قىزىل دېڭىز
قىزىل دېڭىز ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، شىمالدىن جەنۇبقا 1932 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلۇپ تۇرىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قىزىل دېڭىز ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، شىمالدىن جەنۇبقا 1932 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلۇپ تۇرىدۇ. شىمالدا سۇۋەيىش قانىلى ئارقىلىق ئوتتۇرا يەر دېڭىزى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبىي تەرىپى 26 كىلومېتىر كەڭلىكتىكى باب-ئەل-مەندەب بوغۇزى ئارقىلىق ئادىن قولتۇقى بىلەن تۇتىشىدۇ. دېڭىزنىڭ ئومۇمىي مەيدانى 450 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئەڭ كەڭ جايى 306 كىلومېتىر، ئەڭ چوڭقۇر جايى 3600 مېتىرغا يېتىدۇ. قىزىل دېڭىز دۇنيا بويىچە ئىككى چوڭ قىتئە ئارىسىدىكى قۇرغاق ئىسسىق سۇبتروپىك بەلباغقا جايلاشقانلىقتىن، سۇ يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃32 بولسا، 200 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃21 قا يېتىدۇ. كىلىماتى قۇرغاق بولغانلىقتىن ھۆل-يېغىن ئاز(100-200 مىللىمېتىر ئەتراپىدا) بولۇپ، دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان چوڭ دەريالار يوق. سۇنىڭ پارغا ئايلىنىشى كۈچلۈك، شۇڭا سۇنىڭ تەركىبىدە تۇز ماددىسى كۆپ بولۇپ، % 40 ۋە %42 كە يېتىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.