ئەڭ چوڭ يولۋاس

شەرقىي شىمال يولۋىسى

يولۋاس ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا خاس ھايۋان بولۇپ جەمئىي سەككىز تۈرى بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە شەرقىي شىمال يولۋىسى ھازىرقى يولۋاسلارنىڭ پادىشاھىدۇر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 شەرقىي شىمال يولۋىسىنىڭ ئېغىرلىقى ئادەتتە 180-200 كىلوگرام كېلىدۇ، ئەڭ ئېغىرى 350 كىلوگرامغا يېتىدۇ؛ گەۋدىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىرچە كېلىدۇ، ئەڭ ئۇزۇنى ئۈچ مېتىرغا يېتىدۇ؛ قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىرچە كېلىدۇ. باشقا يولۋاسلار بۇلاردىن كىچىك. بېنگال يولۋىسىنى ئالساق، چوڭلىرىنىڭ گەۋدىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئاران 1.65-1.95 مېتىر كېلىدۇ.

شەرقىي شىمال يولۋىسىشەرقىي شىمال يولۋىسى ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمال رايونىدا، كىچىك ھىنگان، چاڭبەيشەن تاغلىرىنىڭ 1000 مېتىردىن تۆۋەن ئېدىرلىقتىكى ئېگىز-پەس جايلىرىدا ياشايدۇ، ئۇلار بولۇپمۇ قىزىل قارىغاي ئاساس قىلىنغان، تىكەن يوپۇرماقلىق دەرەخلەر بىلەن كەڭ يوپۇرماقلىق دەرەخلەر ئارىلاش ئۆسكەن ئورمانلاردا تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. 

شەرقىي شىمال يولۋىسى كېچىدە يۈرگۈچى ھايۋان بولۇپ، كۈن پاتقاندىن كېيىن ۋە كۈن چىقىشتىن بۇرۇن ھەرىكىتى جىددىيلىشىدۇ، كۈندۈزى ئۇخلايدۇ، يېرىم كېچىدە دەم ئالىدۇ.

شەرقىي شىمال يولۋىسى ئىنتايىن ئالقىشلىنىدىغان قىممەتلىك كۆرگەزمە ھايۋىنى بولۇپ، گەۋدىسى سالاپەتلىك ۋە ھەيۋەتلىك، يۇڭى ئاچراق ۋە چىرايلىق كېلىدۇ. لېكىن شەرقىي شىمال يولۋاسلىرىنىڭ سانى ھازىر ناھايىتى ئازىيىپ كەتتى، ئەگەر ئۇلار مۇۋاپىق قوغدالمىسا، نەسلى قۇرۇپ كېتىش خەۋپىگە ئۇچرايدۇ، شەرقىي شىمال يولۋىسى ھازىر مەملىكىتىمىز بويىچە قوغدىلىدىغان ھايۋانلار قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    75%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    25%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#