پەرىخە

پەرىخە - ئۇيغۇر، شىنجاڭ شىخۇدا تۇغۇلغان. 14 يېشىدىن باشلاپ تەنتەربىيە مەكتىپى چېلىشىش كەسپىگە كىرگەن. 2017-يىللىق ئاسىيا چېلىشىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسدە جۇڭگو چېلىشىش كوماندىسى 75 كىلوگىراملىقلار بويىچە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن

ئۇيغۇرچە ئىسمى پەرىخە
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى شىنجاڭ شىخۇ
بەدەن ئېغىرلىقى 75 كىلوگىرام
پۈتتۈرگەن مەكتىپى بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 帕丽哈
مىللىتى ئۇيغۇر
تۇغۇلغان ۋاقتى 1997-يىلى
كەسپى تەنھەرىكەتچى
تەنھەرىكەت تۈرى چېلىشچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پەرىخە - ئۇيغۇر، 1997-يىلى شىنجاڭ شىخۇدا تۇغۇلغان. 5 يېشىدا ئاپىسى ، 12 يېشىدا دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەن، شۇنىڭ بىلەن بوۋىسى پەرىخەنىڭ ئىرادىسى كۈچلۈك، قەيسەر چوڭ بولىشىنى ئويلاپ، 14 يېشىدا پەرىخەنى تەنتەربىيە مەكتىپى چېلىشىش كەسپىگە بەرگەن. 

14 يېشىدا ئىشتىن سىرتقى تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ چېلىشىش كەسپىگە كىرگەن. كىيىن بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى چېلىشىش كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغان. 2010-يىلى شىنجاڭ ئاياللار چېلىشىش كوماندىسىغا تاللانغان. 2017-يىللىق مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يېغىنىدا تاللاش مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىقىپ ، دۆلەت ئاياللار چېلىشىش كوماندىسىغا تاللانغان. 

2014-يىلى دۇنيا ياشلار مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن.

 2014-، 2015-يىلى ئۇدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ياشلار مۇسابىقىسى، ئاسىيا ياشلار مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى. بۇلتۇردىن باشلاپ قۇرامىغا يەتكەنلەر مۇسابىقىسىگە قاتناشقان پەرىخە، بۇ يىلنىڭ بېشىدا خەلقئارا A دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسى ھاۋانا بېكىتىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن.

2017-يىلنىڭ بېشىدا خەلقئارا A دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسى ھاۋانا بېكىتىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن.

2017-يىلى 14-ماي ھىندىستان يېڭى دېھلىدا ئاياغلاشقان 2017-يىللىق ئاسىيا چېلىشىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسدە، تۇنجى قېتىم مۇسابىقىگە قاتناشقان 21 ياشلىق شىنجاڭلىق قىز پەرىخە جۇڭگو چېلىشىش كوماندىسى 75 كىلوگىراملىقلار بويىچە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، ۋەتىنىمىز ۋە رايونىمىزغا زور شان-شەرەپ كەلتۈرگەن. ( ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 8:1 نەتىجە بىلەن ياپونىيەلىك ماھىر تاكايۇكى ماساكونى مەغلۇب قىلدى )


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#