جورجى سورىس
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جورجى سورىس 1930 -يىلى ۋىنگىرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپىشتتا يەھۇدى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.
دۇنيادا سىياسىغا بەكمۇ قىزىقىدىغان يەنە كېلىپ سىياسىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان، سىياسى ئۈچۈن بايلىقىنى دوغا تىكىدىغان بىر يەھۇدى باي بار. ئۇ دەل 2004-يىلى دۇنيادىكى بايلار قاتارىدا 25 مىلىيارد دوللار بىلەن 9-قاتاردا تۇرغان، 2007-يىلى 8 مىليارد 500 مىلىيۇن دوللار شەخسى مۈلكى بىلەن 80-ئورۇندا تۇرغان يەھۇدى باي جورجى سورىس (George Soros). ئۇ 2004-يىلىدىكى ئامېرىكا پىرىزدېنت سايلىمىدا كېرىنى قوللاپ بۇشقا قارشى تۇرغان ۋە بايلىقىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى دىگۈدەك كىرىينىڭ پىرىزدېنت سايلام رىقابىتىگە خىراجەت قىلىپ بېرىۋەتكەن. كېرىي سايلىنالمىغانلىقتىن سورىسمۇ دۇنيادىكى بايلار قاتارىدا 9-ئورۇندىن بىراقلا 80-ئورۇنغا چۈشۈپ كېتىپ كۈچىمۇ ئازلاپ كەتكەن.
جورجى سورىس 1947-يىلى ئەنگىلىيەگە كۆچمەن بولغان.
1956-يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ ئۈزىنىڭ بايلىق توپلاش سەپرىنى باشلىغان.
1979-يىلى ئۆز ئۆمرىدىكى تۇنجى فوند شىركىتىنى قۇرغان.
1984-يىلى ۋېنگىرىيەدە شەرقى ياۋرۇپادىكى تۇنجى فوند شىركىتىنى قۇرغان.
1987-يىلى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى تەۋەسىدە يەنە بىر فوند شىركىتى قۇرۇپ 31 دۆلەتتە ئۆزىنىڭ سودا تورىنى ئورناتقان.
1992-يىلى ئەنگىلىيەنىڭ سىياسى ئىقتىسادى تۈزۈلمىسىدىكى ئاجىزلىقنى ئالدىن كۈرۈپ تاشقى پىرىۋوت بازىرىدا 10مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرىنى فوند سىتىرلىڭنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈشىگە تىكىۋەتكەن. ئۇنىڭ ئۈزىگە شۇ قەدەر ئىشەنچىسى بار ئىدىكى 10 مىلىيارد دوللارنى تىككەن كۈن كىچىسى ئۆمرىدىكى ئەڭ تاتلىق ئۇيقۇنى ئۇخلىغان. نەتىجىدە ئەتىسى ئەتىگەندە ئۆزىنىڭ شۇ كىچىدىلا ئىككى مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرى پايدىغا ئىرىشكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغان.
1997-يىلى يەنە تايلانتتا يۈز بەرگەن ئىقتىسادى قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ ئۆز تەسىرى بىلەن بۇ ئىشنى زورايتىپ تېزلىكتە شەرقى جەنۇبى ئاسىيا پۇل - مۇئامىلە كىرزىسىنى قوزغاپ سۇنى لېيىتىپ بىلىق تۇتۇپ قىسقىغىنە بىر نەچچە ئايدا ئىككى مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرى پايدا ئالغان. كورىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل شەرقى ئاسىيا سورىسنىڭ مالىمانچىلىقىغا ئۇچراپ ھەتتا ھىندونوزىيەدە ھاكىمىيەتنىڭ ئالمىشىشىغا، شەرقى تېمۇرنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا سەۋەپچى بولغان. شۇنداق قىلىپ جورجى سورىس مالايسىيا باش مىنىستىرى ماخاتېرنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ تىللىشىغا سازاۋەر بولغان.
جورجى سورىسجورجى.سورىس بىر تالانت ئىگىسى،يەنە كىلىپ كاللىسى بەكلا ئۆتكۈر، ئۇ ئۈزىنى پەيلاسوپ دەپ قارايدۇ. شەرقى جەنۇبى ئاسىيا پۇل - مۇئامىلە كىرزىسىدىن كىيىن ئاسىيالىقلار بىر بىرىگە مۇنداق دەيدۇ«سورىس كەلدى،پۇل قاپچۇقۇڭلارغا ئىھتىيات قىلىڭلار».
سورىس دۇنيادىكى بايلار قاتارىدا ھازىر 80-ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى، بىراق سورىس يەنىلا دۇنيا ئىقتىسادى مۇنبىرىدىكى قورقۇنچلۇق سايە.
جورجى. سورسى خوددى ۋارىن باففىتقا ئوخشاشلا ئۇلۇغ مەبلەغشۇناس، ئىككىسىنىڭ پەرقى جورجى سورسنىڭ يەھۇدى بولغانلىقىدا. ئاندىن قالسا ۋارىن باففىت ماۋزىدۇڭغا ئوخشاش ئۇزاققا سۇزۇلغان ئۇرۇش قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇرۇپلا قاچىدىغان پارتىزانلىق بىلەن خۇشى يوق، جورجى. سورىس بولسا گىتلىرغا ئوخشاش ئۇزاق پىلانلاپ، پۇرسەت پىشىپ يىتىلگەندە چاقماق تېزلىگىدە ھۇجۇمغا چىقىپ يەنە شۇ چاقماق تىزلىگىدە ئولجىنى قولغا چۈشۈرۈپلا يۇلىغا قايتىدۇ، يەنى پارتىزانلىقنى ياخشى كۈرىدۇ، ئۇرۇش ئۇزاققا سۇزۇلۇپ كەتسە ئۇنىڭ خاراكتىرى ئۇنىڭ مەغلۇبىيىتىنى بەلگىلەپ قۇيىدۇ.
جورجى. سورىسنى نۇرغۇن ئادەملەر ياخشى كۈرىدۇ، چۈنكى بەزىدە ئۇ ئۈزىنى خۇداغا ئوخشىتىپ دۇنيانىڭ تېنىچلىغى ۋە نامراتلار ئۈچۈن پۇل چىقىرىپ تۇرىدۇ. بەزى دۆلەتلەر بولسا ئۇنى قاغاپلا تۇرىدۇ، چۈنكى ئۇ دۆلەتلەرنىڭ نەزىرىدە جورجى. سورىسى ئۇچىغا چىققان پۇرسەتپەرەس، قارا نىيەت كىشى. لېكىن جورجى. سورىس ئۈزىگە مۇنداق باھا بىرىدۇ« ئۇلارنىڭ مىنى تىللىشى توغرا ئەمەس، مەن پەقەت ھامان يۈز بىرىدىغان كىرزىسىنى بىر نەچچە يىل ئالدىغا سۈرۈپ قويدۇم خالاس،خاتالىق بار دىيىلسە شۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى تۈزۈلمىسىدىن ئىزلەش كېرەك».[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.