شېن كو
قەدىمكى غەربلىكلەر نېفىتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان ۋاقىتلاردا، جۇڭگولۇق پۇقرالار بۇ قارا سۇيۇقلۇقتىن پايدىلىنىپ، تاماق پىشۇرغان، چىراغ ياققان. بۇ تۆھپە ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى ئوقۇمۇشلۇق بىر كىشىسىگە مەنسۇپ، ئۇ تەكرار-تەكرار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بۇ نەرسىنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە ئىشلىتىلىشىنى ئېنىقلاپ، پۇقرالارنى كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىشكە سەپەرۋەر قىلغان. بۇ ئوقۇمۇشلۇق كىشى يەنە بۇ نەرسىگە «تاش يېغى» (نېفىت) دەپ ئىسىم قويغان. بۇ ئوقۇمۇشلۇق كىشى شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شېن كو (1031-1095) دۇر.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شېن كو (1031-1095) شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى يىللىرىدا چيەنتاڭ (بۈگۈنكى خاڭجۇ شەھىرى) دا تۇغۇلغان. ئۇ ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى مەشھۇر ئىسلاھاتچىسى ۋە ئالىمى بولۇپ، ئاسترونومىيە، كالېندارچىلىق، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، جۇغراپىيە، گېئولوگىيە، مېتېئورولوگىيە، بىئولوگىيە، مېدىتسىنا قاتارلىق پەنلەردە زور ئۇتۇقلارنى قازانغان، غەربلىكلەر ئۇنى «جۇڭگو ئىلىم-پەن تارىخىدىكى نامايەندە» دەپ ئاتايدۇ.
ئاسترونومىيە، كالېندارچىلىق جەھەتتە
شېن كو 33 يېشىدا ئاستانە كەيفېڭغا كېلىپ، ئاسترونومىيە، كالېندارچىلىقنى تەتقىق قىلىدۇ. ۋاڭ ئەنشىنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىش مەزگىلىدە ئاسمان ھادىسىلىرىنى كۆزىتىپ، كالېندار تۈزۈشكە مەسئۇل خانلىق رەسەتخانا نازارەتچىلىكىگە تەيىنلەنگەن. ئۇ ئۆزى تۈزگەن «فېڭيۈەن كالېندارى» نى كونا كالېندارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، «12 مەۋسۈم كالېندارى» نى قەمەرىيە كالېندارىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، «12 مەۋسۈم كالېندارى» ھازىر دۇنيادا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىۋاتقان مىلادىيە كالېندارى − گرىگورى كالېندارىدىنمۇ مۇۋاپىق ئىشلەنگەن، ئەپسۇسكى، قوبۇل قىلىنمىغان.
فىزىكا ساھەسى جەھەتتە
شېن كونىڭ فىزىكا جەھەتتىكى تۆھپىسى ئىنتايىن كۆپ. ئۇ تەجرىبە ئارقىلىق كومپاسنى ئىشلىتىش چارىسىنى تېپىپ چىققان، كومپاس ئىسترېلكىسى ئاغماستىن جەنۇب تەرەپنى كۆرسىتىپ تۇرغان. بۇ دۇنيا بويىچە كومپاسنى قانداق ئىشلىتىش توغرىسىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى خاتىرە. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ كومپاس بىلەن يۆنىلىشنى بەلگىلىگەندە ماگنىت ئىسترېلكىسىنىڭ دەل جەنۇبنى كۆرسەتمەي، شەرققە ئېغىپ تۇرىدىغانلىقىنى بايقاپ، تارىختا تۇنجى بولۇپ، يەر ماگنىت مەيدانىدا ماگنىت ئېغىش بۇلۇڭى بارلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن، بۇ ياۋروپالىقلارنىڭكىدىن 400 يىل ئىلگىرى. ئۇنىڭ پېتىنقى ئەينەكتە سۈرەتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە كىچىك تۆشۈكچىدە سۈرەتنىڭ شەكىللىنىشىنى چۈشەندۈرۈشى، ئاۋازنىڭ تەۋرىنىشىنى تەجرىبە قىلىشى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
گېئونومىيە جەھەتتە
شېن كو گېئونومىيە (يەر ئىلمى) گىمۇ نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇ جېجياڭنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى رايونلارغا تەكشۈرۈشكە بېرىپ، يەنداڭشەن تاغ چوققىلىرىنىڭ نەچچە مىليون يىللار داۋامىدىكى ئېقىن سۇنىڭ يالىشىدىن شەكىللەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ تەيخاڭشەن تېغى باغرىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، تاغ ئوتتۇرىسىدىكى تۇخۇمسىمان تاشلاردىن تۈزۈلگەن يىغىندى قاتلامنى كۆرۈپ، بۇ جاينىڭ قەدىمكى زامانلاردىكى دېڭىز بويى ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىدۇ ۋە «قۇرۇقلۇق ئارىلاشما قۇم-لايلارنىڭ يىغىلىشىدىن شەكىللەنگەن» لىك خۇلاسىسىنى چىقىرىدۇ. بۇ ئۆزگىچە قاراشلار ھازىرقى زامان ئىلمىي يەكۈنى بىلەن نۇرغۇن ئوخشاشلىقلارغا ئىگە.
شېن كو ئۆمرىنىڭ كېيىنكى يىللىرى رۇنجۇ (بۈگۈنكى جېنجاڭ) نىڭ مېڭشى باغچىسى دېگەن يېرىدە ئولتۇراقلىشىپ، مەخسۇس يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، كېيىنكىلەرگە 26 بۆلۈملۈك كاتتا ئىلمىي ئەسەر «مېڭشى خاتىرىلىرى» نى قالدۇرىدۇ، بۇ ئېلىمىز قەدىمكى زامان پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ماتېرىيال ئامبىرى بولۇپ قالىدۇ. مىخ مەتبەئە، ماگنىت ئىسترېلكىسىنى قۇراشتۇرۇشنىڭ تۆت ئۇسۇلى، ھىدرومېتاللۇرگىيە قاتارلىق مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەر مۇشۇ كىتابتا خاتىرىلەنگەن، بۇ كىتاب دۇنيا پەن-تېخنىكا تارىخىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.