كۈن گەردىشى

كۈن گەردىشى

كۈن گەردىشى يۇمىلاق ھەسەن-ھۈسەن دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ بىر خىل ئاتموسفېرا ئوپتىكىسى ھادىسىسى.

ئۇيغۇرچە نامى كۈن گەردىشى
پىنيىنچە يېزىلىشى Rì Yùn
تۈرى ئاتموسفېرا ئوپتىكىسى ھادىسىسى
رەڭگى رەڭدار
خەنزۇچە نامى 日晕
ئىنگلىزچە نامى ice halo
باشقا نامى يۇمىلاق ھەسەن-ھۈسەن، كۈن قوتىنى، قۇياش قوتىنى
شەكلى ھالقىسىمان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۈن گەردىشىكۈن گەردىشى ھەسەن-ھۈسەن دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ بىر خىل ئاتموسفېرا ئوپتىكىسى ھادىسىسى بولۇپ، كۈن نۇرى بۇجغۇر قات بۇلۇتتىن ئۆتكەندە، مۇز كرىستالىنىڭ نۇر سۇندۇرىشى ياكى نۇر قايتۇرۇشتىن شەكىللىنىدۇ. بۇجغۇر قات بۇلۇت ئىچىدە مۇز كرىستالى نۇر ئاتقاندىن كېيىن، ئىككى قېتىم نۇر سۇندۇرۇپ قايتۇرسا، ھەر خىل ئوخشاش بولمىغان يۆنىلىشكە نۇر تارقىتىدۇ.

بۇجغۇر قات بۇلۇت بار چاغدا، سانسىزلىغان مۇز ئاسماندا لەيلەپ قالىد ، قۇياشنىڭ ئەتراپى مۇز بىلەن ئورالغان بولىدۇ، ھەممىسى ئوخشاش بىر خىل رەڭلىك نۇرنىڭ سۇندۇرۇپ ئادەمنىڭ كۆزىدىن ئىچىدە ئىنفرا قىزىل نۇر بىنەپشە رەڭلىك تاجلىق شەكىللەندۈرىدۇ، ئاسماندا مۇز كرىستالىدىن تەشكىللەنگەن بۇجغۇر قات بۇلۇت بار چاغدا، كۆپ ھاللاردا قۇياش ئەتراپىدا بىر ياكى ئىككىدىن ئارتۇق قۇياشنى مەركەز قىلىپ، ئىچكى ئىنفىرا قىزىل نۇر بىنەپشە رەڭلىك نۇر ھالقىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بەزىدە نۇرغۇن رەڭلىك ياكى ئاق رەڭلىك نۇر نۇقتىسى ۋە نۇرلۇق ياي پەيدا بولىدۇ، بۇ نۇر ھالقىلىرى، يورۇق نۇقتىلار ۋە يورۇقلۇق يايى مۇز گەردىشى دەپ ئاتىلىدۇ. 

كۈن گەردىشىكۈن گەردىشى رادىئۇسىنىڭ كۆرۈش بۇلۇڭى ئادەتتە 22 گىرادۇس ۋە 46 گىرادۇس ئارلىقىدا بولىدۇ. كىشىلەر ئادەتتە كۆز بىلەن «قۇياش گەردىشى» ھادىسىسىنى كۆرەلەيدۇ، بۇلۇت ئىچىدىكى مۇز كرىستال مىقدارى قانچە چوڭ بولسا، نۇر ھالقىسى شۇنچە روشەن بولىدۇ، ھەم ئاسانلا كۆزەتكىلى بولىدۇ، ئەكسىچە، «قۇياش گەردىشى» شەكىللەندۈرمىسە، يەر يۈزىدە ئېنىق بولسىمۇ، ھاسىل بولغان تەقدىردىمۇ بۇ ھادىسىنى كۆزەتكىلى بولمايدۇ.

كۈن گەردىشىكۈن گەردىشى باھار ۋە ياز پەسىللىرىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ، خەلق ئارىسىدا «كۈن گەردىشىدە ئۈچ كۈن يامغۇر، ئاي گەردىشىدە چۈشكىچە شامال چىقار» دېگەن ماقال بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى ئەگەر قۇياش قوتىنى بولسا، يېرىم كېچىدە يامغۇر ياغىدۇ، ئەگەر ئاي گەردىشى بولسا ئەتىسى چۈشتە شامال چىقىدۇ دىگەنلىك. كۈن گەردىشى مەلۇم دەرىجىدىكى ھاۋا رايى ئۆزگىرىشىنىڭ بىر خىل ئالامىتى بولۇپ، كۈننىڭ بۇلۇتلۇق بولۇشى ياكى يامغۇر پەيدا بولشى مۇمكىن، بۇ خىل ھادىسىنى كىلىماتىنىڭ ھۆلچىلىك قۇرغاقچىلىق ئالامىتى دېيىشكە بولىدۇ، يەر تەۋرەشنىڭ ئىلمى ئاساسى يوق.

كۈن گەردىشىكۈن گەردىشى پەيدا بولغاندا، ئۇزاق ۋاقىت كۆز بىلەن قاراشقا بولمايدۇ، كۆزنىڭ خەتەرگە ئۇچىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يامغۇر يېغىش ئالدىدا، ھەمىشە ئېگىز بوشلۇقتا قۇشلارنىڭ پەيلىرىگە ئوخشايدىغان بۇجغۇر بۇلۇتلار شەكىللىنىدۇ، ئارقىدىنلا بۇجغۇر بۇلۇت ئاستىدىكى ئالتە كىلومېتىر ئەتراپىدىكى ھاۋا بوشلۇقىدا تەركىبىدە يامغۇر بولغان بۇجغۇر قات بۇلۇت پەيدا بولىدۇ. تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولغانلىقتىن، بۇلۇتتىكى سۇ تامچىلىرى مۇز كرىستالى كىچىك ئالتە قىرلىق پرىزما شەكلىگە ئايلىنىدۇ. قۇياش نۇرى بۇلۇت قاتلىمىدىن كېسىپ ئۆتكەندە كىچىك مۇز دانچىسىغا ئايلىنىدۇ، قارىماققا قۇياش ئەتراپىدا بىر چەمبەر بەيدا بولغاندەك كۆرۈنىدۇ، ئىچىدىن تېشىغا سپېكترلىق رەڭ ھاسىل قىلىدۇ مانا بۇ دەل كۈن قوتىنى.

گەردىش ئاي ياكى قۇياش ئەتراپىدا ھاسىل بولىدىغان چەمبەر شەكىللىك گاز.

گەردىش 9، 18، 20، 2، 23، 24، 35، 46 گىرادۇسلۇق گەردىش دەپ ئايرىلىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 22 گىرادۇسلىقى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا 46 گىرادۇسلىقى، باشقا تۈردىكىلىرى ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ.

كۈن گەردىشىكۈن گەردىشى بولسا بىر خىل ئاتموسفىرا ھادىسىسى. ئۇنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى بولسا 5000 مىتىر ئىگىزلىكتە مۇز كىرىستالىدىن شەكىللەنگەن بۇجغۇر قات بۇلۇت پەيدا بولۇش، بۇجغۇر بۇلۇت ئىچىدە مۇز كرىستالى ئارقىلىق كۈن نۇرى چۈشكەندىن كېيىن نۇر سۇندۇرۇش ۋە نۇر قايتۇرۇش قاتارلىق فىزىكىلىق ئۆزگىرىشلەر، قۇياش نۇرى بىلەن پارچىلىنىپ قىزىل، سېرىق، يېشىل، بېغىر رەڭ قاتارلىق كۆپ خىل رەڭدە بولۇپ، قۇياش ئەتراپىدا بىر غايەت زور رەڭلىك نۇر ھالقىسى پەيدا بولىدۇ بۇ دەل گەردىش.

قىش پەسلىدە ئاسماندا، بىر قىسىم سۇ پارى تېمپېراتۇرىسى بىرقەدەر تۆۋەن بولىدىغانلىقىتىن، بۇجغۇر قات بۇلۇت شەكىللىنىدۇ. بۇ خىل بۇلۇت تەركىبىدىكى كۆپ مىقداردىكى سۇ پارى سوغۇقتا قېتىپ، ئالتە قىرلىق ئۇششاق مۇز كىرىستالى ھاسىل بولىدۇ. پارېلىئون ئىككى تەرىپىدىكى سىممېتىرىك نۇقتىسىدا پەيدا بولغاچقا، مۇز كرىستال سانسىزلىغان پارچە كىچىك ئەينەككە ئايلىنىپ، بۇ كىچىك ئەينەكلەر بەس-بەستە كۈن نۇرىنى قايتۇرۇپ ئالاھىدە يورۇق كۆرۈنىدۇ، 2 دىن ئارتۇق كۈن چىققاندەك مەۋھۇم تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ، مانا بۇ غەلىتە «پارېلىئون». ئەگەر ھاۋا رايى شارائىتى مۇۋاپىق بولسا، ئون نەچچە پارېلىئون كۆرۈلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#