سالمانخان
سالمانخان 1965-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى ھىندىستاندا تۇغۇلغان. ھىندىستاننىڭ داڭلىق ئەر ئاكتىيورى، فىلىم ئىشلىگۈچى، پىروگىرامما رىياسەتچىسى، بوللىۋودتىكى ‹ئۈچ خان› نىڭ بىرى. ھىندىستان كىنو ساھەسىنىڭ ۋەكىللىك شەخىسلىرىنىڭ بىرى. 1989-يىلى‹ھەقىقى مۇھەببەت يۈرىكىمدە› ناملىق فىلىمدە رول ئېلىپ نام چىقارغان. ئۇنىڭ نۇرغۇن رول ئالغان فىلىملىرى غايەت زور ئىقتىسادىي قىممەت ياراتقان، ئۇنىڭ ھازىرغىچە رول ئالغان فىلىم جەمئىي 80 دىن ئاشىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سالمانخان ھەققىدە
سالمانخان 1965-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى ھىندىستاندا تۇغۇلغان. ھىندىستاننىڭ داڭلىق ئەر ئاكتىيورى، فىلىم ئىشلىگۈچى، پىروگىرامما رىياسەتچىسى، بوللىۋودتىكى ‹ ئۈچ خان ›نىڭ بىرى. ھىندىستان كىنو ساھەسىنىڭ ۋەكىللىك شەخىسلىرىنىڭ بىرى. سالمانخان ناھايتى تۈز، راستچىل، قورقماس، ئەزەلدىن سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئەسلى خارەكتىرىنى يۇشۇرمايدۇ. باشقىلارغا ياخشىچاق بۇلۇشتەك خارەكتىرى يوق، داۋاملىق ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىپ گەپ قىلىدۇ. ئۇ پەردە ئارقا ئالدىدىكى نۇرغۇن يالارغا زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىپ ئاندىن مىڭ تەسلىكتە بوللىۋودتا نام چىقارغان. ئۇ ئۆز نامىدا نۇرغۇنخەيرى ساخاۋەت ئورنىنى ئاچقان. ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ، ئۆزىنىڭ ئاخبارات ۋاستىللىرى ئېلان قىلغاندەك ئۇنداق ئەسكى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ كەلگەن.
سالمانخان. بوللىۋودتىكى ‹ئۈچ خان› نىڭ بىرى، ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدە نام چىقارغان سۇ ئۈزۈش ماھىرى ئىدى، ھەمدە ھىندىستاننىڭ تەنتەربىيە ۋەكىلى ئىدى، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا تولىمۇ قىزىققان. ھەر كۈنى سائەت ھېسابلاپ بەدەن چېنىقتۇرغان، بوللىۋود چولپانلىرىنىڭ بەدەن چېنىڭتۇرشىدىكى ئۈلگە بولغان. 2007-يىلى ئۇ ‹ھەمرا› ناملىق فىلىمنى ئىشلەش جەريانىدا كۈچلۈك نېرىۋا. ئاغرىش كېسىلىنىڭ ئاۋارىچىلىقىغا ئۇچرىغان، 2011-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن ئامرىكىغا بېرىپ داۋالانغان، كېيىن يەنە باش قىسىمىدا ئارتىرىيە ئۆسمىسى بارلىقى ئېنىقلىنىپ، شۇنىڭدى كېيىن قايتا ئىلگىركىدەك كۆپ مىقتاردا تەنتەربىيە ھەرىكىتى قىلماس بولغان. بىراق ئۇ يەنىلە بەدەن شەكلى ئەڭ كېلىشكەن بوللىۋود ئەر چولپىنى. دادىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا ھەدىدىن زىيادە ئىسراپچىلىققا قارشى، خىزمەت ۋاقتىدىن باشقا چاغلاردا ئۇ داۋاملىق دادىسى سوۋغا قىلغان تۈركىيە تېشىنى قولىدىن ئايرىمايدۇ، ھەتتا بۇ تۈركىيە كۆك تېشىنى نۇرغۇن فىلىملىرىدە ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
سالمانخان ئالدى كەينى بۇلۇپ، شاھېن جەفرى، ئايالچولپان سانجىتا جىلپانى، ئاشۋارىيا راي، كەترىنا كەئىف بىلەن مۇھەببەتلەشكەن . سالمانخان ھازىرغىچە بوللىۋودتىكى بويتاق ئەرلەرنىڭ بىرى.
ئۇ ھازىرغىچە نۇرغۇن تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەنبولسىمۇ، ئۆز قولى بىلەن قۇبۇل قىلغانلىرى تولىمۇ ئاز، 1990-يىلىدىكى ھىندىستان ئوسكار مۇكاپاتى دەپ نام ئالغان ئەڭ مۇنەۋەر يېڭى شەخىس مۇكاپاتى، 1990-يىلىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر ئوبراز مۇكاپاتى، 2007-يىلىدىكى 10-قېتىملىق گەندى مۇكاپات تۈرىنىڭ ئەڭ مۇنەۋەر ئەر ئاكتىيور مۇكاپاتى، 2010-يىلىدىكى ھىندىستان خەلىقئارا كىنو ئىنىستوتىنىڭ مۇكاپاتى، 2013-يىلىدىكى خەلىقئارالىق ئېلان ئىشلەشمۇكاپات تۈرىنىڭ ئەڭ مۇنەۋەر ئوبرا ۋەكىلى مۇكاپاتىدىن باشقا مۇكاپاتلارنى ئۇ ئۆز قولى بىلەن قۇبۇل قىلمىغان ياكى رەت قىلىپ ئالمىغان.
2004-يىلى ئامرىكا زامانداشلار ژورنىلى ئۇنىڭغا دۇنيادىكى 7- دەرىجىلىك كېلىشكەن ئەر دەپ نام بەرگەن. 2010-يىلىدىن باشلاپ ئۈچ يىل ئۇدا ھىندىستاننىڭ ئەڭ كېلىشكەن ئەر ئارتىسى بولغان. 2008-يىلى ئەنگىلىيە دۇشا خانىم شام ھەيكەل كۆرگەزمەخانىسىغا ئۇنىڭ شام ھەيكىلى قۇيۇلغان. 2012-يىلى ئۇنىڭ ھەيكىلى نىيۇرۇك كۆرگەزمەخانىسىغا يۆتكەپ كېتىلگەن.
1998-يىلى سالمانخان ،سەئىف ئەلىخان قاتارلىق بىرنەچچە ئارتىسلار بىلەن بىرلىكىتە دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاش جىنايىتى ۋە 2002-يىلىدىكى قاتناش ۋەقەسى سەۋەبى بىلەن سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز قىلىنغان، بۇ ئىش ئاخباراتۋاستىللىرى تەرىپىدىن ئاشكارلىنىپ كېتىپ ئۇنىڭ ئوبرازىغا نۇرغۇن تەسىر يەتكۈزگەن.
سالمان خان 15 مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، بۇنىڭ ئارىسىدا فىلىملەر مۇكاپاتى بىر.
2004-يىلى «شەخىس» ژۇرنىلى سالمان خاننى دۇنيادىكى يەتتىنچى كېلىشكەن ئەر دەپ باھالىغان.
2008-يىلى كوندون تۇسادس مۇزىيىدا ھەيكىلى قاتۇرۇلغان.
2010-يىلى ھىندىستان «شەخىس» ژۇرنىلى ئەڭ جەلىپكار ئەر دەپ باھالىغان.
2012-يىلى بېلەت تاشلاشتا ھىندىستاندىكى ئۈچىنچى ئۇلۇغ ئارتىس بولۇپ باھالانغان.
2013-يىلى ھىندىستاندىكى توردا ئەڭ كۆپ ئىزدەلگەن چولپان بولۇپ قالغان.
سالمان خاننىڭ «Being Human» خەير- ساخاۋەت فوندىنىڭ ئەمگەكلىرى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك. بۇ فوند تۆۋەن قاتلامدىكى كىشىلەرنىڭ مائارىپ ۋە ساغلاملىقنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلغان. سالمان ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان نامراتلارغا، ئاپەتتە قالغانلارغا كۆپ قېتىم زور سوممىدىكى پۇل ئىئانە قىلغان. ئامىر خان جەمئىيەت ئۆزگەرتىش پاراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدە ئاكتىپ. ئۇ بىر قانچە قېتىم ھەرخىل نامايىشلارغا قاتناشقان. ئۇ ب د ت بالىلار پاراۋانلىق مەھكىمىسنىڭ بالىلار ئوزۇقلىنىش مەسىلىسىدىكى ئوبراز ئەلچىسى، ئۇنىڭ سۆھبەت پروگرامىسى «Satyamev Jayate »(2012-يىلى 5-ئايدىن، 2014-يىلى 11-ئايغىچە، ئۈچ پەسىل) يۈكسەك يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن، جەمئىيەتتە ناھايىتى ئاكتىپ تەسىر پەيدا قىلغان.
سالمانخان كىنو ھاھەسىگە كىرىشنى مودىللىقتىن باشلىغان، 1988-يىلى ئۇ تۇنجى رول ئالغان فىلىم ‹ئاپا بەك چەكتىن ئاشۇرۋەتتىڭ› ‹ مۇھەببەت يۈرىكىمدە › بىلەن بىراقلا نام چىقىرىپ كەتكەن. ئۇ رول ئالغان بۇ فىلىملەر بىرلا قېتىمدا كۆپ خىل فىلىملەر تۈرى بويىچە سېتىلىش قىممىتى ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇپ رىكوت ياراتقان. 25يىللىق كىنو ئىشلەش ھاياتىدا، ئۇ 90 غا يېقىن كىنودا رول ئالغان بۇلۇپ، ھەرخىل تىپتىكى روللارنى سىناپ باققان، ئەممە يەنىلا كۆپىنچىسى رومانتىك مۇھەببەت ۋە ئاقكۆڭۈل ئوبرازلار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
سەنەم تورى
ئەزىمەت ۋېر
يولۋاس ھەركىتى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.