پادىشاھلىق دۆلەت
پادىشاھلىق دۆلەتلەرنىڭ سىياسى تۈزۈلمە شەكلىدە پادىشاھ ئەمەلىيەتتىكى ياكى نامدىكى دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئاپاراتىنى تەشكىل قىلىدۇ. پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىنىدۇ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. سايلام ئارقىلىق پادىشاھنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئاز ئۇچىراپ تۇرىدۇ. ھازىر دۇنيادا سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەنگلىيە ۋە ياپونيە قاتارلىق دۆلەتلەر پادىشاھلىق تۈزۈلمىنى يولغا قويغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
پادىشاھلىق دۆلەتلەرنىڭ سىياسى تۈزۈلمە شەكلىدە پادىشاھ ئەمەلىيەتتىكى ياكى نامدىكى دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئاپاراتىنى تەشكىل قىلىدۇ. پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىنىدۇ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. سايلام ئارقىلىق پادىشاھنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئاز ئۇچىراپ تۇرىدۇ. ھازىر دۇنيادا سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەنگلىيە ۋە ياپونيە قاتارلىق دۆلەتلەر پادىشاھلىق تۈزۈلمىنى يولغا قويغان.
پادىشاھلىق سىياسى تۈزۈلمە يەنە ئۆز ئىچىدىن ئاقسۆڭەكلەرنى ئاساس قىلغان پادىشاھلىق تۈزۈلمە، دەرىجە تۈزىمىدىكى پادىشاھلىق تۈزۈلمە، مۇستەبىت پادىشاھلىق تۈزۈلمە ۋە ئاساسىي قانۇنلۇق پادىشاھلىق تۈزۈلمە دەپ بىر قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ.
ئاقسۆڭەكلەرنى ئاساس قىلغان پادىشاھلىق
سىياسى تۈزۈلمىدە بىر دۆلەت پادىشاھ ۋە بىر قانچىلىغان ئاقسۆڭەكلەردىن تەشكىل تاپىدۇ، نامدا بىر دۆلەت بولسىمۇ، ئەمما دۆلەتنى بۆلۈپ ئىدارە قىلىدۇ، پادىشاھنىڭ ھوقۇقى ئاجىز بولىدۇ. 1048 – يىلدىكى سىياسى ئۆزگىرىشتىن كېيىنكى قاراخانىيلار سۇلالىسىنى مۇشۇ خىل سىياسى تۈزۈلمىدىكى ھاكىمىيەت شەكلى دېيىشكە بولىدۇ.
دەرىجە تۈزىمىدىكى پادىشاھلىق
سىياسى تۈزۈلمىدە موللا – ئالىم، باي – پومىشچىك، تۆرە – ئاقساقاللاردىن ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تەشكىل قىلىنىدۇ، ھەمدە دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىشلىرىغا قارىتا پىكىر – تەكلىپ بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئەمما پادىشاھنى چەكلىيەلمەيدۇ. ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانىدانلىقى، دەسلەپكى مەزگىلدىكى قاراخانىيلار سۇلالىسىنى مۇشۇ خىل سىياسى تۈزۈلمىنى يولغا قويغان دەپ قاراشقا بولىدۇ.
ئاساسىي قانۇنلۇق پادىشاھلىق
تۈزۈلمىدە بولسا پادىشاھنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقى بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھوقۇق ئاساسىي قانۇننىڭ بەلگىلىشى ۋە باشقا ئاپاراتلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، ھازىر دۇنيادىكى پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك مۇشۇ تۈزۈلمىنى قوللىنىدۇ. بۇ تۈزۈلمە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىككى قۇتۇپلۇق پادىشاھلىق تۈزۈم ۋە پارلامېنتلىق پادىشاھلىق تۈزۈم دەپ بۆلىنىدۇ.
ئىككى قۇتۇپلۇق پادىشاھلىق
ئىككى قۇتۇپلۇق پادىشاھلىق تۈزۈمدە پادىشاھنىڭ بىر قەدەر ئەمەلي ھوقۇقى بولىدۇ، پادىشاھ مەمۇرى ھوقۇقنى كونترول قىلىدۇ، مەمۇرى ئاپاراتلار پادىشاھقا مەسئۇل بولىدۇ، قانۇن تۇزۇش ئورگىنى بىلەن ئىككى قۇتۇپلۇق ھوقۇق مەركىزىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئىئوردانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تىپىك مۇشۇ خىل تۈزۈلمىدىكى دۆلەتتۇر.
پارلامېنتلىق پادىشاھلىق
پارلامېنتلىق پادىشاھلىق تۈزۈمدە پادىشاھنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقى بولمايدۇ، مەمۇرى ئورگان(ئىچكى كابېنت) پارلامېنتقا مەسئۇل بولىدۇ، دۆلەتنىڭ سىياسى پائالىيىتىدە پارلامېنت يوقۇرى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەلۋەتتە يوقارقى ئورگانلار زادى بولالمىغاندا ئاندىن پادىشاھتا ئەمەلىي ھوقۇق شەكىللىنىدۇ، ھەمدە ئاخىرقى كېسىم چىقىرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ. ئەنگلىيە،ياپونىيە تىپىك بۇ خىل سىياسى تۈزۈلمىنى يولغا قويغان دۆلەتلەر ھېسابلىنىدۇ.
پادىشالىق دۆلەتلەرنىڭ تارىخى ئىنتايىن ئۇزاق بولۇپ، ھازىرغىچە نەچچە مىڭ يىللىق تارىققا ئىگە. دەۋرىمىزنىڭ تەرەقىياتىغا ئەگىشىپ، 18-ئەسىردىكى بۇرژۇئا دېمۇكىراتىك ئىنقىلاۋېغىچە دۇنياغا كەڭ تارقالغان پادىشالىق تۈزۈمدىكى دۈلەتلەردىن ھازىرغىچە نەچچە ئونلا قالدى. بۇنىڭ ئىچىدە :
ئوكيانىيە ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدە
--- ئاۋىستىرالىيە، يېڭى زىنلاندىيە، كانادا قاتارلىق .
ئەنگىلىيە ئىتىتىپاقىنىڭ نەچچە ئون ئەزەسىمۇ پادىشالىق تۈزۈمنى يولغا قۇيغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.