ئىچىملىك

ئۇيغۇرلار چارۋىچىلىق ھاياتىدىن باشلاپ ھەر خىل سۇيۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشكە ئادەتلەنگەن. يىلقا(ئات) ، سۈتنى تۇلۇمغا سېلىپ، ئېچىتىپ قېمىز ياساپ ئىچكەن. يەنە تېرىقنى يارما قىلىپ قاينىتىپ، ئۇنىڭغا ئۈندۈرمە قىلىنغان بۇغداينى سوقۇپ سېلىپ، بىرقانچە كۈن تۇرغۇزۇپ، تېرىق سۇيۇقلۇقى قايناپ كۆپۈك چىقىرىپ پىشقاندا، ئۇنى سۈزۈپ سۈيىنى ئېلىپ بوخسۇم( «تۈركىي تىللار دىۋانى» ، Ⅰ توم، 631-بەت) (بوزا) قىلىپ ئىچكەن. يەنە بۇغداي يارمىسى ۋە ئۇندىن يۇقىرىقى ئۇسۇلدا ياسىلىدىغان «ئاغاتقۇ» ، «پىشماق» دېگەنگە ئوخشاش ئىچىملىكلىرى بولغان.

ئۇيغۇرچە نامى ئىچىملىك
خەنزۇچە نامى 饮品

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇيغۇرلار شەھەرلەشكەندىن كېيىن، ئۈزۈمدىن مەي(مۇسەللەس) ياساپ ئىچىشكە ئادەتلەنگەن. ئۇيغۇرلار ئۈزۈم تاتلىق پىشقاندا، ئۈزۈمنى پاكىز يۇيۇپ، سىقىپ تىرىپى ۋە دۇغلىرىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ، ھېچقانداق ئېچىتقۇ سالماي قازاندا قاينىتىدۇ(مۇسەللەس قىزارسۇن دېسە، قايناشتا بىر قانچە تال تازىلانغان ئالما سالىدۇ) ، قازانغا ئۈچ چېلەك ئۈزۈم سۈيى قۇيغان بولسا بىر چېلەك قالغۇچە قاينىتىدۇ. بۇ چاغدا ئۈزۈم سۈيى شىرنىگە ئايلىنىدۇ. ئاندىن ئىككى چېلەك سۈزۈك سۇ قۇيۇپ، يەنە قاينىتىپ بىر چېلەك تۈگەپ ئىككى چېلەك قالغاندا، ئوتنى توختىتىپ، قول كۆيمىگۈدەك سوۋۇغاندا قۇرۇق، پاكىز كۈپكە ئېلىپ ئاغزىنى ھاۋا كىرمەيدىغان قىلىپ ئېتىپ، ھاۋاسى تەڭشەلگەن جايدا قويۇپ قويىدۇ. كۈپتىكى ئۈزۈم سۈيى ئىككى كۈندىن كېيىن بۇلدۇقلاپ قايناشقا باشلايدۇ. مۇسەللەس پىشقاندا كۆپۈك يوقىلىدۇ. ئاندىن قۇرۇق چۆمۈچ بىلەن چەينەككە ئېلىپ پىيالىگە قۇيۇپ ئىچىدۇ.

ئۇيغۇرلار مۇسەللەسنى ھەرگىزمۇ باشقا ئىچىملىكلەرگە ئوخشىتىپ ئىچمەيدۇ. مۇسەللەسنىڭ تەبىئىتى ئىككى خىل بولۇپ، ھۆل ئۈزۈمدە ياسالغىنى سوغۇققا مايىل، ئۇ ئىسسىق مىجەزلىك كىشىلەرگە شىپا بولىدۇ. قۇرۇق ئۈزۈمدە ياسالغىنى ياكى ئېچىتقۇ ئورنىدا ھەرخىل ئىسسىقلىق دورا-دەرمانلار ۋە كەپتەر باچكىسىنى سېلىپ تەييارلانغان مۇسەللەس ئىسسىق تەبىئەتلىك بولۇپ، سوغۇقچان ھۆل مىجەزلىك ئادەملەر ئىچسە كۆرۈنەرلىك مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇسەللەس ئادەملەر ئىچسە كۆرۈنەرلىك مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇسەللەس قانچە ئۇزۇن تۇرسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ. ئۇنى ئىسسىق جايلاردا كۆمۈپ ساقلاشقىمۇ بولىدۇ. خوتەندە ياسىلىدىغان «مەيزاپ» مۇ مۇسەللەسنىڭ بىر خىلى.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

2 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    100%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#