تاشكەنت شەھىرى
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ شەھەر، ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى، تاشكەنت ئوبلاستىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، تاشكەنت ئوبلاستىنىڭ مەمۇرىي مەركىزى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ شەھەر، ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى ، سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، تاشكەنت ئوبلاستىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، تاشكەنت ئوبلاستىنىڭ مەمۇرىي مەركىزى. بۇ شەھەر ئۆزبېكىستانىڭ شەرقىي شىمالىدىكى سىر دەرياسىنىڭ تارمىقى چىرچىق دەريا ۋادىسىغا جايلاشقان. ئاھالىسى 2 مليون 30 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985) .
تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىلا بازار بولۇپ قۇرۇلغان. مىلادى 6-ئەسىردە سودا ھەم قول سانائىتى خېلى تەرەققىي قىلىپ، شەرق-غەرب ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەم قاتناش تۈگۈنى بولغان، كۆپ قېتىم يەر تەۋرەشنىڭ ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچرىغان. 1966-يىلدىكى چوڭ يەر تەۋرەشتە ۋەيران بولغاندىن كېيىن قايتىدىن قۇرۇلغان، ھازىر سوېت ئۆزبېكىستاننىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، شەھەرنىڭ ماشىنىسازلىق، توقۇمىچىلىق، يېمەك-ئىچمەك سانائەتلىرى تەرەققىي قىلغان. شەھەرنىڭ يېنىدا چوڭ تىپتىكى ئوت ئېلېكتر ئىستانىسى بار. شەھەرنىڭ تۆمۈريول، تاشيول قاتنىشى تەرەققىي قىلغان، خەلقئارا ئايرودورمى، يەر ئاستى تۆمۈريولى بار. تاشكەنت ئۆزبېكسىتاننىڭ ئەڭ ئاتاغلىق مەدەنىيەت مەركىزى.
شەھەردە ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادىمىيىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، 12-، 16-ئەسىرلەردە سېلىنغان ئاتاقلىق قەدىمىي قۇرۇلۇشلار، مۇزېيخانىلار، مەدەنىيەت ئورۇنلىرى، ئاتاقلىق قەدىمىي قۇرۇلۇشلار، مۇزېيخانىلار، مەدەنىيەت ئورۇنلىرى، ئاتاقلىق باغچىلار، ساياھەت ئورۇنلىرى، تىياتىرخانىلار بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.