يۈيلىن

يۈيلىن شەھىرى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇبى، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىمال تەرىپى، قەدىمكى سەددىچىن سېپىلىنىڭ يېنىغا جايلاشقان داڭلىق قۇملۇق شەھەر. يۈيلىننىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر سەنئىتى تەرەققىي تاپقان، خەلق مۇزىكىسى «يۈيلىن كۈيى» كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ.

نامى يۈيلىن
دۆلىتى جۇڭگو
تەۋە رايون گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى
نوپۇسى 71 مىليون 73 مىڭ (2015)
ئىنگلىزچە نامى Yulin
خەنزۇچە نامى 玉林
مەمۇرىي رايون شەكلى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر
يەر مەيدانى 12 مىليون 838 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىر
كىلىماتى سۇبتروپىك بەلباغ موسسونلۇق كىلىماتى
جۇاڭزۇچە نامى Yilinz

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۈيلىنيۈيلىن شەھىرى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇبى، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىمال تەرىپى، قەدىمكى سەددىچىن سېپىلىنىڭ يېنىغا جايلاشقان داڭلىق قۇملۇق شەھەر. يەر مەيدانى 12 مىليون 838 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىر، ئاھالىسى71 مىليون 73 مىڭ (2015). قەدىمدە ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى مۇھىم بازار ۋە موڭغۇل-خەنزۇ خەلقلىرى سودا ئالاقە قىلىدىغان جاي بولغان. يۈيلىننىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر سەنئىتى تەرەققىي تاپقان، خەلق مۇزىكىسى «يۈيلىن كۈيى» كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ.

يۈيلىنقەدىمدە ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى مۇھىم بازار ۋە موڭغۇل-خەنزۇ خەلقلىرى سودا ئالاقە قىلىدىغان جاي بولغان. قەدىمىي شەھەر مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بىنا قىلىنغان، شەھەر سېپىلىنىڭ كۆپ قىسمى ساقلىنىپ قالغان، شەھەر ئىچىدە قەدىمي قۇرۇلۇشلار بەك كۆپ بولۇپ، شىنمىڭ راۋىقى، ۋەنفۇ راۋىقى، دەيشىڭ ئىبادەتخانىسى، گۇەن يۆ ئىبادەتخانىسى ۋە خاتىرە راۋىقى قاتارلىقلار بار. شەھەرنىڭ شىمالىدا قەدىمكى سېپىل، جېنبېي شىپاڭى، يىماچېڭ، قىزىل تاش جىلغىسى شۇڭشەن بۇتخانىسى، شۇنداقلا لىنشياۋ مۇنارى، چىڭيۈن ئىبادەتخانىسى، يۇڭجى كۆۋرۈكى قاتارلىقلار بار.

يۈيلىنيۈيلىن شەھىرى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزى نەننىڭ شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 190 كىلومېتىر، يۈيلىن شەھىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى. شەرقىي ئۇزۇنلۇق ′39°109 دىن ′18°110 غىچە. شىمالى كەڭلىك ′19°22 دىن′01°23  غىچە. شەرقىي تەرىپى گۇاڭدۇڭ ماۋمىڭ شەھىرى. غەربى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايۇنىنىڭ چىنجۇ شەھىرىدە، غەرب تەرىپى چىنجۇ شەھىرىدىن گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى بېيخەي شەھىرى بىلەن قوشنا، شىمالدا گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى گۇيگاڭ شەھىرى، شەرقىي شىمال تەرىپى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى ۋۇجۇ شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەھەر ئومۇمىي كۆلىمى 12838 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ گۇاڭشىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 236661 كۇۋادىرات %5.42 ئىگىەللەپ ئاپتونوم رايون بويىچە ھەرقايسى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر قاتارىدىن 8-ئورۇندا تۇرىدۇ. 

يۈيلىنيۈلىن تىپىك سۇبتروپىك بەلباغ موسسونلۇق كىلىماتىغا تەۋە.ھاۋا كىلىماتى ئىللىق، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃22؛ ھۆل-يېغىن مىقدارى يېتەرلىك ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 1650 مىللىمېتىر. نۇر ۋە ئىسسىقلىق يېتەرلىك، كۈن نۇرىنىڭ يىللىق چۈشۈش ۋاقتى 1795 سائەت. قىروسىز مەزگىلى ئۇزۇن، يىللىق ئوتتۇرىچە قىروسىز كۈن سانى 346 كۈن. چېكىگە يەتكەن ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃2-، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃38. يىللىق ھۆل-يېغىن مەزگىلى 160 كۈن. ھەر ئايلىق ئوتتۇرىچە شامال سۈرئىتى مۇۋاپىق سېكۇنتىغا 1.8~1.3 مېتىرغىچە كېلىدۇ. 

بىرىنچى كەسىپ

يۈيلىنيۈيلىن شەھىرى جەنۇبىي ئاسىيا ئىسسىق بەلباغ كىلىماتىغا تەۋە، تەبىئىي شارائىتى ئەۋزەل،  يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئىنتايىن ئۇزاق تارىخقا ئىگە.  گۇاڭشى يېزا ئىگىلىك ئەڭ دەسلەپ تەرەققىي قىلغان رايونلارنىڭ بىرى، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئومۇميۈزلۈك تېرىيدىغان زىرائەتلەر يەنى سۇ ۋە يەر ياڭىقى، شېكەر قومۇشى، كۆك ئوت قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. ئازادلىقتىن ئىلگىرى ئۇزاق مۇددەتلىك فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا  يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بوغۇلغان، ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى ناچار، يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى ۋە تېرىقچىلىق تۈزۈمى قالاق، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتى ئاستا ئىدى.

ئازاتلىقتىن كىيىن شەھەرلىك پارتكوم ۋە شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېزا ئىگىلىكنى خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى ئورۇنغا قويۇپ پۈتۈن زېھنى بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى تۇتۇپ 1951-يىلدىن باشلاپ 1956-يىلغىچە يەر ئىسلاھاتى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى كوپىراتسىيىلەشتۈرۈش ئارقىلىق يېزا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنى بىر قەدەر تېزلەتتى. 

ئىككىنچى كەسىپ

يۈيلىنيۈيلىن شەھىرى قەدىمدىن تارتىپ گۇاڭشىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى مۇھىم تاۋار سودا مەركىزى ۋە مۇھىم تاۋار سودا بازىرى. دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغاندىن كىيىن زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈش ئاستىدا يۈيلىن سانائىتى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، كىچىكتىن چوڭيىپ تېز تەرەققىي قىلدى.  شەھەر بويىچە يۇقىرى كۆلەملىك سانائەت كارخانىلىردىن  272 كارخانا تەكشۈرۈپ چىقىلىپ دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك كارخانا تېخنىكا مەركىزىدىن 4 ى قۇرۇلدى .ماشىنىسازلىق، فار–فۇر قاچا، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، دورا، كىيىم-كېچەك، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، توقۇلما ھۈنەر قاتارلىق يۇقىرى ئۈستۈنلۈككە ئىگە كەسپلەر ۋە ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلاردىن خەلق ئىگىلىكىدىكى ئىقتىساد تۇلۇق تەرەققىي قىلدى. ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلاردىن 13 مىڭ 800 سى بار. يەككە، خۇسۇسىي كارخانىلارد 100 مىڭدىن ئارتۇقى  ئورۇنلاشتۇرۇلدى. YC6105QC ئاپتوموبىل دىزېل موتورى، يېشىل مەرۋايىت ماركىلىق شال ئاقلاش ماشىنىسى،  يېشىل مەرۋايىتى  ماركىلىق 6NF تىپلىق ئايرىلما شەكىللىك شال ئاقلاش ماشىنىسى ۋە ھەر قايسى ماركىدىكى شال ئاقلاش ماشىنىسى گۇرۇپپىسى بىلەن تىپلىق قول تراكتورى قاتارلىق 35 مەھسۇلاتلىرى  ئۆلكە دەرىجىلىك ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتدەپ نام بېرىلدى. كىچىك تىپتىكى قېزىش ماشىنىسى، كۈندىلىك فارفور بۇيۇم، كۆن-خۇرۇم، ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى قاتارلىق زاۋۇتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق جايلاردا ئاساسىي ئۇرۇننى ئىگەللەيدۇ. دېزىل ماتورگۇرۇھى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوتتۇرا ئېغىر تىپلىق دېزىل موتور ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى دېزىل ماتور چەكلىك شىركىتىنىڭ «ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ شاھى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. يەككە تۈرى دىزېل موتور مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دىزېل موتورى مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ بولغان كىچىك تىپتىكى قېزىش ماشىنىسى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ھېسابلىنىدۇ. ئومۇمىي مـۈلـۈكـچىلىكتىكىدىن باشقا ئىقتىسادىي ئىگىلىكمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، شەھەر بويىچە كارخانا سانى %80 تىن يۇقىرى، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى شەھەر بويىچە ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى %63 دىن ئاشقان. (2004-يىلى)

ئۈچىنچى كەسىپ

يۈيلىن 2015-يىل ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئاشتى. ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 600.34 يۈز مىليون يۈەن، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.01 ئاشقان. بۇلار ئىچىدە شەھەر-بازارلاردىكى پارچە سېتىلىش سوممىسى540.16 يۈز مىليون يۈەن. بىرىنچىدىن يېزا-بازار پارچە سېتىلىش سوممىسى 6 مىليارد 17 مىليون يۈەنگە يېتىپ %9.35 ئاشقان. يېمەكلىك، ساغلاملىق تۈرى، ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، ماشىنىسازلىق-ئېلېكترون سايمانلىرى تۈرىدىكىلەرنىڭ تاۋار ئېشىشى بىر قەدەر تېز. ئىككىنچىدىن ئاشلىق، كىيىم-كېچەك، ئاياغ، باش كىيىم ئىلمە توقۇلما بۇيۇملىرىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪6.31 يۇقىرى كۆترۈلدى. ئۈچىنچىدىن مەدەنىيەت تۈرىدىكى تاۋار مىقدارى سەل كۆپەيدى. كۈندىلىك بۇيۇملار تۈرى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.90، گېزىت ژۇرناللارنىڭ سېتىلىشى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.26 يۇقىرى كۆترىلدى.[0] 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#