ۋە ئۇيسۇن خانلىقىغا ئىككى قېتىم ئەلچىلىككە ئەۋەتكەن. جاڭ چىيەن ھەمراھلىرى بىلەن بىر نەچچە مىڭ ئات، كالا، قويلارنى ھەيدەپ، ئالتۇن-كۈمۈش، سوۋغا-سالاملارنى ئېلىپ، چاڭئەندىن يولغا چىقىپ، ھازىرقى گەنسۇئۆلكىسى ئارقىلىق كۇچا، ئۇچ ، بەدەلتاغ ئېغىزىدىن ئۆتۈپ، ئىسسىق كۆلنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى قىزىل قورغان (ھازىرقى ئىستاغ) غا بارغان. قىزىل قورغان بەدەل تاغ ئېغىزىدىن 50 چاقىرىم يىراقلىقتا بولۇپ، ئۇ جايدىن پەرغانىگە ۋە كانگىيەگە بارغىلى بولاتتى. جاڭ چىيەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى قايتاشىدا تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبى ياقىسنى بويلاپ كۆكئارىت، كاشغەر، يەكەن، خوتەن، چاقىلىق ئارقىلىق ئۆز ئېلىگە قايتقان. ئۇلار غەربىي يۇرتتىكى 36 دۆلەتنىڭ ئۆرپ- ئادىتى، تەبئىي مۇھىتى، ئىجتىمائىي ئىگىلىكى، سىياسى، ئىقتسادىي تۈزۈمى، قاتناش يوللىرى، ھەربىي مەدەنىيەت ئەھۋالىرى توغرىسدا ئۇچۇقلىمىغا ئىگە بولغان.غەربىي خەن ھۇكۈمىتىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتتا غەربىي رايوننى ئىگىلىشى ئۈچۈن بىرىنچى قول ماتېرىيال- ئۇچۇقلىما (ئاخپارات ) بىلەن تەمىنلىگەن. « تاڭ دەۋرىدىكى غەربكە ساياھەت » ناملىق 12 توملۇق كىتابنىڭ يازغۇچىسى، مەشھۇر بۇددا ئالىمى شۇەنزاڭ (602-664) مىلادى 627-يىلى ھىندىستاندىن بۇددا نوملىرنى ئەكېلىش ئۈچۈن چاڭئەندىن غەربكە قاراپ يولغا چىققان. بۇ چاغدا شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا غەربىي تۈرك خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇپ، شۈەنزاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى قارا قۇچۇ (ئىدىقۇت)، كىنگىت ( قارا شەھەر )، ئاق قۇچۇ ( كۇچا )، بالۇكا ( قۇم، يەنى ئاقسۇ)، ئۇچ قاتارلىق خانلىقلارنىڭ زېمىنىدىن ئۆتۈپ، بەدەل داۋاندىن ئېشىپ ئىسسىق كۆلنىڭ جەنۇبىي ساھىلىنى بويلاپ مېڭىپ، مىلادىنىڭ 628-يىلى باھار ئايلىرىدا غەربىي تۇۈرۈك خانلىقىنىڭ پايتەختى توخماققا يېتىپ بارغان، ھەمدە تۇرپان قوچۇ خانلىقى (مىلادى460-640) ) نىڭ ئۇلۇغ خاقانى كۇي ۋىنتاي، (623-640) خانىشى ئاسىنا بىكەنىڭ ئۇلۇغ خاقان - تۈن يابغۇغا تۈرك تىلى، تۈرك يېزىقى بىلەن يازغان مەكتۇبنى تاپشۇرغان. ئۇ بۇ يەردە غەربىي تۈرك خاقانى- تۈن ياپغۇ قاغانىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشغا ئېرىشكەن. تۇن يابغۇ قاغان تاڭ سىڭنى نۇرغۇن سوۋغا-سالام، كىيىم-كېچەك، تەرجىمان قۇشۇپ، بىر تۈرك بېگىنىڭ يول باشچىلىقىدا يولغا سالغان. ئۇلار يول يۈرۈپ ئافغانستانغا كەلگەندە، تۈن يابغۇ قاغانىڭ چوڭ ئوغلى ئافغانىستان ۋالسى تاردۇشاد بىلەن قەندۇز شەھرىدە كۆرۈشۈپ قىزغىن كۈتىۋېلىشقا مۇيەسسەر بولغان، ئاندىن پاكىستان ئارقىلىق ھىندىستاندىكى بۇددا سەنئەت مەركىزى-ئالاندا ئىبادەتخانىسىغا بارغان. ئۇ ھىندىستاندا 17 يىل بۇددىزىم ئىلىمى ئۆگەنگەن. تاڭ سىڭ ھىندىستاندىن قايتىشىدا تاڭ سۇلالىسى شەرقى تۈرۈك خانلىقىنى يوقاتقان (مىلادى 630-يىلى )، ئەمدى غەربىي يۇرتنى ئىگەللەپ تۇرۇۋاتقان غەربىي تۈرك خانلىقنى قانداق يوقۇتۇشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى تۈزۈۋاتقان، كۆرۈنۈشتە تۈرك خانلىقى بىلەن تىركىشىۋاتقان ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، تاڭ شۇەنزاڭ مىلادى 645-يىلى كۆكئارتتىن ئېشىپ كاشغەر، خوتەن، لوپنۇر كۆلىنىڭ جەنۇبى ئارقىلىق چاڭئەنگە قايتىپ كەلگەن. 

دېمەك، تاڭ شۇەنزاڭمۇ غەربكە سەپىرىدە كۆك تۈرك خانلىغىدىكى مەشھۇر خەلقئارالىق قاتناش يولى-بەدەلئارت تاغ ئېغىز يولى بىلەن ماڭغان. « يېڭى تاڭنامە.جۇغراپىيە تەزكىرسى» دىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا: « ئەنشى (كۇچا) دىن چىقىپ 1000 چاقىرىم يول يۈرسە بەدەلتاغ ئېغىزىغا بارغىلى بولىدۇ، غەربكە 200 چاقىرىم يول يۈرسە كۆك ئارت (پامىر) غا بارغىلى بولىدۇ .... بەدەل تاغ ئېغىزىدىن شىمالغا مىڭ چاقىرىم ماڭسا سۈيئاپ شەھرىگە بارغىلى بولىدۇ، سۇيئاپنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدە ئىسسىق كۆل بار، سۈيئاپنىڭ غەربىي تەرىپىدە توقماق شەھرى بار » دېيىلگەن. كۆك تۈرك خانلىغى دەۋرىدە (مىلادى 552- 745 - يىلغىچە) ئۇچ (ئۇچتۇرپان) گۈللەنگەن شەھەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. بەدەلئات يولى، يىپەك يولى ۋە سودا -ئالالە ئىشلىرىدا مۇھىم رول ئوينىغان. فىئوداللىق مۇناىسىۋەتلەر تەرەققىي قىلىپ، چوڭ يەر ئىگىلىرى، چارۋا ئىگىلىرى، پاختا يىپ باپكارچىلىقى، توقۇلما بۇيۇملار، كىگىز قۇيۇش، كىگىز ھارۋا ياساش، كىگىزدىن ھەرخىل تۇرمۇش بويۇملىرى ياساش، قوي، كالا، ئات قاتارلىق ھەرخىل مال- چارۋا تېرىلىردىن تۈرلۈك كىيىم- كېچەك، ئاياق تەييارلاش بولۇپمۇ « كۆمۈر قېزىپ، پولات تاۋلاپ ھەرخىل ئەسۋاب، ئۇرۇش قوراللىرى ياساش بىلەن داڭ چىقارغان تۈرۈكلەر »، غەربىي يۇرتنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىكىنىڭ گۈللىنىشى ۋە سودا-سانائىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، شەرق-غەرب قاتنىشىنىڭ راۋان بولۇشىغا ئاكتىپلىق بىلەن تۆھپە قوشقان. ۋىزانتىيە بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرسىدىكى سودىدا كۆپلەپ پايدا ئالغان ۋە يىپەك يۇلى خوجايىنلىق رولىنى جارى قىلدۇرغان. 

مىلادى 715- يىلى تۈركلەردىن تۈركەش قەبىلىسىنىڭ چېۋىش ئۇرۇقىغا مەنسۇپ سۇلۇ قاغان تۈركەش قەبىلىرىنى قايتا ئويۇشتۇرۇپ 200 مىڭدىن ئارتۇق تۈركىي ئاھالىنى ئۇنىڭ بايرىقى ئاستىغا توپلىغان. ھەمدە سوياپ شەھىرىدە ئۆزىنى «قاغان» دەپ ئېلان قىلغان، شۇ يىلى لەشكەر تارتىپ تاشبالىق (ئۇچ) ۋە بارخان (ئاقسۇ) قاتارلىق جايلارنى ئۆز قول ئاستىغا كىرگۈزۈۋالغان. 717-يىلى 7- ئايغا كەلگەندە سۇلۇق قاغان يەنە ئەرەب قوشۇنلىرى ۋە تىبەت قوشۇنلىرى بىلەن ئىتتپاق تۈزۇپ، تاڭ سۇلالىسى كۈچلىرىگە قارشى تۇرۇپ، سۇياپ، كاشغەر، خوتەن، بارخان (ئاقسۇ)، تاشبالىق (ئۇچ) قاتارلىق شەھەرلەرنى720-يىلى كۇچانى ئۆز تەسىر دائىرسىگە ئېلىۋالغان. شۇ يىلى تاڭ سۇلالىسى ئەنشى قورۇقچى بەگ مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى تاڭ جىياخۇي ئەل بولغان بىر قىسىم قارلۇق ۋە تۈرك قوشۇنلىرىنى باشلاپ، كۇچاغا تېگىش قىلىپ سۇلۇ قاغاننى چېكىندۈرگەن ھەمدە ئۇنىڭغا خانىش جىن خېنى ياتلىق قىلغان. بۇنىڭدىن قارىغاندىمۇ تۈركەش سۇلۇ (سۇرۇك ) قاغانىڭ ھەربىي يۈرۈشى ئۇچتىكى بەدەلئارت يولى بىلەن بولغان. 

مىلادى 751-يىلى تاڭ خانلىقىدىن دۇخەن دېگەن كىشى ئەنشى قورۇقچى بېگى-گاۋشەنجى باشچىلىقىدىكى تاڭ قوشۇنلىرىغا ئەگىشىپ، ئەرەب ئېستلاچى قوشۇنلىرىغا قارشى قىرغىستاندىكى تالاس دەرياسى بويىدا بولغان ئۇرۇشتا، گاۋشىيەنچى باشچىلىقىدىكى تاڭ قوشۇنلىرىنىڭ كۆپچىلىكى يېڭىلىپ، دوخەنمۇ ئەسىرگە چۈشكەن، 762-يىل قويۇپ بېرىلگەن. دوخەن دېڭىز ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، «سەپەر خاتىرسى» دېگەن كىتابنى يازغان. ئۇنىڭدا :« بەدەلتاغ ئېغىزىدىن ئۆتۈپ 1000 چاقىرىم يول يۈرسە، چۇ دەرياسىغا بارىدۇ، دەريانىڭ شەرقىدە ئىسسسق كۆل بار، شىمالىي تەرپىدە سۇياپ، تالاس شەھرى بار » دەپ يازغان. بۇنىڭدىن قارىغاندا گاۋشەنجىنڭ ھەربىي يۈرۈشىمۇ بەدەلئارت داۋانى ئارقىلىق بولغان. تاڭ دەۋرىدە ئۆتكەن جادەن ( مىلادىنىڭ 785- يىلدىن 805- يىلغىچە ساياھەت قىلغان ) نىڭ « ئەتراپتىكى ياتلارنىڭ جۇڭگوغا كىرىش مۇساپىسى» دېگەن خاتىرسىدە يول ئارقىلىق مۇنداق خاتىرلەنگەن :« ئەنشى (كۇچا) دىن چىقىپ غەربكە ماڭغاندا ئاق ئات دەرياسى ( كۇچادىن 60 چاقىرىم يىراقلىقتا ) دىن ئۆتكەن غەربكە 180 چاقىرىم

ماڭغاندا جۈپىلوچىغا بارىدۇ. ئاندىن ئاچچىق قودۇقتىن ئۆتۈپ 120 چاقىرىم يول ماڭغاندا جۈپىلوچېڭغا بارىمىز، ئۇ يەردىن يەنە 60 چاقىرىم يول ماڭغاندا ئاشىيەنچېڭغا بارىمىز، ئۇ يەردىن يەنە 600 چاقىرىم يول ماڭغاندا بارخان بالىقغا بارىمىز، بۇ ۋېي رۇڭ قەلئەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ قۇم ئايمىغى بولۇپ جەنۇبىي تەرىپى تارىم دەرياسىغا يېقىن. غەربىي شىمالغا ماڭغاندا بارخان دەرياسىدىن ئۆتىدۇ. ئۇنىڭدىن يەنە 120 چاقىرىم يول يۈرسە كىچىك تاشبالىقغا بارغىلى بولىدۇ. يەنە 20 چاقىرىم يول ماڭغاندا  ئۇچ تەۋەسىدىكى قۇم

 ئېرىق دەرياسىغا بارغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن يەنە 60 چاقىرىم يول يۈرگەندە چوڭ تاشبالىق قا بارغىلى بولىدۇ، بۇ ئۇچ بولۇپ ئونسۇ ئايمىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، غەربىي شىمالغا 30 چاقىرىم ماڭغاندا سۇلۇ چوققىسى (ھازىرقى قارتال مازىرى ) غا بارغىلى بولىدۇ. يەنە 40 چاقىرىم يول يۈرگەندە بەدەلئارتقا بارغىلى بولىدۇ. يەنە 50 چاقىرىم ماڭغاندا دون دوچىكغا بارىدۇ. بەدەلئارت بىلەن ئىسسق كۆلنىڭ ئارلىقى 120چاقىرىم كېلىدۇ، بەدەل بىلەن سۇييئاب (توقماق ) نىڭ ئارلىقى 490چاقىرىم كېلىدۇ » دەپ كۆرسىتىلگەن. يۇقارىقى مەلۇماتلاردا كۆرسۈتۈلگەن كۇچا بىلەن ئاقسۇ، ئاقسۇ بىلەن ئۇچ (ئۇچتۇرپان) ، ئۇچتۇرپان بىلەن بەدەل، بەدەل بىلەن ئىسسقكۆل ۋە سۇياپ ئارلىقى ئوتتۇرسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ھازىرقى ئەمەلىي ئارلىقلاردىكى سانلىق مەلۇماتلارغا سېلىشتۇرغاندا، گەرچە ئازراق پەرق كۆرۈلسىمۇ ھازىرقى ئەمەلىي ئارلىق سانى بىلەن يېقىنلىشدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، بەدەل تاغ ئېغىزى يولى شەرق بىلەن غەرب، يەنى جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋرۇپا ئەللىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان ناھايتى چوڭ قاتناش يولى بولغانلىقى ناھايتى ئېنىق. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#