شۈ شياكې

جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسى نىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا بىر ئوقۇمۇشلۇق ياش بولۇپ، خانىدانلىقتىن نارازى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىمتىھانغا قاتنىشىپ مەنسەپ تۇتۇشنى خالىماي، ۋەتەننىڭ بىپايان زېمىنىنى كېزىپ، تەبىئەت سىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دۇنياغا مەشھۇر ساياھەت خاتىرىسىنى يازىدۇ، بۇ خاتىرە ئۇنى جۇڭگونىڭ قەدىمكى مەشھۇر جۇغراپىيىشۇناسىغا ئايلاندۇرىدۇ. بۇ ئادەم شۈ شياكې (1587-1641) دۇر.

ئۇيغۇرچە ئىسمى شۈ شياكې
خەنزۇچە ئىسمى 徐弘祖
باشقا نامى 徐振之,徐霞客
مىللىتى خەنزۇ
كەسپى جۇغراپىيە ئالىمى، سەيياھ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1587-يىل 1-ئاينىڭ 5-كۈنى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1641-يىل 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
دۆلەت تەۋەلىكى مىڭ سۇلالىسى
يۇرتى جياڭسۇنىڭ جياڭيىڭ ناھىيەسى
ئەسلى ئىسمى خۇڭزۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شۈ شياكې (1586-1641) جياڭسۇنىڭ جياڭيىڭ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئەسلىي ئىسمى خۇڭزۇ، تەخەللۇسى شياكې. ئۇ كىچىكىدىنلا تارىخ، جۇغراپىيە كىتابلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيدۇ. 22 يېشىدىن ئېتىبارەن ساياھەت قىلغاچ تەكشۈرىدۇ، بۇنى كېسەل بىلەن ۋاپات بولۇشىغا يېرىم يىل قالغۇچە يەنى 56 يېشىغىچە داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ مۇشۇ 34 يىلدا، جۇڭگونىڭ يېرىمىدىن كۆپ قىسمىنى ساياھەت قىلىدۇ، 16 ئۆلكە، رايوندا ئۇنىڭ ئىزى قالىدۇ، خېلىلا مۇشەققەتلىك ۋە خەتەرلىك نەق مەيدان تەكشۈرۈشلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.

ئۇ تەكشۈرۈش داۋامىدا غەلىتە چوققا، غەلىتە غارلار ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. شۈ شياكې بىر قېتىم خاۋسەن تېغىنى سەيلە قىلىپ بولۇپ، چوڭ يولدىن باشقا، تاغدىن چۈشىدىغان يەنە بىر خەتەرلىك چىغىر يولنىڭ بارلىقىنى ئاڭلايدۇ، ئۇ مۇشۇ خەتەرلىك يولنى تاللاپ خەتەرلىك قىيالار ئارقىلىق تاغدىن چۈشىدۇ. خۇنەن ۋە گۇاڭشىلاردا غارنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن يالىڭاچلىنىپ، غار ئىچىدە يىلاندەك ئۆمىلەيدۇ. خۇنەندىكى شياۋشۈي دەرياسىنىڭ باشلىنىش مەنبەسىدىكى سەنفېنشىنى تەكشۈرگەندە، دەرەخ شاخلىرىدا مايمۇنغا ئوخشاش 4 كىلومېتىرغا يېقىن مېڭىپ، قالايمىقان تاشلىق رايونىدىن ئۆتىدۇ. ئۇ گۇاڭشىدىكى رۇڭشەن ناھىيەسىدە ليۇجياڭ دەرياسىنىڭ بىر تارماق ئېقىمىنى تەكشۈرۈۋاتقاندا، قىيان ئېقىتىپ كېتىپ جېنىدىن ئايرىلغىلى تاسلا قالىدۇ.

 1636-يىلى 51 ياشلىق شۈ شياكې چاڭجياڭ دەرياسى بىلەن شىجياڭ دەرياسىنىڭ مەنبەسىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ھاياتىدىكى ئەڭ ئۇزۇن، قىيىنىچىلىق ئەڭ كۆپ، نەتىجە ئەڭ زور بىر قېتىملىق ساياھەت-تەكشۈرۈشىنى باشلايدۇ. ئۇ سەپەرگە چىقىشتىن ئىلگىرى ئائىلىسىدىكىلەرگە: «مېنى ئۆلگەنگە چىقىرىۋېتىڭلار! . . . » دەيدۇ. ئۇ جياڭسۇدىن پىيادە يولغا چىقىپ، جېجياڭ، جياڭشى، خۇنەنلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ، گۇاڭشى، گۈيجۇلاردىن ئۆتۈپ، يۈننەن بىلەن بىرمىنىڭ چېگرىلىنىدىغان قىسمىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايغا بارىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭغان ئۈچ ھەمراھىنىڭ بىرى 20 نەچچە كۈن مېڭىپلا قېچىپ كېتىدۇ، بىرى گۇاڭشىدا كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلىدۇ، يەنە بىرى يۈننەندىكى دالى دېگەن يەرگە كەلگەندە جىمجىت كېتىپ قالىدۇ. شۈ شياكې كېسەل تېنىنى سۆرەپ، تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، 1640-يىلى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ جياڭسۇغا قايتىپ كېلىدۇ. 1641-يىلى، شۈ شياكې سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندىمۇ كارىۋىتىدا يېتىپ، يىغىپ كەلگەن تاغ جىنس ئەۋرىشكىلىرىنى داۋاملىق تەتقىق قىلىدۇ. 

شۈ شياكې تەكشۈرۈش داۋامىدا قانچىلىك چارچاپ كەتسۇن، ھەر كۈنى كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى، تەتقىقات تەسىراتلىرىنى ئەينەن، جانلىق خاتىرىلەپ، نۇرغۇن خاتىرە ۋە تەكشۈرۈش دوكلاتىنى يازىدۇ، كېيىنكىلەر ئۇنى «شۈ شياكې ساياھەت خاتىرىسى» قىلىپ رەتلەپ چىقىدۇ، بىزگىچە يېتىپ كەلگەنلىرى 620 مىڭ خەتتىن ئارتۇق بولۇپ، بۇلار ئەسلىي ئورىگىنالنىڭ  6 دىن1 قىسمىغىمۇ يەتمەيدۇ، ئەپسۇسكى، قالغان قىسمى يوقىلىپ كەتكەن. بۇ − كۈندىلىك خاتىرە ژانىرىنى ئاساس قىلغان دۇنياۋى خاراكتېرلىك كاتتا جۇغراپىيە ئەسىرى.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/5614.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#