ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ-ھۆكۈمەت ئېگىلىكىدىكى شىنىجاڭدىكى تۇنجى قۇرۇلغان ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ 1891-يىلى مەكىزى شەھەر ئۈرۈمچىگە جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ
ئېنگىلىزچە ئاتىلىشى Urumqi No.1 Senior High School
قۇرۇلغان ۋاقتى 1981-يىلى
تۈرى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مەكتەپ
خەنزۇچە ئاتىلىشى 乌鲁木齐市第一中学
مەكتەپ تەربىيەسى تىرىشچان ،ئىرادىلىك ،ئەخلاقلىق
ئورنى شىنجاڭ ئۈرۈمچى
تەپسىلى ئادرىسى ئۈرۈمچى شەھەر ساغلاملىق يولى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مەكتەپ قۇرۇلغاندىن ھازىرغا قەدەر يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە. شىنجاڭدا ئەڭ بالدۇر قۇرۇلغان ئوتتۇرا  مەكتەپ ھېسابلىنىدۇ. ئاساسى بولغان بودا بىلىم يۇرتى 1891-يىلى 8-ئاينىڭ 14 كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭدىكى ئەڭ يۇقىرى بىلىم يۇرتى ھەم كېجۇ ئىمتىھانىدىن ئۆتكەنلەرنى تاللايدىغان ئورۇن ئىدى. تۆت كىتاب، بەش دەستۇر، خەت مەشىقى قاتارلىقلار دەرسلىك  قىلىپ ئۆتۈلۈپ، كېجۇ تۈزۈمىگە ماسلاشقان خادىملارنى تەربىيىلەيتتى. مەكتەپ ئادرېسى ئۈرۈمچى شىمالىي كۆۋرۈك(ھازىرقى 1-ئوتتۇرا) دە بولۇپ، شىنجاڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭدىكى مائارىپ ساھەسىدىكى ئەربابلارنىڭ كۆپ قىسمى بودا بىلىم يۇرتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىدى. 1906-يىلى شىنجاڭ ئۆلكە قارمىقىدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلدى. مەكتەپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپى ۋە پېداگوگىكا سىنىپىنى بىردىن ئاچقان، ئوقۇتقۇچى 11 نەپەر، ئوقۇغۇچى 112 نەپەر ئىدى.يېڭىدىن قۇرۇلغان پەنلەر تولۇق ئەمەس ئىدى. 1909-يىلى قىشتا بېيجىڭدىن فىزىكا، خىمىيە، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسىدىن تۆت نەپەرنى يۆتكەپكەلگەندىن كېيىن فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق پەنلەر تەسىس قىلىنغان. 1907-يىلدىن 1910-يىلىغا قەدەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپ ھەرتەرەپلەرگە بېرىپ ئوقۇتقۇچى بولىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەشنى ئاساس قىلغان.شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپ بىر قەدەر ئۇزۇن مەزگىل تاقىلىپ قالغان. 1920-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇغۇچىقوبۇل قىلىش ئەسلىگە كېلىپ ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپى قوبۇل قىلىنغان. ئورنى شەرقىي كىچىك قوۋۇق) ھازىرقى جيەنگو يولى ئېغىزى سەي بازىرى بىلەن بىر قاتار) تا، ئوقۇتۇش تۈزۈمى تۆت يىللىق بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ناھىيىلىرىدىن تاللاپ ئىمتىھان ئارقىلىق 40 نەپەر رەسمىي ئوقۇغۇچى، 20 نەپەر تەييارلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ، كېيىن تولۇقلىما ئىمتىھان ئارقىلىق يەنە سەككىز نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان. sfsئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپىدا دۆلەت تىل ئەدەبىياتى، ماتېماتىكا، فىزىكا، تارىخ، جۇغراپىيە، تەنتەربىيە، گىمناستىكا، مۇزىكا، قول ھۈنەرۋەنلىك، رۇستىلى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان. ھەركۈنى تۆت سائەت دەرس ئوقۇلۇپ، تۆتىنچى يىلى ئوتتۇرا مەكتەپتە قانۇن، ئىقتىساد ئىككى دەرسلىك تەسىسقىلىپ، كېيىنكى مەزگىلدىكى قانۇن ئۆگىنىشكە ئاساس سالغان. 1924-يىلى 1-قارار ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ پۈتتۈرگەن، قاتتىق تەلەپ قويۇپتاللاش ئارقىلىق 40 نەپەر مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىدىن 33 نەپىرى رۇس تىلى سىياسىي قانۇن مەخسۇس كۇرس مەكتىپى بىرىنچى قارارسىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان. 1924-يىلى كۈزدە ئىككىنچى قارار سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان. شۇ يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئوتتۇرا sfمەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1934-يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك دىخۇا ئوتتۇرا مەكتىپى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. ئوقۇتۇش تۈزۈمى-دەرس سائىتى تۈزۈلمىسىگە ئۆزگەرتىلگەن، لېكىن مەكتەپ تۈزۈلمىسىدە يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، ئوقۇتۇش نازارەتچىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئوقۇتۇش باشقارمامۇدىرى ۋە كەسپىي ئىشلار مۇدىرىنى بىردىن تەسىس قىلغان، مەكتەپتە ھەركۈنى ئالتە سائەت دەرس ئۆتۈلگەن، باشقا ۋاقىتتا، ئوقۇغۇچىلار تەنتەربىيەپائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. 1920-يىلى ئوقۇتۇش ئەسلىگە كەلگندىن كىيىن 1934-يىلىغا قەدەر 9سىنىپ قوبول قىلىنغان. ھەربىر سىنىپتا 30 دىن 40 غىچە بالا بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مىللىي ئوقۇغۇچىلارمۇ بار ئىدى. 1935- sfيىلى يۇشيۇسۇڭ ئۆلكىلىك دىخۇا 1-ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرلىقىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان. ئاشكارا ھالدا ئوقۇغۇچىلارغا ماركسىزم-لېنىنزىم sfs

نەزەرىيىسى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىگەن ۋە ماركسزم-لېنىنزمنى زۆرۈرۈ ئوقۇشلۇق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئىنقىلابى نەزەرىيىسىنى ئۆگىنىشنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرگەن. شۇ يىلى كۈزدە بىرىنچى قېتىم مىللىي سىنىپ قوبۇل قىلىپ، شىنجاڭ تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق sfsfمىللىي، خەنزۇ ئارىلاش مەكتەپ بولۇپ قالغان. 1934-، 1935-، 1937-يىللىرى مەكتەپ ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان سىنىپتىن 280 نەپەردىن ئارتۇقئوقۇغۇچىنى تاللاپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا پەلسەپە، ئىقتىساد، يېزا-ئىگىلىك، چارۋىچىلىق، دوختۇرلۇق، سۇچىلىق قاتارلىق كەسىپلەردەسىستېمىلىق ئۆگىنىشكە ئەۋەتكەن. 1935-يىلدىن 1941-يىلغىچە بولغان ئالتە يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە كوممۇنىستلار ھەمدە نۇرغۇن ۋەتەنپەرۋەر ئىلغار زاتلارنىڭ دەرس بېرىشى بىلەن 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ھەرقايسى جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. شىنجاڭنىڭياپونغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ ئاۋانگارتلىرى بولغان. بۇ مەزگىلدە مەكتەپ يەنە نۇرغۇن ئىنقىلابى كادىرلارنى يىتىشتۈرۈپ sfsچىقارغان. 1942-يىلدىن 1944-يىلغىچە شىڭ شىسەي مەكتەپكە قارىتا فاشىستىك ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈپ، نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىتۈرمىگە سولىغان. بۇنىڭ بىلەن مەكتەپ يېرىم پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. 1944-يىلى شىڭ شىسەي شىنجاڭدىن ئايرىلىپ 1-ئوتتۇرا مەكتەپئادەتتىكىدەك ئوقۇتۇش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئوقۇغۇچى سانى ئازلاپ كەتكەن. سىنىپلار قوشۇۋېتىلگەن. كېيىن مەكتەپ بىر قىسىمئوقۇتقۇچىلارنى تولۇقلىغاندىن كېيىن ئوقۇتۇش ۋەزىيىتى نورمال ھالەتكە قايتقان. 1920-يىلدىن 1944-يىلغىچە مەكتەپ 42 سىنىپ ئاچقان. 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى شىنجاڭ ئىنستىتۇتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتەپتىكى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئۆلكىلىك 1-ئوتتۇرىغا قوشۇۋېتىلدى. شۇ يىلى 1-ئوتتۇرىنىڭ مىللىي ئوقۇغۇچىلىرى 3-ئوتتۇرا(دىخۇا ئۇيغۇر مەكتىپى) گە قوشۇۋېتىلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن 1-ئوتتۇرا مۇكەممەل ئوتتۇرامەكتەپ بولغان. 1946-يىلى مەكتەپ تەرەققىي قىلىپ «3.2» لىك تۈزۈمدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بولغان. ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدەمەكتەپتە مەكتەپ ئىشلىرى كومىتېتى قۇرۇلۇپ، ھەربىي مەشىق باشقارمىسى، تەنبىھ-تەربىيە باشقارمىسى ۋە تەن جازاسى باشقارمىسى قاتارلىقلاربىكار قىلىندى. ئىلمىي باشقارما، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلدى. سىنىپ مۇدىرى تەسىس قىلىنىپ، مەكتەپكە ھەمكارلىشىپ دېموكراتىكتەربىيە ئېلىپ بارغان. 1953-يىلى 1-ئوتتۇرا شىنجاڭدىكى بىردىنبىر نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ قالغان. 1954-يىلى 8-ئايدا، 1- sfsfئوتتۇرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا قىسمى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ، 1-ئوتتۇرىنىڭ نامى ئۈرۈمچى 1-تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆزگەرتىلدى، 1957- sfsfيىلى 4-ئايدا مەكتەپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ ئەسلىگە كەلگەن ھەمدە ئۈرۈمچى 1-ئوتتۇرا مەكتىپى دەپ ئاتىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىگە تەۋە بولغان. 1966-يىلى 5-ئايدا مەكتەپ مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدە دەرس توختاتقان. 1960-يىلى 1-ئوتتۇرا مەملىكەتلىكقىزىل بايراقدار مەكتەپ دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن. 1961-يىلدىن 1962-يىلغىچە 2-باشلانغۇچ 1-ئوتتۇرا مەكتەپ شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىگەقوشۇۋېتىلىپ، بىر تۇتاش ئوقۇتۇش شەكىللەنگەن. 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە 1-ئوتتۇرا ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپكومىتېتىغا تاپشۇرۇلۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1982-يىلى قايتىدىن مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكىياخشى باشقۇرۇلغان نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. 1985-يىلى مەملىكەتلىك «جانلىق ئوقۇغۇچىلار تۇرمۇشى» ئىلغاركوللېكتىپى بولۇپ باھالاندى ھەم ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. شۇ يىلى مەملىكەتلىك يېنىك ئاتلېتكا سۇ ئۈزۈشئەنئەنىۋى تۈرلەر مەكتىپى بولۇپ باھالانغان. 1991-يىلى مەملىكەتلىك كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ بولۇپ باھالانغان.مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 21400 كۋادرات مېتىر. 1999-يىلدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى سانى 190 نەپەر، ئوقۇغۇچى سانى 1800نەپەر.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

بەيدۇ تورى قامۇسى 

http://baike.baidu.com/view/606914.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    50%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#