ياۋا ئات
ياۋا ئات - پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 210 سانتېمتىر، مۈرە ئېگىزلىكى تەخمىنەن 110 سانتىمېتىر، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 90 سانتىمېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 350 كىلوگرام كېلىدۇ. جۇڭگو شىنجاڭ جۇڭغار ئويمانلىقى بەيتىك تېغى ۋە گەنسۇ، ئىچكى موڭغۇل چېگراسىدىكى مازۇڭسەن تېغى ئەتراپىغا تارقالغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ياۋا ئات - پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ( ئىلمىي نامى : Equus ferus、Equus ferus ssp. przewalskii ) . تاغ ئوتلىقى ۋە چۆللۈكتە ياشايدۇ . ھۇشيار بولۇپ، يۈگۈرۈشكە ماھىر. جۇڭگو شىنجاڭ جۇڭغار ئويمانلىقى بەيتىك تېغى ۋە گەنسۇ، ئىچكى موڭغۇل چېگراسىدىكى مازۇڭسەن تېغى ئەتراپىغا تارقالغان.
تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 210 سانتېمتىر، مۈرە ئېگىزلىكى تەخمىنەن 110 سانتىمېتىر، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 90 سانتىمېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 350 كىلوگرام كېلىدۇ. بېشى چوڭ، بوينى توم، قۇلىقى ئېشەك قارىغاندا قىسقا، تۇيىقى كەڭ ياپىلاق. سىرتقى كۆرۈنۈشى ئات، لېكىن پېشانىسى يوق، ئۇزۇن بولۇپ، يايىلى قىسقا ۋە تۈز بولىدۇ. يازلىق يۇڭى سۇس قوڭۇر رەڭلىك، ئىككى تەرىپى ۋە تۆت پۇتىنىڭ ئىچكى يان تەرىپىنىڭ رەڭگى سۇسراق، قورساق قىسمى ساغۇچ سۈت رەڭلىك. قىشتا يۇڭى سەل ئۇزۇن ھەم توم، سۇس رەڭگە كىرىدۇ، ئۇزۇن يۇڭلۇق ئىككى مەڭزىدە قىزغۇچ قوڭۇر رەڭ بار.
ئادەتتە قاۋۇل ئەركەك ئات باشچىلىقىدا 5-20 گىچە بىر توپ بولۇپ، يايلاپ ھايات كەچۈرىدۇ. ئەسلى جۇڭگو شىنجاڭ جۇڭغار ئويمانلىقى بەيتىك تېغى ۋە گەنسۇ، ئىچكى موڭغۇل چېگراسىدىكى مازۇڭسەن تېغى ئەتراپىغا تارقالغان.
بۇ خىل ياۋا ئات تۈرى ھازىر نەسلى قۇرۇپ كەتكەن كىتىشكە يۈزلەنگەن، 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ياۋا ئات ياۋروپادىن كىرگۈزۈلۈپ، جۇڭگو شىنجاڭ ، گەنسۇ رايونلىرىدا يېرىم باقمىچىلىق شەكلىدە قويۇپ بېرىلگەن ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ ياۋا ئاتنى كەڭ تەبىئەت قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىش ئىلمىي تەجرىبىسى ۋە تەتقىقات خىزمىتى داۋاملاشماقتا.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.