مەجۇنى جاۋارىش ئۇدتۇرۇش
مەجۇنى جاۋارىش ئۇدتۇرۇش ئاشقازاندىكى غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتلارنى تازىلاش، تاماقنى ھەزىم قىلدۇرۇش،يەل ھەيدەش،ئاغرىق توختىتىش تەسىرىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ دورا جىگەر رەڭلىك مەجۇنات بولۇپ، تەمى ئازراق ئاچچىق.
يۇقۇرىدىكى 20 خىل دورىنىڭ ئىچىدە زىرىق مېۋىسى،لىمون كىسلاتاسى،تەمرى ھىندىلەردىن باشقا،ئۇد ھىندى قاتارلىق 17 خىل دورىنى يۇمشاق سوقۇپ،ئاندىن زىرىق مىۋىسى،تەمرى ھىندى قاتارلىقلارنى 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 1 سائەتتىن سۇدا قاينىتىپ سۈيىنى بىرلەشتۈرۈپ،سۈزۈپ،سۈزۈلگەن ئېرىتمىنى قۇيۇق مەلھەم ھالىتىگە كەلگۈچە قۇيۇلدۇرۇپ،ئۇنىڭغا لىمون كىسلاتاسى قوشۇپ،ئاندىن مۇۋاپىق ھەسەل ۋە يۇقۇرىدا تەييارلانغان دورا تالقىنى بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ 1000 گرام مەجۇنات تەييارلىنىدۇ.
تەركىبى
ئۇد ھىندى 4 گرام، لاچىندانە 26.6 گرام، زىرىق مىۋىسى 13.3 گرام، پىننە 13.3 گرام، پوستى تۇرۇنجى 13.3 گرام، سۇمبۇل تىپ 13.3 گرام، مەستىكى رۇمى 13.3گرام، قەلەمپۇر 13.3 گرام، سۇئىدى 13.3گرام، دارچىن 13.3 گرام، قاقىلە 13.3گرام، زەرنەپ 13.3 گرام ،ئاق سەندەل 13.3 گرام، تاباشىر 13.3 گرام، ئاسارۇن 13.3 گرام، پىلپىل6.6 گرام، لىمۇن كىسلاتاسى 26.6 گرام، تەمرى ھىندى 160 گرام، زەنجىۋىل 6.6 گرام، رەيھان 13.3 گرام.
ئاشقازاندىكى غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتلارنى تازىلاش، تاماقنى ھەزىم قىلدۇرۇش،يەل ھەيدەش،ئاغرىق توختىتىش تەسىرىگە ئىگە.
ھۆل سوغۇقنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن بولغان ئاشقازان ئاغرىش،ئىچ سۈرۈش،قورساق كۆپۈش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ دورا مەجۇن ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دورا ئۆلچىمى ئۇيغۇر تىبابەت دورا قىسمى،قوشۇمچە I) گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.
بۇ دورىدىن 30g ئېلىپ، 10g دىئاتومىد قوشۇپ ئېزىپ ئارىلاشتۇرۇپ،20ml ئېتېل ئېفىر قوشۇپ، ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا 20 مىنۇت بىر تەرەپ قىلىپ سۈزۈپ،سۈزۈلگەن ئېرىتمىنى پارلاندۇرۇپ، قالدۇقىغا مېنتانولدىن 2ml قوشۇپ ئېرىتىپ سىناق ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ. قەلەمپۇر سېلىشتۇرما دورىسىدىن 0.5g ئېلىپ ئوخشاش ئۇسۇلدا سېلىشتۇرما ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ. نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى جوڭگو دورا قامۇسى بىرىنچى بۆلۈم 2010-يىل (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى بويۇچە يۇقۇرقى ئىككى خىل سىناق ئېرىتمىسىدىنµl10 شۈمۈرۈپ ئېلىپ ، نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگېل G لىق تاختا ئۈستىگە ئايرىم-ئايرىم نوختا تېمىتىپ، تولۇئول-ئېتىل ئاتسىتات-فورمات كىسلاتا(8:1:1)نى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ، شامالدىتىپ قۇرۇتۇپ، تاختا ئۈستىگە %10 لىك ۋانىللىن سۇلفات ئېرىتمىسى پۈركۈپ، داغ توچكىلىرىنىڭ رەڭگى ئېنىق كۈرۈنگىچە 105℃ لۇق ھارارەتتە قاقلىنىدۇ. سىناق ئېرىتمىسىنىڭ رەڭ سىپىكتىرداھەم سېلىشتۇرۇلغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىردىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ.[1]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.