سەيىف ئەلى خان

سەيىف ئەلى خان

بوللىۋود ئارتىسى سەيىف ئەلى خاننىڭ ئەسلى ئىسمى ساجىد ئەلى خان پاتاۋدى، ئۇ 1970-يىلى يېڭى دېھلىدا تۇغۇلغان، سەيىف ئەلى خان ناھايىتى ئېسىل جەمەتتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەجدادى 16-ئەسىردە ئافغانىستاندىن ھىندىستانغا كەلگەن.

ئىسمى سەيىف ئەلى خان
تۇغۇلغان ۋاقتى 1970-يىلى
ئەسلى ئىسمى ساجىد ئەلى خان پاتاۋدى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سەيىف ئەلى خانبوللىۋود ئارتىسى سەيىف ئەلى خاننىڭ ئەسلى ئىسمى ساجىد ئەلى خان پاتاۋدى، ئۇ 1970-يىلى يېڭى دېھلىدا تۇغۇلغان، سەيىف ئەلى خان ناھايىتى ئېسىل جەمەتتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەجدادى 16-ئەسىردە ئافغانىستاندىن ھىندىستانغا كەلگەن، 1805-يىلى بىرتانىيە شەرقىي ھىندسىتان شىركىتى پاتاۋدى مەمۇرى شىىتاتىنى قۇرغاندا سەيىف ئەلى خاننىڭ 10-بوۋىسى فايىز تالاب خان بۇ شىتاتنىڭ تۇنجى ئەۋلاد باشلىقى يەنى ناۋابى بولغان.

 سەيىف ئەلى خاننىڭ بوۋىسى ئىفتىخار، دادىسى مەنسور ھىندىستان دۆلەتلىك پالاق كوماندىسىنىڭ باشلىقى بولغان. مەنسور پاتاۋدى يەنە 1971-يىلىغىچە پاتاۋدىنىڭ ناۋابى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 1971-يىلى بۇ مەنسەپ ھىندىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىكار قىلىنغاندىن كېيىن سىمىۋوللۇق نام ئاتاق قالغان، 2011-يىلى مەنسور پاتاۋدى قازا قىلغاندىن كېيىن سەيىف ئەلى خان بۇ نامغا ۋارىسلىق قىلغان.

سەيىف ئەلى خاننىڭ ئاپىسى 60-يىللاردىكى داڭلىق ئارتىس شارمىلا تاگور، شارمىلا تاگور نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۇلۇغ ئەدىب رابىندرانات تاگور بىلەن بىر جەمەتتىن.

سەيىف ئەلى خانسەيىف ئەلى خان 1993-يىلى كىنو «ئەنئەنە» بىلەن ئارتىسلىق ھاياتىنى باشلىغان. 

1993-يىلى ئۇ «ئاشىق ئاۋارا» دا جىممىينىڭ رولىنى ئالغان، بۇ فىلىم زور ئۇتۇق قازانغان، سەيىف ئەلى خان بۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم فىلىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 1994-يىلى ئۇ ئاكشاي كۇمار، كاجول بىلەن ئىشلىگەن «مۇھەببەت ئويۇنى»مۇ زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. شۇ يىلى ئۇ يەنە «ئۈزۈلمەس رىشتە» دە رول ئالغان. گەرچە شۇنىڭدىن تارتىپ 2000-يىلىغا قەدەر سەيىف ئەلى خان يىلدا كىنو ئىشلەپ تۇرغان بولسىمۇ لېكىن كىنولىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مەغلۇب بولغان.

2001-يىلى «Dil Chahta Hai» سەيىف ئەلى خاننىڭ مۇۋەپپەقىيەت سەھنىسىگە قايتىپ كەلگەن،2003-يىلى شاھرۇھ خان، پرىتىي زىنتا بىلەن ئىشلىگەن فىلىم «ئەتە بولسۇن بولمىسۇن» ئارقىلىق سەيىف ئەلى خان كەسپىي ھاياتىدا يېڭى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھاسىل قىلغان. بۇ ۋاقىتقىچە سەيىف ئەلى خان ئاساسەن كىنولاردا يانداش رول ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، 2004-يىلىدىن باشلاپ ئۇ كىنودا باش رول ئېلىشقا باشلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ رانى مۇكەرجى بىلەن ئىشلىگەن «سەن ۋە مەن»، پرىتىي زىنتا بىلەن ئىشلىگەن «سالام» قاتارلىق فىلىملەر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان.

سەيىف ئەلى خان ۋە ئايالى

سەيىف ئەلى خان 1991-يىلى ئۆزىدىن 13 ياش چوڭ ئارتىس ئامرىتا سىڭ بىلەن توي قىلغان. ئۇلارنىڭ ئىككى بالىسى بار (قىزى سارا 1993-يىلى، ئوغلى ئىبراھىم 2001-يىلى تۇغۇلغان). ئىككىسى ئاجراشقاندىن كېيىن بالىلار ئانىسىغا بۇيرۇلغان.

ئاجراشقاندىن كېيىن سەيىف ئەلى خان شۋېتسارىيەلىك بىر  مودىل بىلەن ئۈچ يىل مۇھەببەتلەشكەن، 2007-يىلىدىن باشلاپ كارېننا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئاشكارىلانغان. بۇ بىر جۈپ 2012-يىلى 10-ئايدا نىكاھ ئوقۇتۇپ مۇسۇلمانچە ئۇسلۇبتا توي قىلغان.

ئۇ ئىشلىگەن مۇھىم فىلىملەردىن «سايرۇس بولۇش»، «خان جەمەتى قوغدىغۇچىسى» «مۇسابىقە»، «ئاج كالغا ئاشىق بولۇش»، «قۇربان» (ئايالى بىلەن رول ئالغان)، «كوكتېل ھارىقى»، «مۇسابىقە2»، «ئەرۋاھ» قاتارلىقلار.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#