زەھەر چاچىدىغان كۆزەينەكلىك يىلانلار
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
زەھەر چاچقۇچى كۆزەينەكلىك يىلانلار ھاياتى تەھدىتكە ئۇچرىغاندا زەھەرلىك چىشى ئارقىلىق قىسقا ئارىلىققا زەھەرلىك سۇيۇقلۇق چېچىش بىلەن ئۆزىنى قوغدايدىغان بارلىق كۆزەينەكلىك يىلانلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ زەھەرلەرنىڭ ھېچقانداق زەخمىگە ئۇچرىمىغان تېرىگە زىيىنى يەتمەيدۇ. بىراق، بۇ زەھەرلىك سۇيۇقلۇق كۆزگە كىرىپ كەتسە ھەم ۋاقتىدا داۋالىتىلمىسا ئادەمنى قىسقا مەزگىل قارىغۇ قىلىپ قويىدۇ.
زەھەر چاچقۇچى كۆزەينەكلىك يىلانلارنىڭ زەھىرى ئەمەلىيەتتە ئېتىلىپ چىقىدىغان بولۇپ، ھەر قېتىم زەھەر چاچقاندا زەھەر خالتىسىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇسكۇللار قىسىلىپ زەھەرنى چىقىرىۋېتىدۇ. ئارقىدىن، بۇ زەھەر چىش ئارىلىقىدىن ئېتىلىپ چىقىدۇ.
زەھەر چىشتىن ئايرىلغاندا يىلانلارنىڭ ئۆپكىسىدىن چىققان ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئېتىلغان ھالەتتە چىقىدۇ. بۇ يىلانلارنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلگەندە زەھىرىنى 2 مېتىردىن يىراق جايغا چاچالايدۇ.
زەھەر چېچىش زەھەرلىك كۆزەينەكلىك يىلانلارنىڭ ئۆزىنى قوغداشتا ئەڭ دەسلەپ قوللىنىدىغان ۋاستىسى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار يەنە دۈشمىنىنى چىشلەش ئارقىلىقمۇ زەھەرلەيدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.